UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئىپارخان

ئىپارخان

رېۋايەتلەر ھىدايتۇللا (ئاپاق غوجا) تەرىپىدىن ئۈچتۇرپانغا قوغلىۋېتىلگەن سەئىديە خانلىقىنىڭ سەردارى ئەمىر مۇھەممەتخاننىڭ نۇرئەلانۇرخان ئىسىملىك بىر نەۋرىسى بولۇپ، ئۇ گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ئىكەن. بۇ پەرىزات سۈپەتلىك قىزنىڭ بويىدىن تەبىئىي ئىپار پۇراپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىسمنى كىشىلەر «ئىپارخان» دەپ ئاتاشقانىكەن. ئىپارخان ئاتقا مىنىشكە ماھىر بولۇپ جەڭدە ئاجايىپ باتۇر ئىكەن. ئۇ بىر قېتىم ئىشىنكرۇ لەشكەرلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ئەسىرگە چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ خانغا كۆرسىتىپتۇ. ئىشىنكرۇ خان ئىپارخاننى بىر كۆرۈپلا ئاشىق - بىقارار بولۇپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزنى مەجبۇرىي مەلىكىلىككە قوبۇل قىپتۇ. ئىپارخاننىڭ رايىنى تارتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىلمىغان خۇشامىتى قالماپتۇ. نېمە تەلەپ قىلسا شۇنى دەرھال بېجىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. لېكىن، ئەل - يۇرت پىراقىدا باغرى كۆيۈپ ئاتەش بولغان ئىپارخان خاننىڭ بۇ ئىلتىپاتلىرىغا قىلچە پىسەنت قىلماي، ھەمىشە مۇڭلىنىپ غەمكىن ئۆتۈپتۇ. بۇ ھالنى سەزگەن ئىشىنكرۇ خان ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ يەكەندىكى ئۇرۇق - تۇغقان، يۇرتداشلىرىنى بېيجىڭغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئوردا يېنىدىن مەخسۇس مەھەللە ئاجرىتىپ، ئۇلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ ۋە بۇ قېرىنداشلىرى بىلەن ئىپارخاننىڭ ھال - مۇڭ بولۇپ ئۆتىشىگە شەرت ھازىرلاپ بېرىپتۇ. بىراق، خاننىڭ بۇ «ئىلتىپاتى» ئىپارخاننىڭ مىسكىن كۆڭلىنى كۆتۈرەلمەپتۇ. بۇ مەلىكە يەنىلا خانغا كۆڭلىنى بەرمەي، خاپىچىلىق ئىچىدە ئۆتىۋېرىپتۇ. ئامالسىز قالغان خان ئىپارخاننىڭ يېنىغا كىرىپ: «ئى، مەلىكەم! سىزگە بارلىق شاپائىتىمنى كۆرسەتتىم. مەندەك بىر شانۇ شەۋكەتلىك خانغا خانىش بولغىنىڭزغا پەخىرلەنمەي، يەنە نېمىشقا ئۆزىڭىزنى مۇنچىۋالا ئاۋارىچىلىككە سالىسىز؟ چىرايىڭىز كۈنسېرى سارغىيىپ كېتىۋتىدۇ، سىزگە يەنە نېمە لازىم؟ ئېيتىڭ، مەن بەجا كەلتۈرىمەن» دەپ سوراپتۇ. شۇندا ئىپارخان يەنە خانغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ: «مېنىڭ يۇرتۇمدا مېۋىسى ئالتۇن، يوپۇرمىقى كۈمۈش، شېخى پولات، ھىدى ئىپار بولغان بىر دەرەخ بار ئىدى، شۇنى سېغىندىم» دەپتۇ. «بۇ قانداق دەرەختۇر؟» دەپ ھەيران قالغان خان دەرھال لەشكەر بېشى سۇچىڭ بىلەن ھاكىم بەگ ئەبەيدۇللاغا مۇشنداق دەرەخنى دەرھال ئوردىغا كۆچۈرۈپ كېلىشكە پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. سۇچىڭ بىلەن ھاكىم بەگ خان تەلەپ قىلغان بۇ خاسىيەتلىك دەرەخنىڭ جىگدە ئىكەنلىكىنى قارارلاشتۇرغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئۈچتۇرپان خەلقىگە سېلىق چۈشۈرۈپ، يۈز ياغاچ تۇڭغا جىگدە كۆچىتى كۆچۈرۈپ بېيجىڭغا يۆتكەش بۇيرۇقىنى ساپتۇ. مەجبۇرىي ھالدا نەچچە مىڭلىغان يوقسۇل دېھقانلارغا جىگدە كۆچۈرۈلگەن يولغا ياغاچ تۇڭلارنى كۆتۈرگۈزۈپ، ئۈچتۇرپاندىن ھەيدەپ مېڭىپتۇ. مەھبۇسلار ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق ئازابىدا بىر كېچە - كۈندۈز يول يۈرگەندىن كېيىن، بىر قونالغۇدا مەسلىھەت قىلىشىپتۇ: «خاننىڭ بۇ يارلىقى ھەممىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. مەنزىلگە يېتىپ بارغۇچە ھەممىمىز ئۆلۈپ تۈگەيمىز. يېتىپ ئۆلگۈچە ئېتىپ ئۆل دەپتىكەن. جاننى بۇنداق قىينىغۇچە يا ئۆلۈم - يا كۆرۈم دەپ بىراقلا قوزغىلايلى» دەپ ۋەدىلىشىپتۇ. پىغانى تاشالماي ئاران تۇرغان يىگىتلەر شۇئان ھەرىكەتكە كېلىپ، جىگدە قاچىلانغان ھەممە تۇڭلارنى چېقىپ تاشلاپتۇ. قولىغا تاياق - توقماق ئالغان قوزغىلاڭچىلار شۇ كېچىدىلا ئون مىڭغا يېتىپتۇ. سۇچىڭ ۋە ھاكىم بەگنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ چېرىكلىرىنىڭ راسا ئەدىبىنى بېرىپتۇ. بۇ «جىگدە يېغىلىقى» دەپ ئاتىلىپتۇ. خاننىڭ جىگدە كۆچۈرۈش پەرمانى بەربات بولغاندىن كېيىن، ئىشىنكرۇ خان قەھرى - غەزەپكە كېلىپ، ئىپارخاننى قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇپ، ئىپارخاننىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ زورلۇق ئىشلەتكەنىكەن، بۇ ئىپپەتلىك قىز قارشىلىق كۆرسىتىپ، قونجىدىكى پىچاق بىلەن خاننى يېنىك يارىلاندۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلسىمۇ، ھىيلىگەر ىان پەرىزات قىزدىن زادى كۆڭلىنى ئۈزەلمەپتۇ. «بىز مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈزۈلۈپ قالار» دەپ ئىپارخاننى ئاپىسىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى باشقا جايغا ساياھەتكە كېتىپتۇ. ئوردىنى باشقۇرۇپ تۇرغان ئىشىنكرۇ خاننىڭ ئانىسى ئۆز ئەتراپىدىكى خۇسۇمەتچى مەلىكە، خانىشلار بىلەن: «ئىشىنكرۇ دۆلەت خانى تۇرۇقلۇق نەسەبسىز بىر ئاددىي ئايالغا پۈتۈنلەي ئەسىر بولۇپ كەتتى. ناۋادا ئۇنىڭدىن پەرزەنت كۆرۈپ قالسا، خانلىق تەختىمىزنىڭ ۋارىسى بولۇپ قالىدۇ، ئۇ چاغدا بىزنىڭ نەسەبىمىز ئۈزۈلىدۇ. شۇڭا بۇ ئايالنى دەرھال كۆزدىن يوقىتىش كېرەك» دەپ سۈيقەست پىلانلاپتۇ. نەتىجىدە بىر ئامال تېپىپ، ئىپارخانغا زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ئىشىنكرۇ خان قايتىپ كەلگەندە ئوردا خانىشلىرى بىرلىكتە: «ئىپارخان زەھەر ئىچىپ ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋالدى» دەپ مەلۇم قىلىشىپتۇ. ئىپارخاننىڭ ئىشق - پىراقىدا كۆيگەن ىان قاتتىق ئازاب ئىچىدە قاپتۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي كۆيۈك دەردىدە ئۆلۈپتۇ. ئىپارخاننىڭ جەسىتى ئاشۇ جايدىكى خانلىق قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
ئىپارخان | UyghurWiki | UyghurWiki