UyghurWiki
UyghurWikiسەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاشسەزگۈ

سەزگۈ

سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش ئادەم تۇغۇلغاندىن كېيىنلا تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلايدۇ. دۇنيادىكى تۈرلۈك - تۈمەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئالايلۇق، مەلۇم بىر خىل رەڭنى كۆرۈش، مەلۇم بىر خىل ئاۋازنى ئاڭلاش، مەلۇم بىر خىل پۇراقنى پۇراش، ئوخشىمىغان تېمپېراتۇرىنى ھېس قىلىش، ھەر خىل قاتتىق - يۇمشاق نەرسىلەرنى سىلاش قاتارلىق تۇرمۇشتا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاددىي، ئەڭ ئاساسىي ئىنكاسلار ئادەمنىڭ سەزگۈسى ھېسابلىنىدۇ. يەنە ئۆزىنىڭ قىياپىتى ۋە ھەرىكىتىنى ھېس قىلىش، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ نورماللىقى، ئاغرىشى، ئېچىرقىشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ھېس قىلىش قاتارلىقلار. سەزگۈ ئەڭ ئاددىي بىر خىل پسىخىكىلىق ھادىسە. ئۇ كىشىلەرنىڭ دۇنيانى بىلىشتىكى باشلىنىش نۇقتىسى.1961 - يىلى ئامېرىكىنىڭ پولىستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پسىخولوگى ھىرون مەشھۇر »سەزگۈدىن مەھرۇم قېلىش« تەجرىبىسى ئىشلىگەن. ئۇ تەجرىبىگە قاتنىشىشنى خالايدىغان55 ستۇدېنتنى ئاۋازسىز قاراڭغۇ ئۆيلەرگە ئايرىم - ئايرىم سولاپ، ئۇلارنى كۆرۈش سەزگۈسى ۋە ئاڭلاش سەزگۈسىنىڭ غىدىقلىنىشىدىن مەھرۈم قىلغان. ئۇلارنىڭ تېگىشىش سېزىمىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قوللىرىغا يەڭلىك كىيدۈرۈلۈپ قويۇلغان. تاماقلىنىش ۋە چوڭ - كىچىك تەرەتتىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئۇخلىشىغىلا يول قويۇلۇپ، باشقا ھېچقانداق ئىش قىلىشىغا يول قويۇلمىغان، نەتىجىدە، مۇشۇنداق ئەھۋالدا كۆپ ساندىكىلىرى ئىككى - ئۈچ كۈن، ئايرىملىرى ئالتە كۈنلا چىدىيالىغان. تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئەھۋالدا پىكرىنى مەركەزلەشتۈرەلمەي، خىيالىي تۇيغۇغا پېتىپ، ئىنتايىن ئازاب ھېس قىلغان. تەجرىبە تۆت كۈن داۋاملاشقاندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار قويۇپ بېرىلگەن ستۇدېنتلار ئۈستىدە ھەر خىل تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان. بىر كۈندەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار نورمال ھالىتىگە قايتقان. تەجرىبە كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەزگۈ پائالىيىتىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. سەزگۈ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرى، تاشقى سەزگۈ، مەسىلەن، كۆرۈش سەزگۈسى، ئاڭلاش سەزگۈسى، پۇراش سەزگۈسى، تەم سەزگۈسى، تېرىنىڭ تېگىش سەزگۈسى؛ يەنە بىرى، ئىچكى سەزگۈ، مەسىلەن، ھەرىكەت سەزگۈسى، تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسى، ئىچكى ئەزالار سەزگۈسى قاتارلىقلار. ھەربىر خىل سەزگۈ بەدەننىىڭ مەلۇم بىر سەزگۈ ئەزاسى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. كۆرۈش سەزگۈسى كۆزگە تايىنىدۇ، ئاڭلاش سەزگۈسى قۇلاققا تايىنىدۇ، پۇراش سەزگۈسى بۇرۇنغا تايىنىدۇ، تەم سەزگۈسى ئېغىزغا تايىنىدۇ، تېرە سەزگۈسى تېرىگە تايىنىدۇ، ئىچكى ھەرىكەت سەزگۈسى مۇسكۇل، مۇسكۇل پېيى ۋە ئۈگىلەرگە تايىنىدۇ، تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسى قۇلاقنىڭ ئالدىنقى دالانچە ئەزاسىغا تايىنىدۇ، ئىچكى ئەزالار سەزگۈسى ھەرقايسى ئىچكى ئەزالارغا تايىنىدۇ. يەنە بەزى سەزگۈلەر بىرقانچە سەزگۈنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن، تېگىش سەزگۈسى تېرە سەزگۈسى بىلەن ھەرىكەت سەزگۈسىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بەزى سەزگۈلەر ھەم تاشقى سەزگۈ، ھەم ئىچكى سەزگۈ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئاغرىق سەزگۈسى ھەم تېرىنىڭ زىيانلىق غىدىقلىنىشىدىن پەيدا بولغان تاشقى سەزگۈ بولۇشىمۇ، ھەم ئىچكى ئەزالاردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان ئىچكى سەزگۈ بولۇشىمۇ مۇمكىن. سەزگۈ بىزنى ھەم دۇنيانى بىلىشكە يېتەكلەيدۇ، ھەم بىزنى ئۆزىمىزنى قوغداشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. بىر ئادەم مەلۇم بىر سەزگۈسىنى يوقاتسا، مەلۇم بىر خىل خەتەرگە يولۇقۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. مەسىلەن، ئادەم ئاغرىق سەزگۈسىنى يوقاتسا، ئۆزىنى قانداق قوغداشنى، قانداق قىلىپ زىيان - زەخمەتتىن ساقلىنىشنى بىلەلمەي قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش
سەزگۈ | UyghurWiki | UyghurWiki