چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش جەريانى
سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش
ئادەمنىڭ ئەستە قالدۇرۇشى چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشتىن باشلىنىدۇ. چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش چوڭ مېڭە ئېرىشكەن بىلم - تەجرىبىلەر ھەمدە بىلىم - تەجرىبىلەرنى مۇستەھكەملەش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، چوڭ مېڭە ئەستە قالدۇرۇلغان ماتېرىياللارنى ساقلاشقا باشلايدۇ ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا ئەسلەش ۋە قايتىدىن بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. مانا بۇ ئەستە ساقلاشنىڭ پۈتكۈل جەريانى. ئۇنتۇش مۇشۇ جەريانغا ھەمراھ بولغان بولىدۇ.
چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش ئاڭسىز چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش ۋە ئاڭلىق چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش، دەپ ئايرىلىدۇ. ئاڭسىز چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش ئالدىن مۆلچەرلىگەن مەقسەت بولمىغان، ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم بولمايدىغان چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بالىلار ئاتا - ئانىسى سۆزلەپ بەرگەن ھېكايىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنى چۈشىنىپ ئەستە ساقلاش نىيىتى بولمىسىمۇ، بىراق نۇرغۇن مەزمۇنلار ئېسىدە قالىدۇ. ئاڭلىق چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش مەقسەتلىك بولغان، مەلۇم تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ئېنگلىزچە سۆزلۈك، ماتېماتىكا فورمۇلىلىرىنى ئەستە قالدۇرۇش قاتارلىقلار.
چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى تۆۋەندىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بىرىنچىسى، چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشنىڭ مەقسىتى. ئېنىق مەقسەت بولمىسا، مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى ئەستە ساقلاش تەسكە توختايدۇ. مەسىلەن، سىز ھەر كۈنى دەرسخانىنىڭ پەلەمپىيىدىن چىقىپ - چۈشۈپ تۇرسىڭىزمۇ، پەلەمپەينىڭ سانىنى ئەستە قالدۇرۇش مەقسىتىڭىز بولمىغاچقا، ئۇنىڭ قانچە پەلەمپەي ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز ناتايىن. ئىككىنچىسى، ئەستە قالدۇرۇلىدىغان ماتېرىياللارنى تەشكىللەش ئەھۋالى. ئەگەر سىز «ئالما، مۈشۈك، كىتاب، ئىت، نەشپۈت، سومكا» قاتارلىق سۆزلەرنى قىسقا ۋاقىتتىلا ئەستە قالدۇرماقچى بولسىڭىز ئاسانغا توختىمايدۇ، ئەگەر ماتېرىيالنىڭ تەشكىللىنىش تەرتىپى «ئالما، نەشپۈت، مۈشۈك، ئىت، سومكا، كىتاب» دەپ ئۆزگەرتىلسە، ئەستە قالدۇرۇشىڭىز كۆپ ئاسانغا توختايدۇ. ئۈچىنچىسى، چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇلىدىغان ماتېرىياللارغا بولغان چۈشىنىش دەرىجىسىمۇ چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، «6789567 4567 3456 2345 » دېگەن ساننى مېخانىك چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش خېلى تەسكە توختايدۇ. ئەگەر سىز بۇ سانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلسىڭىز ياكى ئۇنى بايقىسىڭىز، ئۇنى ئەستە قالدۇرۇش ئاسانغا چۈشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ سانلار ئەڭ سولدىكى «1234» تەرتىپى بويىچە ھەر بىر خانىغا «1» نى قوشۇشتىن ھاسىل بولغان. بۇنىڭدىن ماتېرىيالنىڭ ھاسىل بولۇش قانۇنىيىتىنى بىلگەندە چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشنىڭ ئاسانغا چۈشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۆتىنچىسى، ماتېرىيالنىڭ مىقدارى ۋە خاراكتېرىمۇ چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مىقدارى كۆپ، خاراكتېرى مۇرەككەپ بولسا، چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش تەبىئىيكى قىيىنلىشىدۇ.