ئەھمىيەتسىز ماھارەت
رېۋايەتلەر
بەدۆلەت زامانىسىدا، قەشقەردە ناھايىتى چوڭ نورۇز مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇراسىمدا ھەرخىل ھۈنەرۋەنلەر ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىشىپتۇ.
بىر ياغاچچى ئۇستام ئۇچار ئات ياساپتۇ. ئوڭ قۇلىقىنى تارتسا ئۇچۇپتۇ. سول قولىقىنى تارتسا چۈشۈپتۇ. ئۇستامنىڭ ھۈنىرىگە قايىل بولغان بەدۆلەت تون يېپىپ بىر پەتنۇس تىللا بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ.
تۆمۈرچى ئۇستام بىر تۆمۈر ئۆردەك ياساپتۇ، ئۇ تۆمۈر بولسىمۇ سۇدا لەيلەپتۇ. ئۈستىگە ئادەم مىنىپ ئوڭ قانىتىنى تۇتسا توختاپتۇ. بۇ ئۇستاممۇ يۇقىرىقى ئۇستام بىلەن ئوخشاشلا مۇكاپاتلىنىپتۇ.
ئاخىرىدا ئون تال يىڭنە بىلەن بىر قېتىم يىپ كۆتۈرۋالغان بىر كېلىپ:
_ داد پادىشاھى ئالەم، رۇخسەت ئىنايەت قىلسىلا، مۇبارەك نەزەرلىرىگە ئاجايىپ ھۈنىرىمنى تەقدىم ئەتسەم، -دەپتۇ.
_ قولۇڭدىكى ئون تال يېڭنە ۋە بىر قېتىم يىپ بىلەن قانداق ھۈنەر كۆرسەتمەكچىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ بەدۆلەت.
_ شاھ ئالىيلىرى، ئۆزۈم ئۆگزىدە تۇرۇپ، يەردىكى ئون تال يىڭنىنىڭ قۇلىقىدىن بىر قېتىم يىپنى ئۆتكۈزەلەيمەن، - دەپتۇ ھېلىقى كىشى.
ئۇ ئون تال يىڭنىنى يەرگە قاتار سانجىپ قويۇپ، ئېگىز بىر ئۆگزىگە چىقىپ قولىدىكى بىر قېتىم يىپنى لەۋلىرىدە ھۆلدەپ، بارماقلىرى بىلەن ئۇچلاپ يىڭنىلەرنىڭ قۇلىقىدىن بىر - بىرلەپ ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ. ماھارەت كۆرسىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بەدۆلەت بۇنىمۇ 1 -، 2- ماھارەتچى بىلەن ئوخشاشلا مۇكاپاتلاپتۇ. لېكىن، ئۇ مۇكاپاتنى قولىغا ئېلىپ «رەھمەت» دەپ تۇرۇشىغا، بەدۆلەت:
_ بۇ «ماھارەتچى»نى تۇتۇپ قىرىق دەررە ئۇرۇڭلار، - دەپ نۆكەرلىرىگە بۇيرۇق قىپتۇ. نۆكەرلەر بۇ ماھارەتچىنىڭ «ۋاي داد»دېگىنىگە ئۇنىماي بۇيرۇقنى ئىجرا قىپتۇ. شۇ ئارىدا بەدۆلەتنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ۋەزىرىلىرىدىن بىرى:
_ ئى شانۇ شەۋكەتلىك شاھىم. ئالدىدا تون ۋە بىر پەتنۇس تىللا بىلەن مۇكاپاتلاپ، ئەمدىلىكتە دەررىگە باستۇرغانلىرى نېمىسى؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ ئەي، مېنىڭ يارەنلىرىم، ئەي خالايىق، سەمىڭلارغا سالايكى، ياغاچچى ياسىغان ياغاچ ئات بىلەن بىپايان ئاسماندا ئۇچقىلى بولىدىكەن. تۆمۈرچى ياسىغان تۆمۈر ئۆردەك بىلەن دېڭىز - دەريالاردا ئۈزگىلى بولىدىكەن. ئۆگزىدە ئۆرە تۇرۇپ يەردىكى ئون تال يىڭنىنىڭ قۇلىقىدىن قاتارىغا بىر قېتىم يىپنى ئۆتكۈزمەك ئانچە ئاسان بولمىسىمۇ ، لېكىن يۇقرىقى ماھارەتلەرنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق . شۇنىڭ ئۈچۈن ماھارەتنى مۇكاپاتلىدىم، ئەھمىيىتى يوق «ماھارەت» بىلەن ۋاقىتنى زايە قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالىدىم، - دەپتۇ.