UyghurWiki
UyghurWikiسەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاشساقلاش ۋە ئۇنتۇلۇش

ساقلاش ۋە ئۇنتۇلۇش

سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەرنى چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنى زاپاس ساقلاشنىڭ ئۆزى ساقلاش جەريانى بولىدۇ. بىراق، ساقلاش جەريانىدا، ئەستە ساقلانغان ماتېرىياللاردا مۇئەييەن ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشى ئۇنتۇلۇش بولىدۇ. ئادەتتىكى ئۇنتۇلۇشنى ئىككى تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. بىرى، مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلۇش؛ يەنە بىرى، ۋاقىتلىق ئۇنتۇلۇش. مەسىلەن، ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئۆگەتكەن دەرسلەرنى پىششىق بىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئوقۇتقۇچى ئالدىغا چىقىرىپ يادلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، يادلاپ بېرەلمەيدۇ، ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بولسا ئۇنى قايتا ئېسىگە ئالىدۇ، ئىمتىھاندا «قېيىپ كېتىش» مۇشۇ خىلغا كىرىدۇ. بۇنىڭدىن، كەيپىياتتىكى جىددىيلىك قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئەسلەشكە تەسىر كۆرسىتىپ، ۋاقىتلىق ئۇنتۇشنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. پسىخولوگ ئېبىنخوس ئۇنتۇشنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، مەشھۇر ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقى − «ئېبىنخوس ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقى» نى سىزىپ چىققان، بۇ ئەگرى سىزىق ئۇنتۇش مۇساپىسىنىڭ تەكشى بولمايدىغانلىقىنى، چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرغاندىن كېيىنكى قىسقا ۋاقىتتا ئۇنتۇشنىڭ تېزراق بولۇپ، كېيىنچە ئاستىلايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. شۇڭا، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ۋاقتىدا تەكرار قىلىش، ئەستە ساقلانغان ماتېرىياللار كۆپلەپ ئۇنتۇپ كېتىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ئەستە ساقلاشنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. پسىخولوگلار ئۇنتۇشنىڭ يەنە چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرغان ماتېرىياللارنىڭ خاراكتېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئادەتتە، پىششىق ھەرىكەتلەر، تونۇش ئوبرازلارنىڭ ئەستە ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزاق، ئۇنتۇلۇشى ئاستا؛ ئەكسىچە، تېتىقسىز، مەزمۇنى ئابستراكت ماتېرىياللارنىڭ ئەستە ساقلىنىشى تەس، ئۇنتۇلۇشى تېزراق بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش
ساقلاش ۋە ئۇنتۇلۇش | UyghurWiki | UyghurWiki