ئىدراكنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى
سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش
بىر دانە ئالمىنىڭ رەڭگى، شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئايرىم - ئايرىم ھېس قىلغىنىمىزدىن كېيىن، كاللىمىزدا ئالمىنىڭ بىر پۈتۈن ئوبرازى شەكىللىنىدۇ، مانا بۇ ئىدراك بولىدۇ. ئىدراك تاشقى دۇنياغا بولغان چوڭقۇر ئىنكاس بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكىدەك تۆت ئالاھىدىلىككە ئىگە:
ئىدراكنىڭ تاللاشچانلىقى. كىشىلەر ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى ئىدراك قىلىشتا، ھامان مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا ئاز ساندىكى شەيئىلەرنى ئىدراك ئوبيېكتى قىلىپ تاللايدۇ، ھالبۇكى، قالغان باشقا شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاسى بىرقەدەر غۇۋا بولىدۇ. مەسىلەن، مۇئەللىمنىڭ دوسكىغا يازغان خېتىنى كۆرگىنىمىزدە، دائىم دوسكىدىكى خەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئىدراك ئوبيېكتى قىلىمىز، دوسكا، مۇنبەر ۋە ئوقۇتقۇچى بولسا غۇۋا ئارقا كۆرۈنۈشكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىدراكتىكى ئوبيېكت بىلەن ئارقا كۆرۈنۈش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىم نەرسە ئەمەس، ئۇلاردىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئەلۋەتتە. سىز مۇئەللىمگە قارىغىنىڭىزدا، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، مۇئەللىم ئىدراك ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، مۇئەللىمنىڭ كەينىدىكى دوسكا بولسا ئىدراكنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئايلىنىدۇ.
ئىدراكنىڭ چۈشىنىشچانلىقى. كىشىلەر شەيئىلەرنى ئىدراك قىلىش جەريانىدا، شەيئىلەرنى ھامان ئىلگىرىكى بىلىمى، تەجرىبىلىرى ئاساسىدا چۈشىنىدۇ. ئالايلۇق، رەسىمدىكى قارا چېكىتلەر (چاچما نۇقتىلار)نىڭ زادى نېمىلىكىنى ئىدراك قىلىشىڭىز ناھايىتى قىيىن. ئەگەر سىزگە «بۇ ئىت» دەپ بېرىلسە، سىزگە تونۇشلۇق ئىتنىڭ سىياقىنى ئەسلەيسىز، بۇ ۋاقىتتا سىز بۇ قارا چېكىتلەرنىڭ دەل بىر ئىتنىڭ شەكلىنى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئاسانلا بىلىۋالالايسىز.
ئىدراكنىڭ پۈتۈنلۈكى. كىشىلەر ئىدراك قىلىش جەريانىدا، دائىم دېگۈدەك شەيئىلەرنى مۇئەييەن قانۇنىيەتكە ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈنلۈكتىن ئىدراك قىلىدۇ. مەسىلەن، يۇقىرىدىكى ئىدراكنىڭ پۈتۈنلۈكى سىزىلغان رەسىمنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنى مۇستەقىل تۆت سىزىق ياكى ئۈزۈك سىزىقلاردىن ۋە ياكى بىرقانچە دۈگىلەكلەردىن ھاسىل بولغان، دەپ قارىمايمىز، بەلكى بىر قاراپلا ئۇنى كۋادرات، چەمبەر ۋە چەمبەردىن ھاسىل بولغان ئۈچبۇلۇڭلۇق شەكىل، دەپ قارايمىز.
ئىدراكنىڭ دائىملىقى. كىشىلەر شەيئىلەرنى ئىدراك قىلغاندا، ئىدراكنىڭ ئۈنۈمى ئىدراك شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. بۇ، شەيئى مەيلى ئۇ قانداق شارائىتتا بولسۇن، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئاسانلا تۇتۇۋالغىلى بولىدۇ، دېگەنلىك. مەسىلەن، ئىدراكنىڭ دائىملىقى دېگەن رەسىمدە، گەرچە بىز كۆرۈۋاتقان شەكىل تىك تۆت تەرەپلىك، ئېللىپس، چەمبەر شەكىللىك بولسىمۇ، بىراق بىز تەجرىبىلىرىمىزگە تايىنىپ ئۇلارنىڭ يۇمىلاق سائەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.