UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى بىر قىسىم گېزىتلەرشىنجاڭ سودا گېزىتى

شىنجاڭ سودا گېزىتى

شىنجاڭدىكى بىر قىسىم گېزىتلەر <شىنجاڭ سودا گېزىتى> - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى باشقۇرىدىغان، شىنجاڭ كۆك تاماكا مۇنوپول گۇرۇھى شىركىتى نەشر قىلىدىغان گېزىت، بۇ گېزىت 1988 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. گېزىت ھەپتىدە بىر سان كىچىك فورماتلىق، تۆت بەت چىقىدۇ. ئۇنىڭدا سودا ۋە ئىقتىسادقا دائىر خەۋەر - ماقالىلەر ۋە جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە، ئېقىم مەسىلىلىرىگە دائىر خەۋەر - ماقالىلەر بېرىلىدۇ. گېزىت ئەدەبىيات بېتىنىڭ نامى - <يۇلتۇز> بولۇپ، بۇ بەتكە پوۋېست، ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات، داستان، باللادا، قىسقا شېئىر قاتارلىق ژانىرلاردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر بېرىلىدۇ. ئەدەبىيات بېتى گېزىت نەشرقىلىنغاندىن تارتىپ بار بولۇپ، ئادەتتە ھەپتىدە بىر قېتىم چىقىرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى بىر قىسىم گېزىتلەر
شىنجاڭ سودا گېزىتى | UyghurWiki | UyghurWiki