ئەسلەش ۋە قايتا تونۇش
سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش
چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش ئارقىلىق چوڭ مېڭىدە ساقلاپ قېلىنغان ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىش ئەسلەش ۋە قايتا تونۇش ھېسابلىنىدۇ. ئەسلەش كەچۈرمىشتىن ئۆتكۈزۈلگەن شەيئىلەر كۆز ئالدىدا بولمىغان ئەھۋالدا چوڭ مېڭىنىڭ ئۇلار توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى نامايان قىلىشى؛ قايتا تونۇش بولسا، كەچۈرمىشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن شەيئىلەر كۆز ئالدىدا قايتىدىن ئايان بولغاندا، ئۇلارنى قايتىدىن تونۇپ پەرقلەندۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، سىزنىڭ مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ چىرايىنى ئېسىڭىزگە ئېلىشىڭىز ئەسلەش؛ سىزنىڭ بىر پارچە سۈرەتكە قاراپ، سۈرەتتىكى ئادەمنىڭ سىزنىڭ ئوقۇتقۇچىڭىز ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشىڭىز قايتا تونۇشىڭىز بولىدۇ.
ئىلگىرى بىر پسىخولوگ ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: بىر مىكرو ھېكايىنى قەغەزگە يېزىپ، سىنىپتىكى بىر ساۋاقداشقا كۆرسىتىپ بولۇپ، ئۇنى يىغىۋالغان ھەمدە بۇ ساۋاقداشتىن ھېكايىنى ئېسىدە قالغىنى بويىچە باشقا بىر قەغەزگە قايتىلاپ يېزىپ، ئىككىنچى بىر ساۋاقداشقا كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ساۋاقداشمۇ ئېسىدە قالغىنىنى قەغەزگە يېزىپ باشقىلارنىڭ ئوقۇشىغا بەرگەن... بۇنى ئەڭ ئاخىرقى بىر ساۋاقداش تەكرار بايان قىلغىچە داۋاملاشتۇرغان. نەتىجىدە، ئەڭ ئاخىرقى ساۋاقداش قايتىلاپ بايان قىلغان ھېكايىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئەسلىي ھېكايىنىڭ مەزمۇنىدا ناھايىتى چوڭ پەرقنىڭ بارلىقى بايقالغان. بۇنىڭدىن، ئەسلىگەن مەزمۇن بىلەن ئەسلىدىكى ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدا ھامان مەلۇم پەرقنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىر تەرەپتىن ئۇنتۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلىتىش جەريانىدا ئەسلىدىكى بىلىم - تەجرىبىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن بولىدۇ.
قايتا تونۇشتا ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان - بولمىغانلىقى، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن - ئۆتمىگەنلىكىگىلا ھۆكۈم قىلىش كېرەك بولغانلىقتىن، سېلىشتۇرغاندا، ئۇ كۆپ ئاددىي بولىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىگە قاراپ، بۇ كىشىنىڭ ئۈچ يىل ئىلگىرى سىزگە تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇ ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئۈچ يىل ئىلگىرى سىزگە تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەسلەشكە قارىغاندا كۆپ ئاسان بولىدۇ.
قايتا تونۇغاندا، خاتالىق كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق خاتالىق تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئەھۋالدا بولىدۇ، بىرى، پۈتۈنلەي تونۇيالماسلىق، مەسىلەن، سىز ئۇزاق كۆرۈشمىگەن كونا ساۋاقدىشىڭىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالغىنىڭىزدا، ئۇنى پەقەتلا تونۇماي قېلىشىڭىز؛ يەنە بىر خىلى، پەقەتلا تونۇماي قالماسلىق، مەسىلەن، سىز بۇ كىشىنى ئىلگىرى جەزمەن كۆرگەن بولسىڭىزمۇ، بىراق ئۇنىڭ كىملىكىنى ئەسلىيەلمەسلىكىڭىز ياكى ئۇ سىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىز ئىكەنلىكىنى ئەسلىيەلىسىڭىزمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەسلىيەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ۋەھاكازالار.