UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئېل ئىلتەر ۋە كۆل ئېركىن

ئېل ئىلتەر ۋە كۆل ئېركىن

رېۋايەتلەر ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئوغۇزخان داستانىدا بايان قىلىندى. مۇئەررىخلەر يەنە شۇنداق رېۋايەت قىلىدۇكى، موغۇل (مۇڭغۇل) يۇرتىدا ئىككى تاغ بار بولۇپ، بۇ تاغلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى قۇياش چىققان تەرەپتىن پاتقان تەرەپكىچە سوزۇلغان. بۇ ناھايىتى چوڭ تاغلاردۇر. بىرىنىڭ نامى بوقراتۇ بۇزلۇق، ئىككىنچىسىنىڭ ئېتى ئۇسقۇنلۇق تەيرام ئىدى. بۇ تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى موغۇل يۇرتىدا يەنە بىر تاغ بولۇپ، ئۇ قۇمتاغ دەپ ئاتايدىكەن. بۇ تاغلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر جايدا سۇ ئېقىپ چۈشىدىغان ئون ساي، يەنە بىر يېرىدە توققۇز ساي بار ئىدى. بۇ سايلارنىڭ ھەممىسىدىلا چوڭ دەريالار بار ئىدى. قەدىمكى زاماندىكى ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ سايلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراتتى. ئون سايدا ئولتۇرغانلارنى ئون ئۇيغۇر، توققۇز سايدا ئولتۇرغانلارنى توققۇز ئۇيغۇر دەپ ئاتايتتى. ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى، كەنتلىرى ۋە ئېكن مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. بۇلار يىگىرمە ئۇرۇق ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار - بىر - بىرىگە دۈشمەنلىشىپ بۇزۇلاتتى. بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، بىز ئىككى جايدا ئولتۇرۇشلۇق ئەلدۇرمىز. ھەرقايسىمىز بىر كىشىنى تۆرە قىلىپ سايلايلى. ئەگەر كىم ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلمىسا، بېشىنى كەسسۇن ۋە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلسۇن، دەپ قارار قىلىشتى. ئون ئۇيغۇر ئېلىدىن مەنگۈ تاي ناملىق بىر كىشىنى تۆرە قىلىپ كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئېل ئېلتەر دېگەن لەقەم قويدى. توققۇز ئۇيغۇرلار ئۆز ئىچىدىن بىر كىشىنى تۆرە قىلىپ كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا كۆل ئېركىن دەپ لەقەم قويدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوغلانلىرى يۈز يىلغىچە تۆرىلىك قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا بىر ئۇيغۇر بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئون ئۇيغۇرغا تۆرە بولغانلارنى ئېل ئېلتەر، توققۇز ئۇيغۇرغا تۆرە بولغانلارنى كۆل ئېركىن دەپ ئاتايدىغان بولدى. كۆپ ئەللەرنىڭ تۆرىلىرىمۇ .ەنە شۇ ناملار بىلەن ئاتىلاتتى. ئۇلاردىن كېيىن تۆرە بولغانلار بولسا ئىدىقۇت دەپ ئاتىلىدىغان بولدى ... ئۇلار ئۈچ مىڭ يىلغىچە مۇشۇ يۇرتتا ئولتۇردى. ئاندىن كېيىن ئۇلار يەنە بۇزۇلدى. بىر - بىرىنى ئولجا ۋە ئەسىر قىلىپ تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ بىر مۇنچىسى ئۆز يۇرتىدا ئولتۇرۇپ قالدى. يەنە بىر مۇنچىسى ئېرتىش دەرياسىنىڭ بويىغا كەلدى. بۇلار ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ، بىر تارمىقى بېشبالىق شەھىرىگە كېلىپ تېرىقچلىق ۋىلايەتلەرنى ئاۋات قىلدى. ئىككىنچى تارمىقىمۇ بېشبالىق ئەتراپىغا كېلىپ، يىلقا ۋە قوي ئاسراپ، كۆچۈپ، قونۇپ يۈرۈشتى. ئۈچىنچى تارمىقى بولسا، ئېرتىش دەرياسىنىڭ ۋادىسىدا مال باقماي پەقەت بېلىق، قۇندۇز ۋە كېيىك، سۆسەر ئوۋلاپ ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەپ، تېرىلىرىنى كىيىم - كېچەك ۋە باش كىيىملەرنى ئۆز ئۆمرىدە زادىلا كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئەگەر ئانىلىرى قىزلىرىنى قارغىسا، يىلقىلىق ۋە قويلۇق كىشىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، گۆش يەپ، قىمىز ئىچىپ، بېشىڭغا يامان كۈنلەر كەلسۇن، دەپ قارغايتتى. چىڭگىزخانغا كىشى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ھەر يىلى مال سوۋغات قىلاتتى. چىڭگىزخان ئاتلىنىپ ماۋرائۇننەھر ئۈستىگە كەلگەندە، بارچۇق ئىدىقۇت ئۆزى ئەسكىرى بىلەن كېلىپ يولدا چىڭگىزخانغا قوشۇلۇپ، ياخشى خىزمەتلەرنى قىلدى. ئۇيغۇر ىەلقىنىڭ ئىچىدە تۈركىي تىلنى ئوقۇغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ بولاتتى. ئۇلار دەپتەردارلىق ۋە دىۋان ھېسابلىرىنى ياخشى بىلەتتى. چىڭگىزخاننىڭڭ نەۋرىلىرى دەۋرىدە، ماۋرائۇننەھر، خوراسان ۋە ئىراقتىكى دىۋان خادىملىرى، دەپتەردارلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلاردىن تەيىنلەنگەنىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوغلانلىرى خىتاي يۇرتىدىكى دىۋان ۋە دەپتەردارلارنى ئۇيغۇرلاردىن تەيىنلەيتتى. چىڭگىزخاننىڭ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغان ئوغلى ئۆكداي قاغان خوراسان، مازاندىران ۋە گىلان قاتارلىق جايلارنى ئۇيغۇر كۆركۈز دېگەن بىر كىشىگە تاپشۇرغانىدى. بۇ خەلق ھېسابنى ياخشى بىلەتتى. ئۇلار ھەر يىلى ئۈچ - تۆت مىڭ مالنى سەمرىتىپ ئۆكداي قاغانغا ئەۋەتەتتى.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
ئېل ئىلتەر ۋە كۆل ئېركىن | UyghurWiki | UyghurWiki