دىققەت
سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش
«دىققەت» خۇددى كۆڭۈلنىڭ ۋىكليۇچاتېلىدەك ئادەمنىڭ پسىخىكىلىق پائالىيىتىنى مۇئەييەن ئوبيېكتقا قارىتىدۇ ۋە مەركەزلەشتۈرىدۇ، مەيلى شەيئىلەر ھەققىدىكى بولغان ھېسسىي بىلىش بولسۇن ياكى ئەستە ساقلىنىش، تەپەككۇر قىلىش بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىققەت جەريانىدىن ئايرىلالمايدۇ. كىشىلەر ئالدى بىلەن بىرەر نەرسىگە دىققەت قىلىپ ئاندىن ئۇنى ئىدراك قىلىدۇ، ئەستە قالدۇرىدۇ ۋە پىكىر يۈرگۈزىدۇ.
كىشىلەر مەلۇم ئىشقا دىققەت قىلغاندا، ئۇلاردا ئادەتتە ماس تاشقى ئىپادە بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ماس ھەرىكەت قىلىدۇ. مەسىلەن، بىرەر ئاۋازغا دىققەت قىلغاندا، قۇلىقىنى ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىتىدۇ؛ مەلۇم بىر مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە، قوشۇمىسىنى تۈرىدۇ، بۇنى دىققەتنىڭ يۆنىلىشچانلىقى دەيمىز. ئىككىنچىدىن، مۇناسىۋەتسىز بەزى ھەرىكەتلەرنى توختىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلاۋاتقاندا، قولدىكى قەلەم تەبىئىي ھالدىلا يېزىشتىن توختايدۇ، بەزىدە نەپەسلىنىشمۇ يەڭگىللەيدۇ ۋە ئاستىلايدۇ؛ مەلۇم بىر ئىشقا ئىنتايىن جىددىي دىققەت قىلىۋاتقاندا، ھەتتا نەپەسمۇ ئاستىلاپ كېتىدۇ، مانا بۇ دىققەتنىڭ مەركەزلىشىشى.
دىققەت ئاساسەن ئاڭسىز دىققەت ۋە ئاڭلىق دىققەت دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ئاڭسىز دىققەت ئالدىن بەلگىلەنگەن مەقسەت بولمىغان، ئىرادە تىرىشچانلىقىغىمۇ تايانمايدىغان دىققەت. ئۇ دائىم ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، دەرسخانىدا توساتتىن بىر كىشىنىڭ ئىشىكنى چەككەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا ئىشىك تەرەپكە قاراپ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىدۇ. ئاڭسىز دىققەتكە تىرىشچانلىق كەتمىگەنلىكتىن، ئالدىن تەييارلىق قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى بولمايدۇ. شۇڭا، مۇنداق دىققەتنىڭ ئۈنۈمى ئاڭلىق دىققەتنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.
ئاڭلىق دىققەت ئالدىن بەلگىلەنگەن مەقسەت بولغان، زۆرۈر تېپىلغاندا، مۇئەييەن ئىرادە تىرىشچانلىقى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىغان دىققەتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، سىز ھەرقېتىم بىر يېڭى پەننى ئۆگەنگىنىڭىزدە، گەرچە ئۇنىڭغا قىزىقسىڭىزمۇ، بىراق ئۇنىڭدا سۆزلىنىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى سىز ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان، ئاسان چۈشەنگىلى بولمايدىغان نەرسىلەر بولۇپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىزدە ئاڭلىق دىققەت بولۇشى كېرەك. ئاڭلىق دىققەتتە مۇئەييەن ئاڭلىقلىق بولغاندىن تاشقىرى يەنە، بەزى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھامان ئاڭسىز دىققەتتىن ياخشى بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىدە ئاڭلىق دىققەتنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.