UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتمەشرەپ دەرۋازىسى

مەشرەپ دەرۋازىسى

رېۋايەتلەر مەشرەپ جاھان كېزىپ يۈرۈپ خوتەنگە كېلىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ يادىغا ئىمامى جەپىرى سادىق يېتىپ، ئۇنىڭ مازىتىنى تاۋاپ قىلىغىلى خوتەندىن نىيىگە مېڭىپتۇ. مەشرەپ قۇملۇق ۋە چاتقاللارنى بېسىپ نۇرغۇن يول مېڭىپ مازارغا يېقىنلاپ قاپتۇ ، ئەمما ئىمامى جەپىرى سادىقنىڭ روھى مەشرەپكە ھېچ ئايان بولماپتۇ. مەشرەپ بۇنىڭدىن غەزەبلىنىپتۇ. ئۇ يول بويىدىكى توغراقنىڭ شېخىغا پوتىسىنى تاشلاپ قويۇپ: _ ئەي قۇدرىتى ئۇلۇغ تەڭرىم، مەن شۇنچە ئۇزۇن يەردىن ئىمامى جەپىرى سادىقنىڭ مازىرىنى تاۋاپ قىلىش نىيىتىدە كەلسەم، ئۇنىڭ روھى نېمە ئۈچۈن ئايان بولمايدۇ؟ ئۇنىڭ روھىنى ماڭا ئايان قىل، ئايان قىلمىساڭ، مۇشۇ پوتىغا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالىمەن، - دەپ شاخقا چىگىلىپ تۇرغان پوتىغا ئېڭەك قويۇپتۇ. مەشرەپنىڭ سالمىقىدىن شاخ ئىگىلىپ كېتىپتۇ - دە، مەشرەپنىڭ پۇتى يەرگە تېگىپ قاپتۇ، شاخنىڭ ئۇچى يولنىڭ ئۇ چېتىدىكى يەنە بىر جۈپ توغراقنىڭ شاخلىرىغا كىرىشىپ كېتىپتۇ.مەشرەپ پوتىسىنى ئېگىلگەن شاختىن يۆتكەپ، يولنىڭ بۇ چېتىدىكى توغراقنىڭ شېخىغا سېلىپ، يەنە ئېسىلىپتۇ. بۇ شاخمۇ ئېگىلىپ، مەشرەپنىڭ پۇتى يەرگە تېگىپ قاپتۇ. شاخنىڭ ئۇچى يولنىڭ ئۇ چېتىدىكى توغراقنىڭ شاخلىرىغا كىرىشىپ كېتىپتۇ. مەشرەپ شاختىن پوتىسىنى يېشىپ بېلىگە باغلاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، يولنىڭ ئىككى چېتىدە بىر - بىرىگە ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇرغان ئىككى تۈپ توغراق دەرۋازىنىڭ ئىككى يان ياغىچىغا، ئېگىلىپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن ئىككى توغراقنىڭ ئىككى شېخى دەرۋازىنىڭ ئۈستۈنكى ياغىچىغا ئوخشاپ، تەبىئىي ھالدا بىر يېشىل دەرۋازا ھاسىل بوپتۇ. كىشىلەر شۇ چاغدىلا بۇ يېشىل دەرۋازىنى «مەشرەپ دەرۋازىسى » دەپ ئاتىغانىكەن. ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت