UyghurWiki
UyghurWikiسەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاشخىلمۇخىل خاتا تۇيغۇلار

خىلمۇخىل خاتا تۇيغۇلار

سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش خاتا تۇيغۇ كىشىلەرنىڭ تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەرگە بولغان خاتا ئىدراكىدىن ئىبارەت. فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى كۆك،ئاق، قىزىل ئۈچ خىىل رەڭدىن تەركىب تاپقان، بۇ ئۈچ خىل رەڭنىڭ ئىنتايىن تەبىئىي ۋە ماسلاشقانلىقىغا قاراپ، كىشىلەر بۇ ئۈچ خىل رەڭنىڭ كەڭ - تارلىقىنى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ كەڭلىكى ئوخشاشمايدۇ،كۆك، ئاق، قىزىللارنىڭ نىسبىتى30 :33:37. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دەسلىپىدە، فرانسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىدىكى كۆك،ئاق، قىزىل رەڭلەر ئوخشاش كەڭ - تارلىقتا ياسالغانىكەن، بىراق بايراق پۈتكەندىن كېيىن، كۆك رەڭ ئاق رەڭگە قارىغاندا تار، قىزىل رەڭ ئاق رەڭگە قارىغاندا كەڭ كۆرۈنگەن، مانا بۇ بىر خىل خاتا تۇيغۇ. بۇ خىل خاتا تۇيغۇنى يوقىتىش ئۈچۈن، كۆك رەڭنى كەڭرەك، قىزىل رەڭنى تارراق قىلىشقا توغرا كەلگەن. خاتا تۇيغۇنىڭ خىللىرى ناھايىتى كۆپ، مەيلى ماكان ئىدراكى، زامان ئىدراكى بولسۇن ياكى ھەرىكەت ئىدراكى بولسۇن، ھەممىسىدە خاتا تۇيغۇ پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ماكان خاتا تۇيغۇسىنىڭ ئاساسەن ئۈچ خىل تىپى بار: بىرى، شەكىل خاتا تۇيغۇسى. مەسىلەن، تىك سىزىق بىلەن تۈز سىزىق خاتا تۇيغۇسى. گەرچە ئىككى سىزىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولسىمۇ، بىراق تىك سىزىق ئۇزۇنراقتەك كۆرۈنىدۇ، يەنە ئىستىرىلكا خاتا تۇيغۇسىنى مىسالغا ئالساق، گەرچە رەسىمدىكى ئىككى تال سىزىق ئوخشاش بولسىمۇ، بىراق يۆنىلىشى ئوخشىمايدىغان ئىستىرىلكا قوشۇپ قويۇلسا، تۆۋەندىكى سىزىق ئۇزۇنراق كۆرۈنىدۇ؛ يەنە پاراللېل سىزىقلار خاتا تۇيغۇسىنى مىسالغا ئالساق، گەرچە رەسىمدىكى سىزىقلار پاراللېل بولسىمۇ، بىراق باشقا ئارقا كۆرۈنۈشلەرنىڭ كاشىلىسى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ پاراللېل سىزىق ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش تەس. يەنە بىرى، چوڭ - كىچىكلىك خاتا تۇيغۇسى. مەسىلەن، قۇياش ئەتىگەندە كۆتۈرۈلگەندە ياكى كەچتە ئولتۇرغاندا، ھامان ئۇنىڭ ئۈستىمىزدىكى ۋاقتىدىكىگە قارىغاندا چوڭلۇقىنى ھېس قىلىمىز. يەنە ئالايلۇق، پرېستاندا تۇرۇپ يىراق ئوكيان پاراخوتلىرىغا قارىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ پرېستاندىكى نەرسىلەردىن چوڭلۇقىنى، بىراق ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ پايانسىز دېڭىزدا ماڭغىنىمىزدا ئۇنىڭ ئىلگىرىكىدەك ئۇنداق چوڭ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئۈچىنچىسى، ئورۇن خاتا تۇيغۇسى. ئەگەر سىز ئەينەككە قاراپ، بېشىڭىزدىكى بىرەر تال چاچنى تۇتماقچى بولسىڭىز، ئۇنى ئاسانلىقچە تۇتالمايسىز. چۈنكى، ئادەم ئەينەككە قارىغاندا ئاسانلا خاتا تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، بىرەر تال چاچنى ئاسان تۇتقىلى بولمايدۇ. زامان خاتا تۇيغۇسى پوزىتسىيە، قىزىقىش ۋە كەيپىياتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئادەمدە دائىم ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىشلارغا قارىتا خاتا زامان ئىدراكى پەيدا قىلىدۇ. بەزىدە ۋاقىتنىڭ ناھايىتى تېز ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلساق، بەزىدە ناھايىتى ئاستا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. مەسىلەن، سىزنىڭ پويىز ئىستانسىسىنىڭ كۈتۈش زالىدا جىددىيچىلىكتە ئۆتكۈزگەن ئىككى سائىتىڭىز بىلەن تەنتەربىيە مەيدانىدا ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ كۆرگەن قىزىقارلىق توپ مۇسابىقىسىدىكى ئىككى سائىتىڭىز ئوخشاش بولسىمۇ، بىراق بىر تەنتەربىيە مەستانىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالدىنقى ئىككى سائەت ئىنتايىن ئاستا، كېيىنكى ئىككى سائەت ئىنتايىن تېز ئۆتكەندەك بىلىنىدۇ. كونىلاردا «خۇشاللىقتا كېچىمۇ قىسقا بىلىنىدۇ، پەرىشانلىقتا ۋاقىتنىڭ ئۆتمىكى تەس» دېگەن گەپ بار. بۇ، دەل مۇشۇ قائىدىنى ئىسپاتلايدۇ. ھەرىكەت خاتا تۇيغۇسىمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئورنىڭىزدا تۇرۇپ بىرنەچچىنى ئايلىنىپ توختىۋالسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز، يەنە ئالايلۇق، كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىكى سۇغا ئۇزاق قارىسىڭىز، كۆۋرۈك بىلەن بىللە ھەرىكەتلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز. خاتا تۇيغۇنىڭ پەيدا بولۇشى پۈتۈنلەي يامان ئىشمۇ ئەمەس. كىشىلەر لايىھىلەرنى خاتا تۇيغۇغا ئاساسەن لايىھىلەپ، تۇرمۇشنى مول، رەڭدار، شاد - خۇراملىققا ئىگە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش