كېلەر ھەققىدە رېۋايەت
رېۋايەتلەر
بۇرۇنقى زاماندا، تەڭرىتاغنىڭ ئېتىكىدە بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. بۇ پادىشاھقا تەڭرىتاغدىن تارتىپ ئالتۇنتاغ، قوڭۇر تاغ، ئامۇ، دون دەرياسى ۋە ئوتلارقلار قارايدىكەن. پادىشاھ ئەدلىي - ئادالەتتە نۇشرىۋاندىن ئېشىپ چۈشىدىكەن. ھەرقانداق ئىشقا كىرىشىشتە دانىشمەنلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىش كۆرىدىكەن. ئۆز خەلقىگە تولىمۇ مېھرىبان ئىكەن. دۈشمەنلىرىگە قوش بىسلىق خەنجەردەك رەھىمسىز ۋە شەپقەتسىز ئىكەن. ئۇنىڭ بايلىقى مول، پۇقرالىرى باي، شاد - خۇرام ئويۇلتاشتەك ئۆم - ئىناق ئۆتىدىكەن. بۇ پادىشاھ قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ ئۆز زامانىنىڭ تەڭداشسىز ئالىملىرىدىن ئىكەن. ئۇنىڭ داڭقى يەتتە ئىقلىمغا پۇر كېتىپتۇ. دوستلىرى ئۇنىڭغا چىن قەلبىدىن ئاپرىن ئوقۇشۇپتۇ. دۈشمەنلىرى كۆڭلىدە ھەسەت قىلىشىپ، تۈرلۈك دۈشمەنلىكلەرنى ئويلاپ، ھەسەت ئوتىدا ئۆرتىنىپتۇ، پۇچىلىنىپتۇ.
بىر يىلى، پادىشاھ مەملىكەتنىڭ مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۇقرالار ئارىسىدىن ئۆزىگە نۆۋكەر ئاپتۇ. پۇقرالاربۇ ئادالەتپەرۋەر دانىشمەن پادىشاھقا ئۆزىنىڭ ئەزىز پەرزەنتلىرىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپتۇ. مىڭىغان پۇقرا بالىلىرى پادىشاھنىڭ لەشكەرلىكىگە قوبۇل قىلىنىپتۇ.
يېڭى قوبۇل قىلىنغان لەشكەرلەر ئىچىدە كېرىم ئىسىمىك بىر ياش يىگىت بارئىكەن. ئۇ ھىيلىگەرلىكتە شەيتانغا دەرس بېرىدىغان، ئىچىدە دائىم توڭگۇز قاترايدىغان ، ئۇنىڭ بۆكىنى بۇنىڭغا كىيگۈزۈپ، قىزىل كۆزلۈك قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان مەخلۇق ئىكەن.
يىراق بىر مەملىكەتتە بۇ پادىشاھقا چىش - تىرنىقى بىلەن ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەن بىر پادىشاھ بار ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ پادىشاھ ئادىل پادىشاھنىڭ ئىچكى سىرلىرىدىن ئاز - تولا خەۋەردار بوپتۇ - دە، پادىشاھنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ كەڭ زىمىنىنى ئېگەللىۋالماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا قارشى نۇرغۇنلىغان لەشكەر توپلاپ قوشۇن تارتىپ مېڭىپتۇ. بۇ خەۋەر ئادىل پادىشاھقا يېتىپتۇ. پادىشاھ دۈشمەننىڭ قۇرۇق ھەيۋىسىدىن قىلچە تەمتىرەپ كەتمەي، لەشكەرلىرىنى قاتتىق مەشىق قىلدۇرۇپ تەربىيلەپ، مۇستەھكەم مۇداپىئە كۆرۈش تەييارلىقىنى ئىشلەپتۇ.
