جۇداخ(تاۋاب قىلىش دېگەن مەنىدە)
رېۋايەتلەر
چىڭگىزخان دەۋرىدە موڭغۇللار بۇتقا تاۋاب قىلىش ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم تىبەتكە بارىدىكەن. ئۇلار غا يول ئۈستىدە چەكسىز دېڭىزدەك سۇ بولغاچقا كۆلنى كىسىپ ئۆتەلمەپتۇ. ئۇلار كۆلدىن ئۆتۈش چارىسىنى تاپالماي تۇرغاندا، ئەتراپىتىكى ئاراللاردىن كۆپلىگەن بېلىقچىلارنىڭ كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ بېلىق تۇتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ھۈنەرگە بەك قىزىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بېلىقچىلارنى چاقىرىپ كۆلدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشنى تەلەپ قىپتۇ. بېلىقچىلار ئۇلاردىن سوراپتۇ: «سىلەر نېمە ئادەم؟ نەگە بارىسىلەر؟ » بۇلار : «بىز جۇداخلار، تىبەتكە بارىمىز. »دەپ جاۋاب بېرىشىپتۇ.
شۇنىڭ بېلىقچىلار بۇ جۇداخلارنى مال - مۈلكى، ئات - ئۇلاغلىرى بىلەن قوشۇپ كېمىلەرگە سېلىپ، كۆلنىڭ شەرق تەرىپىگە ئامان - ئېسەن ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ. جۇداخلارنىڭ ئاقساقىلى ئۇلارغا يەنە:«بىز ياشىغان جايلاردىمۇ دەريا - كۆللەر بار، بىراق بېلىق تۇتۇشنى بىلمەيمىز، بىزنىڭ بىر جۈپ پەرزەنتىمىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قالسا، ئۇنىڭ بەدىلىگە مانجا (بېلىق تورى) بەرسەڭلار» دەپ تەلەپ قىپتۇ. بېلىقچىلار ماقۇل بوپتۇ. بۇ بىر جۈپ بالىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ئالاتولو، يەنە بىرىنىڭ ئىسىمى چالاتولو ئىكەن. ئالاتولو بىلەن چالاتولو بېلىقچىلار ئارىسىدا چوڭ بوپتۇ، بالاغەتكە يېتىپ ئۆي - ئوچاقلىق بوپتۇ. كۆپ پەرزەنتلىك بوپتۇ. كېيىنچە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى لوپنۇردىكى دۆڭقوتان ئەتراپىغا ماكانلىشىپ، بېلىقچلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ. كىشىلەر ئۇلارنى جۇداخ دەپ ئاتىغاچقا، بۇ نام ئۇلارغا سىڭىپ قاپتۇ. تا ھازىرغىچە ئۇلار ئۆزلىرىنى بەزىدە جۇداخ، يەنە بەزىدە «لاي سۇلۇق مانجاچى » دەپ ئاتىشىدىكەن.