ئىدراكنىڭ خىللىرى
سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش
ئىدراكنى ماكان ئىدراكى، زامان ئىدراكى ۋە ھەرىكەت ئىدراكى دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىش مۇمكىن، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا جىسىملارنىڭ ماكان ئالاھىدىلىكى، زامان ئالاھىدىلىكى ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
ماكان ئىدراكى كىشىلەرنىڭ جىسىملارنىڭ ماكان ئالاھىدىلىكىگە بولغان ئىنكاسىنى كۆرسىتىدۇ. جىسىمنىڭ ماكان ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى، يىراق - يېقىنلىقى، ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن، ئۇ شەكىل ئىدراكى، چوڭ - كىچىكلىك ئىدراكى، ئارىلىق ئىدراكى، سىتېرېئولۇق ئىدراك ۋە ئورۇن ئىدراكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شەكىل ئىدراكى كۆرۈش سەزگۈسى، تېگىش سەزگۈسى ۋە ھەرىكەت سەزگۈسىگە تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ جىسىملارنىڭ شەكلىگە بولغان ئىدراكى خېلى مۇقىم دائىملىققا ئىگە. ئىلگىرى مەلۇم جىسىمنى پىششىقراق بىلسىڭىز، مەيلى ئۇنى قايسى نۇقتىدىن ئىدراك قىلماڭ، ئاسانلىقچە خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ. چوڭ - كىچىكلىك ئىدراكى كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىپ، مۇنداق ئىككى جەھەتتىكى ئۇچۇرنى ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ: بىرى، جىسىمنىڭ ئۆزىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى؛ يەنە بىرى، جىسىم بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى ئارىلىق. ئوخشاش چوڭلۇقتىكى جىسىم بولغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى ئوخشاش بولمىسا، قارىغىنىڭىزدىمۇ ئوخشاش كۆرۈنمەيدۇ. بىراق، ئارىلىق ئامىلىنى بىللىلا ئويلاشقاندا، ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.ئارىلىق ئىدراكى كۆرۈش سەزگۈسى ياكى ئاڭلاش سەزگۈسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، مەسىلەن، بىر ئۆي بىر تۈپ دەرەخنى توسۇۋالغان بولسىمۇ، دەرەخنىڭ بىر قىسىم شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى كۆرۈنۈپ تۇرسىلا ئۆي شۈبھىسىزكى، بىزگە تېخىمۇ يېقىن بولغان بولىدۇ. كىشىلەر يەنە ھەمىشە ئاڭلاش سېزىمىغا تايىنىپ نەرسىلەرنىڭ ئۆزىدىن يىراق - يېقىنلىقىنى ئىدراك قىلىدۇ. مەسىلەن، كەينىمىزدىكى ماشىنا چىقارغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يىراق - يېقىنلىقىغا ھۆكۈم قىلىش قاتارلىقلار. ستېرېئولۇق ئىدراك كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەر جىسىملارنى كۆزەتكەندە، ئىككى كۆزىنىڭ كۆرگەن نەرسىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ كەتمەيدۇ، ئوڭ كۆز كۆپرەك ئوڭ تەرەپتىكى نەرسىلەرنى، سول كۆز كۆپرەك سول تەرەپتىكى نەرسىلەرنى كۆرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىر - بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل كۆرۈش سېزىمى ئوبرازى ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش پەردىسىنىڭ ئوخشاش نۇقتىسىغا چۈشكەندە، چوڭ مېڭىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئۇچۇرلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلىشى ئارقىلىق كۆرۈنگەن جىسىم ستېرېئولۇق تۇيغۇغا ئىگە بولىدۇ. ستېرېئولۇق ئىدراكنىڭ قائىدىسىدىن پايدىلىنىپ ستېرېئولۇق كىنو ئىجاد قىلىنغان. ئورۇن ئىدراكى كىشىلەرنىڭ دائىم ئۆزى ياكى جىسىملار تۇرغان شەرق، جەنۇب، غەرب، شىمال، يۇقىرى - تۆۋەن، ئوڭ - سول، ئالدى - كەينى قاتارلىق ئورۇنلارغا ھۆكۈم قىلىشتا پايدىلىنىدىغان ئىدراك بولۇپ، كۆپ خىل سەزگۈ ھۆكۈملىرىگە تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
زامان ئىدراكى كىشىلەرنىڭ ۋاقىتقا بولغان ئىدراكى. مەسىلەن، مەلۇم ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتى، قانچىلىك ئۇزاق داۋاملاشقانلىقى ۋە ئۇنى باشقا ئىشلار بىلەن سېلىشتۇرغاندىكى ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زامان ئىدراكى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر زامان ئىدراكى قىلغاندا، ھامان مەلۇم بىر خىل ئوبيېكتىپ ھادىسىنى پايدىلىنىش ئۆلچىمى قىلىدۇ. مەسىلەن، كىشىلەر قۇياشنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەربكە ئولتۇرۇشى، ئاينىڭ تۇتۇلۇشى، يۇلتۇزلارنىڭ كۆچۈشى، تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ۋاقىتنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىدۇ.
