UyghurWiki
UyghurWikiسەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاشكۆزىتىش ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارى

كۆزىتىش ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارى

سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش كۆزىتىش مەقسەتلىك، پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان، بىرقەدەر ئۇزاققا سوزۇلىدىغان بىر خىل ئىدراك پائالىيىتى. كۆزىتىش ئىقتىدارى كىشىلەرنىڭ كۆزىتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش قابىلىيىتىدىن ئىبارەت. دۇنياغا داڭلىق بىئولوگ پاۋلوۋ ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىشىكىدىكى تاش ئابىدىگە «كۆزىتىش، كۆزىتىش، يەنە كۆزىتىش» دېگەن مەشھۇر سۆزنى ئويۇپ، بۇ ئارقىلىق كۆزىتىشنىڭ تەتقىقات خىزمىتىدىكى مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. دارۋىنمۇ: «مېنىڭ ئۇنچىلىك گەۋدىلىك چۈشىنىش ئىقتىدارىم يوق، باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشكۈدەك ئەقلىممۇ يوق، پەقەت دىققەتسىزلىكتىن كۆزدىن تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان شەيئىلەرنى ھېس قىلىش ۋە ئۇلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش جەھەتتىلا باشقىلاردىن يۇقىرىراق تۇرۇشۇم مۇمكىن» دېگەنىدى. بۇنىڭدىن كۆزىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە، ئالدى بىلەن تەبىئەتكە يېقىنلىشىپ، چوڭقۇر كۆزىتىش ھەۋىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بىز دەۋاتقان كۆزىتىش ئەلۋەتتە پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن باشتىن - ئاخىر ھەمراھ بولۇپ ماڭىدۇ. ئەلۋەتتە گۈزەل، كەڭ كەتكەن تەبىئەتتە ئىنچىكىلەپ كۆزىتىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن شەيئىلەر بار. قايسى گۈل باھاردا ئەڭ بالدۇر ئېچىلىدۇ، قايسى ھايۋانلار يازدا دەرەخ ئۈستىدە سايرايدۇ، كۈز يېتىپ كېلىشى بىلەن كۈندۈزى قىسقىرامدۇ ياكى ئۇزىرامدۇ، قىش كۈنلىرى قار ياغقاندا سوغۇق بولامدۇ ياكى قار ئېرىگەندە سوغۇق بولامدۇ قاتارلىقلار. بۇ ھادىسىلەرگە دائىم ئىنچىكىلەپ زەن سېلىش، كۆزىتىش، پىكىر يۈرگۈزۈشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىلەرنى توپلاپ، دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى بىلىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. ھەر قېتىملىق كۆزىتىشنىڭ ئېنىق مەقسىتى بولۇشى كېرەك. ئالدى بىلەن نېمىنى كۆزىتىش، نېمىشقا كۆزىتىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىلا، ئاندىن نىشانلىق ئوق ئاتقىلى، كۆزىتىشتە ئالدىن مۆلچەرلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يەنە كۆزىتىش مەقسىتىگە ئاساسەن، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق بىلىم تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش، كۆزىتىلىدىغان شەيئى ھەققىدە ئالدىن ئەقەللىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش، مۇشۇنداق كۆزىتىش ئارقىلىق ھەم بۇ بىلىملەرنى مۇستەھكەملەش، ھەم كۆزىتىشتە ئېرىشكەن بىلىملەر ئارقىلىق بۇ بىلىملەرنى يەنىمۇ تولۇقلاش كېرەك. ھەر قېتىملىق كۆزىتىشتىن ئىلگىرى بىرقەدەر ئەتراپلىق، مۇكەممەل كۆزىتىش پىلانى تۈزۈش، كۆزىتىشنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش كېرەك. كۆزىتىش جەريانىدا كاللىنى ئىشقا سېلىپ، كۆزەتكەچ پىكىر يۈرگۈزۈش، تەھلىل قىلىش، شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى ھادىسىلىرىنى كۆزىتىش بىلەنلا توختاپ قالماستىن، «نېمە ئۈچۈن» ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىشىش كېرەك. كۆزىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆزىتىش خۇلاسىىسىنى ئەستايىدىل چىقىرىش كېرەك. مەسىلەن، كۆزىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى ئۆگىنىۋالغانلىقى، كۆزىتىش جەريانىدا قانداق ھادىسىلەرنىڭ چۈشۈرۈپ قويۇلغانلىقى، ئۆزى قايسى ئەھۋاللارنى بىرقەدەر چۈشىنىدىغانلىقى، قايسى ھادىسىلەردىن گۇمانلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار.
← بارلىق تېمىلار سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش
كۆزىتىش ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارى | UyghurWiki | UyghurWiki