ياخشى بىر سائەتتە ، بۇ پادىشاھ ئۆزىگە قارشى ئاتلانغان دۈشمەنلەرگە قارشى لەشكەر تارتىپ مېڭىپتۇ. كېرىممۇ بۇ لەشكەرلەر ئارىسدا بار ئىكەن. ئۇ كېتىۋېتىپ ئۇيلاپتۇ: «بۇ پادىشاھ ياۋغا قارشى تەۋەككۈل قىلىپ كېتىۋاتىدۇ،ياۋ ئۈستىدىن غالىب كېلەمدۇ، مەغلۇپ بولامدۇ، بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. مەن ئۆزۈمنى قاراپ تۇرۇپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگۈچە، ياخشىسى بىر ئامال قىلىپ قېچىپ كېتىپ جېنىمنى قۇتۇلدۇراي».
لەشكەرلەر بىر مەنزىلگە بېرىپ قونغاندا كېرىم پادىشاھقا دەپتۇ:
_ جانابىي پادىشاھى ئالەم، مۇشۇ ئەتراپتا مېنىڭ نەۋرە ئاكام بارئىدى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن زامان بولدى، بىر كۆرۈشۈۋالسامكەن.
پادىشاھ ئويلىنىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا تېز بېرىپ، تېز قايتىپ كېلىشكە ئىجازەت بېرىپتۇ. كېرىم بەدەر تىكىۋېتىپتۇ.
پادىشاھ ئەتىسى لەشكەرلىرى بىلەن بىللە كېرىمنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپتۇ، كەلمىگەندىن كېيىن ئۇزاپ كېتىپتۇ. بىر مەنزىلگە بارغاندىن كېيىن پادىشاھ لەشكەرلىرىگە:
_ توختاڭلار، ئۇ يېتىشىۋالسۇن! - دەپتۇ.
كۈتۈپتۇ، كۈتۈپتۇ، كېرىم يەنە كەلمەپتۇ. شاھ بىرقانچە لەشكىرىنى كېرىمنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپتۇ. لەشكەرلەر قايتىپ كېلىپ پادىشاھقا:
_ كېرىم ھازىر يېتىپ بارىمەن دېدى، - دەپتۇ. شاھ ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى كېرىمنى مانا كېلەر، ئەنە كېلەر، ھازىر كېپقالار، دەپ كۈتۈپ بېقىپتۇ. يەنىلا كەلمەپتۇ. شاھ غەزەبلىنىپ بۇ ئىككى يۈزلىمە، قارا يۈز قاچقۇنغا لەنەت ئوقۇپتۇ - دە، تەرەت ئېلىپ، جايناماز سېلىپ ئىككى رەكەت شۈكرانە ناماز ئوقۇپتۇ ۋە قولىنى كۆتۈرۈپ تەڭرىگە مۇنداق مۇناجات قىپتۇ:
_ ئىبارا خۇدايا، پاكى پەرۋەردىگارا، سەن ھەممىگە قادىرسەن، قارا نىيەت، ئىككى يۈزلىمە خائىنلارنىڭ ئەدىپىنى بەرگەيسەن، ئۇ كېلىمەن دەپ بىزنى ئالداپ قويدى. ئۇنى گۇناھكار ئاسىي بەندىلىرىڭگە ئىبرەت قىلىپ، كېلەرگە ئايلاندۇرۇۋەتكەيسەن!
تەڭرى شاھنىڭ تەلىپىنى ئىجابەت قىپتۇ. كېرىم بىر يارنىڭ يوچۇقىغا يۇشۇرۇنۇۋالغانىكەن. ئۇ مۆكۈپ تۇرغان يېرىدىلا بىردىنلا تېرىسى مۈدۈر - چوقۇر، تىكەنلىك، قاپقارا، قۇيرۇقلۇق، ھىڭگاڭ چىش، قورقۇنچلۇق سەت بىر ھاشارەت كېلەرگە ئايلىنىپ قاپتۇ.كېلەر چۆل - جەزىرە، ساي - جىرا يوچۇقلىرىنى ئۆزىگە ماكام قىلىپتۇ. ئۇ ھەمىشە ئادەملەرنى كۆرسە «مەن قاچان ئۆز ئەسلىمگە قايتىمەن؟»دېگەندەك تىكىلىپ قارايدىكەن.