زامان ئىدراكى كۆپىنچە مۇنداق بەزى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ: بىرىنچى، كىشىلەر ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا مۇھىم ۋە قىزىقارلىق ئىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، ۋاقىتنىڭ ئىنتايىن تېز ئۆتكەنلىكىنى، مەززىسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، ۋاقىتنىڭ بەك ئاستا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئىككىنچى، ئەسلىگەندە ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. مەسىلەن، ئىلگىرى كۆرگەن ۋەقەلىكلىرى قىزىقارلىق ياخشى كىنونى ئەسلىگەندە، بۇ كىنونىڭ ناھايىتى ئۇزۇنلۇقىنى، ئادەتتىكى بىر كىنونى ئەسلىگەندە بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىگۈدەك ۋەقەلىكىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇ كىنونىڭ ناھايىتى قىسقىلىقىنى ھېس قىلىمىز.
ھەرىكەت ئىدراكى كىشىلەرنىڭ جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىگە بولغان ئىنكاسى. مۇنداق تۆت ئامىل ھەرىكەت ئىدراكىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى ئامىل، ئۇ جىسىم ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتىگە بېقىنىدۇ، كىشىلەر ئىنتايىن ئاستا ھەرىكەتلەرنى ئىدراك قىلالمىغاندىن تاشقىرى، ئىنتايىن تېز ھەرىكەتلەرنىمۇ ئىدراك قىلالمايدۇ. مەسىلەن، مىلتىقتىن ئېتىلغان ئوقنىڭ ھەرىكىتى بەك تېز بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئىدراك قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىككىنچى ئامىل، ھەرىكەتتىكى جىسىم بىلەن كۆزەتكۈچى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق. ئوخشاش تېزلىكتە ھەرىكەتلىنىۋاتقان جىسىم بىزگە يېقىن تۇرغاندا ھەرىكىتى تېزدەك بىلىنسىمۇ، بىزدىن يىراقلىغانسېرى ئاستىدەك كۆرۈنىدۇ. ئۈچىنچى ئامىل، كىشىلەرنىڭ قانداق جىسىملارنى ھەرىكەتنىڭ پايدىلىنىش ئوبيېكتى قىلىشى. مەسىلەن، كېچىدە بۇلۇتلار ئارىسىدا ئاي چىققاندا، ئەگەر سىز بۇلۇتنى مىدىرلىمايدىغان جىسىم، دەپ قارىغىنىڭىزدا، ئاينىڭ بۇلۇت كەينىدە ئالدىغا سىلجىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز؛ ئەگەر سىز ئاينى قوزغالمايدىغان جىسىم، دەپ قارىغىنىڭىزدا، ئۇنداقتا، بۇلۇتنىڭ ئاينىڭ ئالدىدا سۈرۈلۇپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئەمەلىيەتتە، بۇلۇتقا نىسبەتەن ئاي قوزغالمايدۇ، بىراق يەر شارىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەرىكەتلەنگەن بولىدۇ. تۆتىنچى ئامىل، كۆزەتكۈچىنىڭ جىمجىت تۇرۇشى بىلەن ھەرىكەتتە بولۇش ھالىتى. مەسىلەن، سىز قېيىققا ئولتۇرۇپ قىرغاقتىن ئايرىلغاندا، قېيىق مىدىرلىماي ئەكسىچە قىرغاقنىڭ كەينىگە كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز. كىنو، تېلېۋىزىيە، رەڭگارەڭ چىراغ ئېلانلىرى كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئىدراكىغا ئاساسلىنىپ لايىھىلەنگەن.