UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتبېھى ھەققىدە رېۋايەت

بېھى ھەققىدە رېۋايەت

رېۋايەتلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە لوقمان ھېكىم بارلىق مېۋىلەرنى يىغىپ، ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ قانداق كېسەلگە شىپا بولىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. مېۋىلەر بىر - بىرلەپ پىكىر بايان قىلىپ، قانداق كېسەلگە شىپاھ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپتۇ. بىراق. لوقمان ھېكىم تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مەرىكىگە ئۆزى سۇلۇق، يۇپيۇمىلاق كەلگەن بېھى بارغىلى ئۇنىماپتۇ ۋە ئۆز خاسىيىتى ھەققىدە سىر تۇتماقچى بوپتۇ. بۇ ئىشتىن لوقمان ھېكىمنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇ. ئۇ غەزەب بىلەن بېھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ھەي بېھى، سەن نېمە ۋەجىدىن ئۆز خاسىيىتىڭنى يۇشۇرىسەن؟ - دەپتۇ. بېھى مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ: _ ئى لوقمان، مەن داۋالىيالمايدىغان كېسەل يوق. مەندە ئۆلگەن ئادەمنى تىرىلدۈرگۈدەك قۇدرەت تۇرۇقلۇق، سېنىڭ بۇنداق سوئالنى سورىشىڭ مەن ئۈچۈن ھاقارەت ئەمەسمۇ؟ شۇڭا، شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سەن بىرەر كېسەل ئۈستىدە ئىلاجسىز قالغۇدەك بولساڭ دەرھال مېنىڭ ئالدىمغا كەل، - دەپتۇ. بۇنىڭدىن ئاچچىقلىنىپ يېرىلغۇدەك بولغان لوقمان ھېكىم بېھىنى قاماللاپ تۇرۇپ: _ سەن تېخى مېنى كۆزگە ئىلمىغۇدەك بولۇپ كەتتىڭمۇ؟ - دەپتۇ - دە، ئۇنىڭ بۇرنىنى سىقىۋېتىپتۇ. شۇ ھامان بېھىنىڭ بۇرنىدىن كوركىراپ سۇ ئېقىپتۇ ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدا لوقماننىڭ بەش بارمىقىنىڭ ئىزى قاپتۇ. بېھى شۇ ئاغرىپ ياتقىنىچە ئەسلىگە كېلەلمەي، تا ھازىرغىچە رەڭگى سېرىق، سۈيى يوق قاتمال بولۇپ قاپتۇ
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
بېھى ھەققىدە رېۋايەت | UyghurWiki | UyghurWiki