UyghurWiki
UyghurWikiسەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاشدىققەتنىڭ كەڭلىكى ۋە تۇراقلىقلىقى

دىققەتنىڭ كەڭلىكى ۋە تۇراقلىقلىقى

سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش دىققەتنىڭ كەڭلىكى دىققەتنىڭ دائىرىسىمۇ دېيىلىدۇ، ئۇ، كىشىلەر بىرلا ۋاقىتتا ئېنىق دىققەت قىلغان ئوبيېكتنىڭ سانىنى كۆرسىتىدۇ. ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنىڭ كەڭلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. كىتاب ئوقۇشنى مىسالغا ئالساق، بەزىلەر سۆزمۇسۆز، جۈملىمۇجۈملە ئوقۇسا، بەزىلەر قۇرمۇقۇر ئوقۇيدۇ، يەنە بەزىلەر قۇرلاپ - قۇرلاپ، ھەتتا بەتلەپ »سۈپۈرۈپ« ئوقۇيدۇ. ئادەتتە، چوڭلار بىر تىنىقتا (ئوندىن بىر سېكۇنتتىن ئاشمايدۇ) تەخمىنەن8 دىن9 غىچە قارا چېكىتكە ياكى4 تىن6 گىچە بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتسىز لاتىن ھەرىپىگە دىققەت قىلالايدۇ. بىراق، دىققەتنىڭ كەڭلىكى بەزى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئىدراك ئوبيېكتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى دىققەتنىڭ كەڭلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئىدراك ئوبيېكتى مەركەزلىك تەشكىللەنسە، ئىنتايىن قانۇنىيەتلىك بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق بولسا، دىققەتنىڭ كەڭلىكى چوڭ بولىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر ئىدراك ئوبيېكتى تەشكىللەنمىگەن، تەرتىپسىز، قالايمىقان بولسا، دىققەتنىڭ كەڭلىكى كىچىك بولىدۇ. ئىلگىرىكى بىلىم، تەجرىبىلەرمۇ دىققەتنىڭ كەڭلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئىنتايىن قىسقا بولغان ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىر جۈملە چەت ئەل تىلىغا سەپ سالغاندا، چەت ئەل تىلىغا پىششىق كىشى بىرقانچە تاق سۆزگە، ھەتتا بىر پۈتۈن جۈملىگە دىققەت قىلالىسا، چەت ئەل تىلىنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر بىر - ئىككى تاق سۆزگىلا دىققەت قىلالايدۇ. دىققەتنىڭ كەڭلىكىنىڭ چوڭ - كىچىك بولۇشى ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆگىنىش جەريانىدا، دىققەتنىڭ كەڭلىكى قانچە چوڭ بولسا، ئوقۇش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ. خەت ئۇرغۇچى، پويىز، ماشىنا، ئايروپىلان شوپۇر، ليۇتچىكلىرى ۋە تەنتەربىيە رېپىرىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دىققەتنىڭ كەڭلىكى تېخىمۇ مۇھىم. دىققەتنىڭ تۇراقلىقلىقى ئادەم دىققىتىنىڭ مەلۇم شەيئى ياكى مەلۇم بىر خىل ھەرىكەت ئۈستىدە ئۇزاق ۋاقىت مۇقىم تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئۆتۈلۈۋاتقان دەرسنى زەن سېلىپ ئاڭلىغاندا، دىققەت ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىگە تۇراقلىشىدۇ. تەلەپنى يۇقىرىراق قويغاندا، دىققەتنىڭ تۇراقلىقلىقى مۇئەييەن ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ دىققىتى مەڭگۈ مەلۇم بىر ئوبيېكتقا تۇراقلىشىپ تۇرۇۋەرمەيدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، بىر خىللا پائالىيەت ھامان كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ؛ پائالىيەتلەر خىلمۇخىل بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشىمىغان ھەرىكەتلەر قايچىلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىلسا ياكى يېڭى مەزمۇنلار ئۈزلۈكسىز چىقىپ تۇرسا، دىققەتنىڭ تۇراقلىقلىقىنى خېلى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۆزىنىڭ دىققىتىنىڭ تۇراقلىقلىقىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە، دىققەتنىڭ چېچىلىشىدىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش، كاشىلىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش