UyghurWiki
UyghurWikiسەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاشدىققەتنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە كۆچۈشى

دىققەتنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە كۆچۈشى

سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش ئەنگلىيىلىك ئالىم نيۇتون مۇنداق بىر كۈلكىلىك ئىش قىلغان. ئۇ بىر قېتىم ئاغىنىسىنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلىپ قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تەجرىبىخانىسىدا تەتقىقاتقا بېرىلىپ كەتكەچكە، بۇ ئىش ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ دوستى كېلىپ خېلى ئۇزاق ساقلىغان بولسىمۇ، نيۇتوننىڭ قارىسى كۆرۈنمىگەچكە، ئالدى بىلەن ئۆزى تاماقنى يەپ، يېگەن توخۇ گۆشىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى نيۇتوننىڭ ئورنىدىكى تەخسىگە سېلىپ قويۇپ، ئاستا چىقىپ كەتكەن. نيۇتون تەجرىبىسىنى تۈگىتىپ، ئورنىدىكى قۇرۇق تەخسە ۋە توخۇنىڭ ئۇستىخانلىرىنى كۆرۈپ: «قورسىقىم نېمىشقا يەنە ئاچىدۇ، تاماقنى ھېلىراقتا يېگەن ئىكەنمەنغۇ؟» دەپ ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلىغان. نيۇتون پۈتۈن دىققىتىنى ئىلمىي تەتقىقاتقا مەركەزلەشتۈرگەنلىكتىن، مېھماننى تاماققا تەكلىپ قىلغان ئىش پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىپ كېتىپلا قالماستىن، ھەتتا ئۆزىنىڭ تاماق يېگەن - يېمىگەنلىكىنىمۇ ئاڭقىرالماي قالغان. بىراق، بەزى ئىشلاردا، بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە تەرەپتىكى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىشقا، دىققەتنى تەقسىملەشكە توغرا كېلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا، دەرس ئاڭلىغاچ خاتىرە يازىدۇ، بەزىدە يەنە تېكىست بىلەن دوسكىغا قارايدۇ؛ ماشىنا شوپۇرى ماشىنا ھەيدىگەندە ھەم كوچىدىن ئۆتكەن - كەچكەن ئادەم ۋە ماشىنىلارغا دىققەت قىلىدۇ، ھەم رولنى ھەرىكەتلەندۈرگەچ تۈرلۈك سائەتلەرگە قارايدۇ؛ گارمون تارتقاندا، ئوڭ قول ئاساسىي مېلودىيىنى ياڭراتسا، سول قول ئۇنىڭغا تەڭكەش قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دىققەتنى تەقسىملەشكە توغرا كېلىدۇ. دىققەتنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بىرلا ۋاقىتتا شۇغۇللىنىۋاتقان بىرقانچە پائالىيەت ئىچىدىن بىر - ئىككى پائالىيەتكە ئىنتايىن پىششىق بولۇش كېرەك. مەسىلەن، پىشقان تىكتاك توپ ماھىرى تىكتاك توپنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان بىرى بىلەن ئوينىغاندا، ئۇ تىكتاك توپقا ئىنتايىن پىششىىق بولغاچقا، توپ ئوينىغاچ، بىرنەرسە يېيىشى مۇمكىن. يۇقىرىراق تەلەپ بىلەن ئېيتقاندا، دىققەتنى تەقسىملەش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، دىققەتنى تەقسىملەش ئەمەس، بەلكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ دىققىتىنى دەرھال يۆتكەيدۇ، مانا بۇ دىققەتنىڭ كۆچۈشى ھېسابلىنىدۇ. دىققەتنى يۆتكەشنىڭ تېز - ئاستا ۋە قىيىن - ئاسان بولۇشى ئاساسەن ئىلگىرى - كېيىن كەلگەن ئىككى خىل دىققەت ئوبيېكتىغا بولغان قىزىقىشقا باغلىق بولىدۇ. ئەگەر ئەسلىدىكى دىققەت ئوبيېكتىغا قىزىقىپ، كېيىنكى دىققەت ئوبيېكتىغا قىزىقمىغاندا، »قىيماسلىق« ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، دىققەتنىڭ يۆتكىلىشى قىيىنغا توختايدۇ؛ كېيىنكىسىگە قىزىققاندا، دىققەتنىڭ يۆتكىلىشى بىرقەدەر ئاسان بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش