سەزگۈنىڭ ئۆزئارا تەسىرى
سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش
كىشىلەر تۇرمۇشتا ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى ھامان ئۈزلۈكسىز، ھەتتا بىرلا ۋاقىتتا دېگۈدەك سېزەلەيدىغان بولغاچقا، سەزگۈنىڭ ئۆزئارا تەسىرى پەيدا بولىدۇ. سەزگۈنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنىڭ نەتىجىسىدە يەنە نۇرغۇن قىزىقارلىق ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ.
بىر خىلى سەزگۈنىڭ ماسلىشىشى، دېيىلىدۇ، ئۇ سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئوخشاش بىر خىل غىدىقلىغۇچىنىڭ غىدىقلىشىنى ئىزچىل قوبۇل قىلغاندا پەيدا بولىدۇ. كۈندۈزى يوپيورۇق تالادىن چىراغلىرى ئۆچۈرۈلگەن كىنوخانىغا كىرگەندە، دەسلىپىدە ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، بىردەمدىن كېيىن ئۇنچىلىك قاراڭغۇ بىلىنمەيدۇ، مانا بۇ كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ قاراڭغۇلۇققا ماسلىشىشى ھېسابلىنىدۇ. قاراڭغۇ كىنوخانىدىن يورۇق جايغا چىققاندا، دەسلىپىدە ھەممە نەرسە كۆزنى چاقىدۇ، بىرنەچچە سېكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن ئوڭشىلىپ قالىدۇ، بۇ، كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ يورۇققا ماسلىشىشى، دېيىلىدۇ. «خۇش پۇراقلىق خانىدا ئۇزاق تۇرساڭ خۇش پۇراقنى بىلەلمەيسەن، بېلىق بازىرىغا كىرىپ كۆپرەك تۇرساڭ، سېسىقچىلىقنى ھېس قىلالمايسەن» دېگەن گەپ بار. بۇ، پۇراش سەزگۈسىنىڭ ماسلىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
يەنە بىر خىلى سەزگۈ سېلىشتۇرمىسى، بۇ، ئوخشاش بىر سەزگۈ ئەزاسىنىڭ ئوخشىمىغان غىدىقلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ. ئۇ بىرلا ۋاقىتتا سېلىشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى - كېيىن سېلىشتۇرۇش، دەپ ئايرىلىدۇ. مەسىلەن، تۆۋەندىكى رەسىمدە، سىز ئوڭ تەرەپتىكى مەركىزىي چەمبەرنىڭ سول تەرەپتىكى مەركىزىي چەمبەردىن چوڭلۇقىنى ھېس قىلىسىز، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى مەركىزىي چەمبەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش. مانا بۇ بىرلا ۋاقىتتا سېلىشتۇرۇش بولىدۇ. يەنە مىسالغا ئالساق، كەمپۈت يەپ بولۇپ، ئارقىدىن ماندارىن يېسىڭىز، ماندارىننىڭ قىرتاقلىقىنى ھېس قىلىسىز، ئاچچىق دورا ئىچكەندىن كېيىن، ئارقىدىنلا قايناقسۇ ئىچسىڭىز قايناقسۇغا تاتلىق تەم كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز، مانا بۇ ئىلگىرى - كېيىن سېلىشتۇرۇش بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئوخشىمىغان سەزگۈلەر ئارىسىدىكى تولۇقلاشمۇ بار. مەلۇم بىر خىل سەزگۈ يوقىلىپ كەتسە، باشقا سەزگۈلەر مەلۇم دەرىجىدە تولۇقلاپ قويىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئەمالارنىڭ كۆزى نەرسىلەرنى كۆرەلمىسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمى باشقىلارنىڭكىدىن سازراق بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ تېگىش سەزگۈسىمۇ خېلى تەرەققىي قىلغانلىقى ئۈچۈن، سىلاش ئارقىلىق ئەمالار يېزىقىنى ئوقۇيالايدۇ. گاسلار ئاڭلاش سەزگۈسىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ئىنتايىن ئۆتكۈر كېلىدۇ. گەرچە ئۇلار ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىيالمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سۆزلىگەندىكى ھېسسىياتى، ھەرىكىتى ۋە قىياپىتى قاتارلىق ئادەتتىكى ئادەملەر دىققەت قىلمايدىغان ئىنچىكە ھالقىلاردىن كىشىلەر سۆزلىشىۋاتقان مەزمۇنلارنى تەھلىل قىلىپ چىقالايدۇ.