دىققەتنى يېتىلدۈرۈش
سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش
دىققەت كۆڭۈلنىڭ ۋىكليۇچاتېلى. ئۆزىنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ماھىر ئادەم ئەقىل - پاراسەت كۆزنەكلىرىنى ئاچالايدۇ. ياخشى دىققەت پەزىلىتى ئۆگىنىش، خىزمەتتە كەم بولسا بولمايدىغان پسىخىكىلىق شەرت. ياخشى دىققەت پەزىلىتىنى تۆۋەندىكىدەك يېتىلدۈرۈشكە بولىدۇ.
بىرىنچى، ھەرقانداق ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە ئېنىق مەقسەت بولۇشى كېرەك. كىشىلەر ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئۆگىنىش، خىزمەتلەرگە پۈتۈنلەي قىزىقىپ كېتىشى ناتايىن. قىزىقىشنىڭ كەم بولۇشى دىققەتكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆگىنىش ۋە خىزمەتنىڭ مەقسەتچانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندا، ئاڭلىق دىققەتنى كۈچەيتكىلى ھەمدە ئىرادە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قىزىقمايدىغان ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە دىققەت قىلىپ، بىرقەدەر تۇراقلىق دىققەتنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، كەڭ كۆلەملىك ۋە تۇراقلىق قىزىقىش بولۇش كېرەك.ئادەمدە ھەر خىل دىققەتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ساقلىنىشى مۇئەييەن قىزىقىش بىلەن باغلانغان بولىدۇ، ھەرقانداق دىققەت قىزىقىشقا بېقىنىدۇ، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ھەممە نەرسىدىن يىرگىنىدىغان ئادەمنىڭ دىققىتى توغرۇلۇق ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىدە، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ھەۋىسىنى ئاڭلىق تەربىيىلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ياخشى دىققەت پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
ئۈچىنچى، «دىققەت» نىڭ خوجايىنى بولۇش كېرەك. ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ دىققىتىنى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا قارىتالايدىغان بولۇش كېرەك. بۇ، ئۆزىنىڭ دىققەت ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇشنى، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىرادىسى ئارقىلىق كاشىلىلارنى تۈگىتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
دىققىتى چېچىلىش دىققەتنىڭ ئەكس تەرىپى بولۇپ، ئۇ بىر كىشىنىڭ دىققىتىنى توختىماستىن يۆتكەپ تۇرۇشى ۋە دىققىتىنى ئۇزاق مەزگىل يىغالماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئاساسىدا، ئۆگىنىش، خىزمەتتە دىققىتىنى مەركەزكەشتۈرەلەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.