UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتسۇلتان سۇتۇق بۇغراخان

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان

رېۋايەتلەر ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تۇغۇلغان كغنى يەر شۇنداق قاتتىق تەۋرەپتۇ، يەردىن سۇ چىقىپ، بۇلاقلارنىڭ سۈيى راۋان بوپتۇ. قىش كۈنى بولسىمۇ گۈللەر ئېچىلىپ، زېمىن يېشىللىققا ئايلىنىپتۇ. بۇ ئىشقا ھەيرانۇ ھەس بولغان مۇنەججىم، ئەھلى پاراسەتلىكلەر قۇرئى ئېچىپ: «بۇ ئوغۇل جاھانگىر (جاھاننى بويسۇندۇرغۇچى) بولىدۇ، مۇھەممەدنىڭ دىنىغا كىرىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىپتۇ. بۇ ھۆكۈمنى ئاڭلىغان بۇددىستلار «بۇ بەچچە بىزنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز ئىكەن» دەپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇپتۇ. ئەمما، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان توسۇۋېلىپ ئۆلتۈرگىلى قويماپتۇ. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى ئاتىسى قازا قىلىپ كېتىپ، ئانىسىنىڭ ھېمايىچىلىرىدىن ھارۇن بۇغراخاننىڭ تەربىيىسىگە قاپتۇ. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇقنىڭ تەڭ دېمەتلىكلىرىدىن قىرىق ئاغىنىسى بار ئىكەن. بۇ قىرىق ئاغىنە ھەر كۈنى يىغىلىپ بەزمە باراۋەت قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدىكەن، شىكارغا چىقىپ ئوۋ ئوۋلايدىكەن، ئاخشىمى كۆڭۈل ئىزھارلىرىنى ئېيتىپ ھەمسۆھبەت بولىدىكەن. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئون ئىككى ياشقا تولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىرىق ئاغىنىسى بىلەن شىكارغا چىقىپتۇ. بىر تىكەننىڭ يېنىغا كېلىشىگە ئۇنىڭ تۈۋىدىن بىر توشقان چىقىپ قېچىشقا باشلاپتۇ. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق توشقاننى قوغلاپتۇ. توشقان بىر جايغا بېرىپ توختاپتۇ. سۇلتان توشقاننى ئەمدى ئاتاي دەپ تۇرۇشىغا، توشقان بىر مەرد كالانغان ئايلىنىپتۇ ھەمدە سۇلتان سۇتۇققا: _ كېلىڭ ئەي پەرزەنتىم، پېقىر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدا بولۇپ يۈرەتتىم. ئەلھەمدۇلىللاھ، سىزگە تەنھا مۇيەسسەر بولدۇم. ئاتتىن چۈشۈڭ، ماڭا قاراپ قەدم ئېلىڭ. بىر نەچچە ئېغىز سۆزۈم بار، ئېيتاي، _ دەپتۇ. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇ ئىشقا ھەيران قاپتۇ ھەمدە ئاتتىن چۈشۈپ، مەردى كالاننىڭ ئالدىغا كېلىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپتۇ. مەردى كالان: _ ئەي پەرزەنتتىم، سىزنىڭ بەختىڭىز بەختىم، سىزنىڭ نازۇك بەدىنىڭىزنى ئاتەش دوزاختا قالمىسۇن دەيمەن. سىز نېمە ئۈچۈن بۇتقا چوقۇنۇپ كۇپرى بىدئەتنى لازىم قىلىسىز؟ سىزنى ياراتقان خۇدايىڭىز بار. شۇ خۇدانىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر يۈرگەن يولدا يۈرۈڭ، _ دەپتۇ ھەمدە پەيغەمبەرنىڭ كىملىكىنى، دوزاخنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندۈرۈپتۇ. ھەزرىتى سۇلتاننىڭ كۆڭلىدە بىر ۋەھىمە پەيدا بوپتۇ. مەردى كالاننىڭ سۆزنى قوبۇل قىلىپ، مەردى كالانغا كۈندە بىر قېتىم مۇلاقەت بولۇپ تەلىم ئېلىشنى ئىلتىماس قىپتۇ. ئەمما مەردى كالان: «ئەي پەرزەنت، سىز ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولۇپ، تەلىم بېرىپ، تەربىيە قىلىپ، كامالەتكە يەتكۈزىدىغان كىشى پات پۇرسەتتە يېتىپ كېلىدۇ» دەپ ئەلەيھىسسالام ئىكەن. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئۆزىنىڭ خىزىر ئەلەيھىسسالامغا يولۇققانلىقىنى ۋە كەلىمەتەيبىنى ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ھېچ كىشىگە تىنماپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق قىرىق ئاغىنىسى بىلەن يەنە ئوۋغا چىقىپتۇ. شىكار قىلا - قىلا ئاتۇشتىكى «باقۇ» دېگەن يەرگە يېتىپ كەپتۇ. قارىسا بۇ يەردە بىر قانچە خۇش سۈرەت، ياخشى ئەخلاقلىق ئادەملەر ئولتۇرۇشقۇدەك. يۈك - تاقلىرىمۇ ئوچۇق - ئاشكارا تۇرغۇدەك. ھەزرىتى سۇلتان بۇلارنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. ھەمدە بۇلارنىڭ كىملىكىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە كارۋانلارنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. كارۋان باشلىقى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھەزرىتى سۇلتانغا سالام قىپتۇ. ھەزرىتى سۇلتان ئاتتىن چۈشۈپ كارۋان باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. كارۋان باشلىقى ھەزرىتى سۇلتاننى ئىززەت - ئېكرام بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئالدىغا ماتا قويۇپتۇ. ھەزرىتى سۇلتان «خىزىر ئېيتقان كىشى شۇ بولسا كېرەك» دەپ گۇمانلىنىپ، كارۋان بېشىدىن سوراپتۇ: _ ئېتىڭىز نېمە؟ _ ئېتىم ئەبۇ نەسىر سامانى. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان «خىزىر ئېيتقان كىشى مۇشۇ ئىكەن» دەپ ئويلاپ ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ. بۇ كۈنى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئەبۇ نەسىر سامانىدىن ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرنى سوراپ بىلىۋاپتۇ. ئەتىسىدىن باشلاپ ھەر كۈنى يېرىم كېچىدە بۇ يەرگە كېلىپ ئەبۇ نەسىر سامانىدىن تەلىم ئېلىپ، ھەپتىيەك ۋە قۇرئاننى يادقا ئوقۇشنى بىلىپتۇ. دەل ئالتە ئاي بولغاندا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئۆزىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى قىرىق بۇرادىرىگە بىلدۈرۈپتۇ ھەمدە ئۇلارغا: «ئەي يارەنلىرىم، ئەگەر ماڭا دوست - ئاشىنا بولساڭلار ماڭا ئوخشاش ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇڭلار .....» دەپ نەسىھەت قىپتۇ. قىرىق بۇرادەرنىڭ بەزىسى ئۆز ئىختىيارىچە مۇسۇلمان بوپتۇ، بەزىسى ھەزرىتى سۇلتاندىن قورقۇپ مۇسۇلمان بوپتۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي مۇسۇلمان بولغانلار ئالتە يۈزدىن ئېشىپتۇ. ھارۇن بۇغراخان بۇددىستلىقتا تاشتىنمۇ قاتتىق، لەشكىرىمۇ تولا ئىكەن. ئۇ ئايغاقچى قويۇپ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلىپ قاپتۇ. ئۇ ۋەزىرلىرىنى يىغىپ ئۆزىگە دۈشمەن پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ - دە، كېڭەش قىلىشىپ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلىشىپتۇ. ئەتىسى بۇ قاراردىن سۇلتان سۇتۇقنىڭ ئانىسى خەۋەر تېپىپ ھارۇن بۇغراخاننىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ ھەمدە ئۇنىڭغا: _ شۇنچە يىلدىن بۇيان مۇشەققەت بىلەن ئاران چوڭ قىلغان بالامنى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرىسىلەر؟ - دەپتۇ. بۇ سۆزگە راسا ئاچچىقى كەلگەن ھارۇن بۇغراخان: _ ئەي خوتۇن، بىزنىڭ دىنىمىزدىن يېنىپ، مۇھەممەدنىڭ دىنىغا كىرگەندىنمۇ يامان گۇناھ بارمۇ؟ - دەپتۇ. ئانىنىڭ ھەزرىتى سۇلتانغا مېھىر - مۇھەببىتى ئىنتايىن چوڭقۇر ئىكەن. شۇڭا ئۇ ھارۇن بۇغراخانغا: _ بالامدىن ئىمتىھان ئېلىپ باق، بالامنىڭ ھەقىقەتەن مۇھەممەدنىڭ دىنىغا كىرگەنلىكى ئىسپاتلانسا ئاندىن ئۆلتۈرسەڭمۇ كېچىكمەيسەن، - دەپتۇ. ھەزرىتى سۇلتاننىڭ ئاتىسىنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى ئوردىدا خىزمەت قىلىدىكەن. ئۇ كىشىمۇ: «شۇنداق، ئاۋۋال سىناش كېرەك» دەپ ھەزرىتى سۇلتاننىڭ ئانىسىنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپتۇ. بۇ سۆز ھارۇن بۇغراخانغا ماقۇل كەپتۇ. بۇتخانا سالماقچى بولۇپ، بۇتخانىنىڭ خىشلىرىنى ھەزرىتى سۇلتانغا قويدۇرماقچى بولۇشۇپتۇ. ھەزرىتى سۇلتانغا كىشى ئەۋەتىپ، ئۇنى چاقىرتىپتۇ. ھەزرىتى سۇلتان كەپتۇ. ھارۇن بۇغراخان: _ ئەي پەرزەنت، سېنى بىزنىڭ دىنىمىزدىن يېنىپ، مۇھەممەدنىڭ دىنىغا كىردى دېيىشىۋاتىدۇ، بۇ قانداق گەپ؟ - دەپ سوراپتۇ. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق ئۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتى بويىچە قەسەم ئىچىپتۇ. بىراق ھارۇن بۇغراخان ئىشەنمەپتۇ. سۇلتان سۇتۇققا: «بىز بىر بۇتخانا ياسىماقچىمىز، شۇ بۇتخانىنىڭ ئۇلىنى سەن قويىسەن. قانداق قىلالامسەن؟» دەپتۇ. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئەندىشە ئىچىدە قاپتۇ. «قانداق قىلسام بولار» دەپ خىيال ئىلكىدە تۇرغاندا ھەزرىتى خىزىر ئەلەيھىسسالام ھازىر بولۇپ: «ئەي پەرزەنت، ھەرگىز ئىككىلەنمە،مەسچىت دەپ ئۇلىنى قويىۋەر» دەپ قويۇپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەشلىرىنى قىستۇرۇپ يارەنلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇتخانىغا ئۇل قويۇشقا باشلاپتۇ. تۆتىنچى خىشنى ئېلىپ قوياي دەپ تۇرغاندا ھارۇن بۇغراخان چاقىرىپ: «ئەي پەرزەنت، توختا، سېنى بۇنىڭدىن زىيادە تۇپراققا بۇلغاشقا تاقىرىم يوق. ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم. نېمە قىلىشنى خالىساڭ شۇنى قىل» دەپتۇ. ئەتىسى ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ قېشىا بېرىپ ئۇنىڭغا: _ ئەي بۈزۈرۈكۋارىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇددىستلار بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزنى بىلىپ قالسا ھەممىمىزنى ئۆلتۈرىدۇ، شۇڭا ئىلاجىنى قىلمىساق بولمايدۇ، - دەپتۇ. ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ ھارۇن بۇغراخانغا قارشى ھۇجۇم قىلماق بوپتۇ. تاڭلا كېچىسى ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق قىرىق نەپەر كىشى بىلەن ئەبۇ نەسىر سامانىنى ئېلىپ يولغا راۋان بوپتۇ ۋە ھارۇن بۇغراخاننىڭ ئوردىسىغا يېتىپ كەپتۇ. ئىسلام لەشكەرلىرى ئوردىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەردىكى تۆت يۈز ئاتنى، جەڭ سالاھىنى، بىر ئايغا يەتكۈدەك ئوزۇق - تۈلۈكنى ئېلىپ قايتىپ چىقىپتۇ. بۇددىستلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ باشلىنىپ يەتتە كېچە - كۈندۈز داۋام قىپتۇ. ئۇلاردىن بەش مىك كىشى، مۇسۇلمانلاردىن يۈز كىشى جېنىدىن جۇدا بوپتۇ. مۇسۇلمانلار ئون ئىككى مىڭغا يېتىپتۇ. زەپەر قۇچۇپ بۇددىستلارنى چېكىندۈرۈپتۇ. تاڭلا كېچىسى سۇتۇق بۇغراخان ئون ئىككى مىڭ لەشكەرنى ئەگەشتۈرۈپ ئوردىغا كەپتۇ. باش توخۇ چىللىغاندا، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان شەمشىرىنى يالىڭاچلاپ ئوردىغا كىرىپتۇ. ھارۇن بۇغراخان قاتتىق ئۇيقۇدا، بىر خىزمەتكارى يېنىدا چىراغ ياندۇرۇپ ئولتۇرۇپتىكەن. ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق «ھارۇننىڭ بېشىنى كېسەي» دەپ شەمشىرىنى تەڭلەپتۇيۇ، ئەمما: «دۈشمەننى ئۇخلاۋاتقاندا ئۆلتۈرۈش مەردلىك ئەمەس، ياخشىسى ئۇنى ئىمانغا دەۋەت قىلاي. ئەگەر ئىمان ئېيتىشقا ئۇنىمىسا ئاندىن ئۆلتۈرەي. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تۇزىنى يېگەنمەن» دەپ ئويلاپ شەمشىرىنىڭ ئۇچىنى ھارۇن بۇغراخاننىڭ پۇتىغا سانجىپتۇ. ھارۇن بۇغراخان چۆچۈپ ئويغىنىپتۇ، قارىسا سۇلتان شەمشىرىنى يالىڭاچلاپ تۇرغۇدەك. ھارۇن دەپتۇكى: «ئەي سۇلتان، سەندە شۇنچە دۆلەت تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىسەن.» ھەزرىتى سۇلتان: «قۇرۇق گەپنى قويۇپ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغىن» دەپتۇ. ھارۇن ئۇنىماپتۇ. ھەزرىتى سۇلتان شەمشىرىنى نەچچە قېتىم تەڭلەپ، ئۇنىڭ ئۆزىدىكى ھەققىنى ئويلاپ ياندۇرۇۋاپتۇ. ئاخىر بولالماي ئاللاھ دەرگاھىغا مۇراجىئەت قىلىپ: «ئىبارا خۇدايا، سەن ھەممىنى بىلىسەن، بارچىنى كۆرۈپ تۇرىسەن. بېشىنى كېسەي دەپ نەچچە مەرتىۋە شەمشەر تەڭلىدىم. يەنىلا تۇز ھەققىنى ساقلىدىم. قەھرىڭ بىلەن ئۇنى يەرگە يىتتۈرسەڭ» دەپتۇ. سۇلتاننىڭ دۇئالىرى ئىجابەت بوپتۇ. يەر تىترەپ - تەۋرەپ ھارۇننى سىنەسىغىچە يۇتۇپتۇ. يەر يېرىلىپ ھارۇننى پۈتۈنلەي يۇتۇپ كېتىپتۇ. شۇ زامان سۈبھى يورۇپ، ئالەم نۇرلىنىپتۇ. سۇلتان سۇتۇقنىڭ كارامەتلىرىنى كۆرگەن لەكمىڭ - لەكمىڭ ئادەم دەرھال ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بوپتۇ. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ پۈتۈن يۇرتنى ئىسلامغا مۇشەررىپ قىپتۇ. ئاتۇش مەشھەتتىكى ھارۇن بۇغراخان يۇتۇلۇپ كەتكەن جاي شۇندىن باشلاپ «يەر يۇتتى» دەپ ئاتىلىشقا باشلاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت