دىققەتنى قوزغايدىغان ئامىللار
سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش
دىققەتنى قوزغايدىغان ئامىللار ئاساسلىقى ئادەمنىڭ ئاڭسىز دىققىتىنى قوزغايدىغان ئامىللارنى كۆرسىتىدۇ. ئاڭلىق دىققەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنى ئامال قىلىپ يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئادەتتە ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ئامىللارنى ئوبيېكتىپ غىدىقلىغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپ ئامىللىرىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتكە بۆلۈشكە بولىدۇ.
ئوبيېكتىپ غىدىقلىغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنداق ئۈچ خىل بولىدۇ: بىرى، غىدىقلىشىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، مەسىلەن، غايەت كۈچلۈك ئاۋاز ياكى كۈچلۈك نۇر ۋە ياكى قويۇق خۇش پۇراق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاسانلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. بۇ يەردىكى كۈچلۈكلۈك نىسپىي بولىدۇ، ئەلۋەتتە. مەسىلەن، تىپتىنچ سىنىپتا سىياھ قەلەمنىڭ يەرگە چۈشكەندىكى كىچىككىنە ئاۋازىمۇ ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ؛ ئەگەر بۇ ئىش ۋاراڭ - چۇرۇڭلۇق كوچىدا يۈز بەرسە، ئۇنىڭغا ھېچكىم دىققەت قىلمايدۇ. ئىككىنچىسى، غىدىقلىشىنىڭ يېڭى - غەيرىيلىكى. مەسىلەن، كوچىدا ياكى كىنوخانىنىڭ ئالدىدا، يېڭى ۋە ئاجايىپ - غارايىپ كىنو ئېلانلىرى ئاسانلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. «يېشىل چىمەندىكى بىرتال قىزىلگۈل»، «توخۇ توپىدىكى تۇرنا» قاتارلىقلار بەزى شەيئىلەر ئالاھىدە مۇھىتتا تۇرغاندا ئاسانلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچىنچىسى، غىدىقلىشىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى. كېچە ئاسمىنىدىكى سانسىز يۇلتۇزلارغا زەن سېلىپ تۇرغىنىڭىزدا، توساتتىن بىر ئاقار يۇلتۇز ئېقىپ غايىب بولسا، شۇ ھامان دىققىتىڭىز قوزغىلىدۇ. كوچىدىكى رەڭگارەڭ چىراغلار بىر ئۆچۈپ بىر يانسىمۇ ئاسانلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
دىققەتنى قوزغايدىغان تۆۋەندىكىدەك سۇبيېكتىپ ئامىللار بار: بىرىنچى، دىققىتى قوزغىلىدىغان كىشىنىڭ شەيئىگە بولغان ئېھتىياجى، قىزىقىشى ۋە پوزىتسىيىسى. كىشىلەر كۈندە گېزىت كۆرىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ دىققەت قىلىدىغان خەۋەرلىرى ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، تەنتەربىيە خەۋەرلىرى تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىلەن ئەدەبىيات - سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدۇ. ئۇسساپ كەتكەن چاغلىرىڭىزدا، ئۇسسۇزلۇق ساتىدىغان ماگىزىنلار سىزنى بەكرەك جەلپ قىلىدۇ. ئىككىنچى، ئادەمنىڭ كەيپىياتى ۋە ھالىتى. ئادەم خۇشال - خۇرام چاغلاردا ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىگە كۆپرەك دىققەت قىلىدۇ، ھەتتا گۈل - گىياھلارمۇ ئۆزىگە باش لىڭشىتىپ سالام - سەئەت قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ؛ بىراق، كۆڭلى پەرىشان ئەھۋالدا، ئەتراپىدىكى نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلگۈسى، كۆز ئالدىدا تۇرسىمۇ قارىغۇسى كەلمەيدۇ. ئۈچىنچى، ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھالىتى. ئادەم ھۇزۇرلىنىپ دەم ئالغان ياكى تاماق يېگەندىن كېيىن، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى نورمال ئىشقا كىرىشىدۇ، نەرسىلەرگە بولغان دىققىتى يۈكسەك دەرىجىدە ساقلىنىدۇ؛ بىراق، چارچىغان ياكى مۈگىدەك باسقان چاغلاردا بولسا، ئارام ئېلىشنى، ئۇخلاشنى ئويلاپ، ھېچنېمىگە دىققەت قىلغۇسى كەلمەيدۇ