UyghurWiki
UyghurWikiسەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاشئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش

ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش

سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش ئەستە ساقلاش جەريانىنىڭ نۇرغۇن قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ، بۇ قانۇنىيەتلەردىن مۇۋاپىق پايدىلانغاندا، ياخشى ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئەستە ساقلاش پائالىيىتى ئېنىق مەقسەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئويۇن قويۇش ھەققىدە مۇنداق بىر ھېكايە بار: ئويۇندا بىر تۈرمە قاراۋۇلى جىنايەتچىگە بىر پارچە خەتنى تۇتقۇزۇپ ئۇنى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئىلگىرىكى ھەر قېتىملىق ئويۇندا جىنايەتچى ئوقۇيدىغان خەت تولۇق تېكىستى بىلەن يېزىلاتتىكەن، بۇ قېتىمقى ئويۇندا، قاراۋۇل رولىنى ئالغان ئارتىس جىنايەتچىنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىسنىڭ خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئېسىدە تۇتقان - تۇتمىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن چاقچاقلىشىپ، ھېچنېمە يېزىلمىغان قۇرۇق قەغەزنى جىنايەتچىگە بېرىپتۇ. جىنايەتچى رولىنى ئالغان ئارتىس خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئېسىدە ساقلاشنى قەتئىي ئويلىمىغاچقا، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قاپتۇ. بىراق، ئۇ جىددىيچىلىكتە ئەقلىگە كېلىپ، سەھنىنىڭ غۇۋالىقىنى باھانە قىلىپ، قاراۋۇلدىن «ۋاكالىتەن ئوقۇپ بېرىش» نى تەلەپ قىلىپتۇ. قاراۋۇل رولىنى ئالغان ئارتىس قارشى تەرەپنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى پەملىيەلمەي قاپتۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇ خەتنى نۇرغۇن قېتىملاپ ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئەزەلدىن ئېسىدە تۇتۇشنى ئويلىمىغانلىقىنى بايقاپ قاپتۇ. ئۇمۇ دەرھاللا «توغرا، سەھنە غۇۋا تۇرىدۇ، كۆزەينىكىمنى ئەكېلىۋالاي» دەپلا سەھنىدىن چۈشۈپ «كۆزەينىكىنى ئالغىلى» كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن ئېنىق ئەستە ساقلاش مەقسىتى بولمىسا، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئەستە ساقلاشنىڭ تەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەستە قالدۇرىدىغان ماتېرىيالغا بولغان چۈشەنچە قانچە چوڭقۇر بولسا، ئەستە ساقلاش ئۈنۈمىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن، بىلىملەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەر ۋە قانۇنىيەتلەرنى ئىگىلىۋالغاندا، ئەستە قالدۇرۇش ئاسان بولۇپلا قالماستىن، ئەسلەشمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. يەنە ئالايلۇق، ماتېرىياللارنى تۈرلەرگە ئايرىپ يىغىنچاقلاپ ئەستە قالدۇرغاندىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. كۇتۇپخانا باشقۇرغۇچىسى نېمىشقا تۈمەنلىگەن كىتابلار ئارىسىدىن ئوقۇرمەنلەرگە لازىملىق كىتابلارنى تېز ھەم توغرا تېپىپ بېرەلەيدۇ؟ كىتابلارنىڭ مۇۋاپىق تۈرلەرگە ئايرىلغانلىقى بۇ يەردىكى مۇھىم ئۇسۇللارنىڭ بىرى. يەنە ئەستە قالدۇرۇش ماتېرىياللىرىدىكى ئەستە ساقلاشقا پايدىلىق بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى قېزىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەسىلەن، ياپونىيىنىڭ فۇخى تېغى12365 ئىنگلىز چىسى كېلىدۇ، ئۇنى بىر يىلنىڭ12 ئېيىنىڭ365 كۈن بولۇشىدەك ئالاھىدىلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەستە قالدۇرۇشقا بولىدۇ؛ يۈەن سۇلالىسىنىڭ جىن سۇلالىسىنىڭ ئورنىغا چىقىشى مىلادىيە1234 - يىلى، فرانسىيە زور ئىنقىلابى مىلادىيە1789 - يىلى بولغان، ماركس مىلادىيە1818 - يىلى، لۇشۈن ئەپەندى مىلادىيە1881 - يىلى تۇغۇلغان، «4 - ماي» ھەرىكىتى1919 - يىلى پارتلىغان، بۇ يىللارنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم ئالاھىدىلىك بار، مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرنى تۇتۇۋېلىش ئەستە ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. كۆپ خىل سەزگۈ ئەزالارنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا سېلىش ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. پسىخولوگلارنىڭ تەجرىبىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاڭلاش سېزىمىگىلا تايانغاندا، بىر قېتىمدا15 پىرسەنت ئەتراپىدىلا ئەستە قالدۇرغىلى؛ كۆرۈش سەزگۈسىگىلا تايانغاندا، بىر قېتىمدا25 پىرسەنت ئەتراپىدىلا ئەستە قالدۇرغىلى؛ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سەزگۈسىدىن بىرلا ۋاقىتتا پايدىلىنىپ ئەستە قالدۇرغاندا60 پىرسەنت ئەستە قالدۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئەستە قالدۇرغاندا كۆز، ئېغىز، قۇلاق، قول بىرلا ۋاقىتتا تەڭ ئىشقا سېلىنسا، ئەستە قالدۇرۇش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ھەر خىل تەكرارلاش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىش ئەستە ساقلاش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇنتۇشنىڭ سۈرئىتى دەسلىپىدە تېز، كېيىنچە ئاستا بولغاچقا، ئۆز ۋاقتىدا تەكرار قىلغاندا، ئەستە ساقلاش ئۈنۈمىنى ساقلىغىلى ۋە ئۇنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ. ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ تەكرار قىلىشنىڭ ئۈنۈمى مەركەزلەشتۈرۈپ تەكرار قىلىشنىڭ ئۈنۈمىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. تەكرار قىلغاندا، ئەسلەش بىلەن قايتا - قايتا ئوقۇش بىرلەشتۈرۈلسە ئۈنۈمى پارچە - پارچە ئايرىم ئوقۇغانغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش
ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش | UyghurWiki | UyghurWiki