لىكەڭ
رېۋايەتلەر
شايار ناھىيسى مازار غوجام يېزىسىدا لىكەڭ دەيدىغان بىر كەنت بار . بۇ كەنتنىڭ نامىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە مۇنداق بىر رېۋايەت تارقالغان:
قەدىمكى دەۋىرلەرنىڭ بىرىدە بۇ يۇرتقا بىر ئۇلۇغ ئەۋلىيا كەلگەنىكەن. بۇ ئەۋلىيانىڭ يۈزىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىكەن. ئۇ بېشىغا گىرۋەكلىرى ئىنتايىن ئۇزۇن، قالپاققا ئوخشاپ كېتىدىغان غەلىتە بىر باش كېيىم كىيىۋالغانىكەن. ئۇ ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ماڭغاندا بۇ ئۇزۇن باش كىيىم لىكىلداپ تۇرىدىكەن. بۇ ئەۋلىيا ئاتنى ئاستا ماڭدۇرۇپ، ھەممە كىشىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇلارنى ئىنساپ - ئادالەتكە دەۋەت قىپتۇ. كېيىن كېتىدىغان ۋاقىتىدا بۇ جايدىكى كىشىلەرگە بىر تۇچ قوڭغۇراقنى بېرىپ، «ئەگەر قاچان بېشىڭلارغا كۈن چۈشسە، مۇشۇ قوڭغۇراقنى چالساڭلار مەن شۇ ھامان پەيدا بۇلۇپ، مۈشكۈلاتىڭلارنى ئاسانلاشتۇرىمەن» دەپتۇ - دە، كېتىپ قاپتۇ. ئەۋلىيا كەتكەندىن كېيىن بىر نەچچە كۈنگىچە كىشىلەر ئارىسىدا بىر كىشى تۇغرۇلۇق غۇلغۇلا بوپتۇ. بەزىلەر ئۇنىڭ ئەۋلىيا ئىكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنمەپتۇ. ئاخىر ئۇلار سىناپ باقماقچى بولۇپ قوڭغۇراقنىچ چېلىپتۇ. شۇ ھامان ئەۋلىيا ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ «نېمە مۈشكۈلاتقا يولۇقتۇڭلار» دەپ سوراپتۇ. بۇنىڭدىن ھەيران قالغان كىشىلەر نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ھەيران قاپتۇ. كېيىن كىشلەر بۇ ئەۋلىيانى بىر ئۆيگە مېھمانغا تەكلىپ قىپتۇ ۋە ئۇنى قايتا سىناپ بېقىش ئۈچۈن پولۇ ئېتىپ پولۇنىڭ ئۈستىگە مۈشۈكنىڭ گۆشىنى بېسىپ ئېلىپ كىرىپتۇ.ئەۋلىيا بىر قاراپلا ئۇنىڭ مۈشۈكنىڭ گۆشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ ۋە قاتتىق غەزەپكە كېلىپ :«سىلەر مېنى ئەخمەق قىلماقچىمۇ؟ سىلەر ماڭا ئەمەس، ئۆزۈڭلارغا يامانلىق قىلىۋاتىسىلەر، ئەمدى بۇ قوڭغۇراق خاسىيىتىنى يوقاتتى. مەن ھەرگىز قايتىپ كەلمەيمەن» دەپ كېتىپ قاپتۇ. كېيىن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشىغا كۆپ پۇشايمان قىپتۇ. ئۇلار بۇ ئەۋلىيانىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، گۇناھىغا توۋا قىلىپ ، ئەۋلىيانى سېغىنىپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزىدىغان بوپتۇ.ئۇلار يەنە ئەۋلىيانى دوراپ، ئۇنىڭ باش كىيىمىگە ئوخشايدىغان كىيىملەرنى كىيىدىغان بوپتۇ.ئۇلار ماڭغاندا بۇ ئۇزۇن باش كىيىم لىكاڭلاپ (لەپەڭشىپ) تۇرىدىكەن. شۇڭا، باشقا يۇرتتىكى كىشىلەر ئۇلارنى «لىكاڭلار» دەپ، بۇ يۇرتنى بولسا «لىڭاڭ » دەپ ئاتاشقا باشلاپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردە «لىكاڭ» دېگەن سۆز «لىكەڭ» گە ئۆزگىرىپو كېتىپتۇ.