چارەك
رېۋايەتلەر
قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسىدا ئىككى جىلغا ئارىسىغا ئورۇنلاشقان باش تەرىپى تاشلىق، ئايىغى سازلىق بىركەنت بولۇپ، نامى «چارەك».
بۇ كەنت قاراخانىيلار دەۋرىدە «ھويلا» دەپ ئاتىلىدىكەن. بەلۋاغلىق نۆكەرلىرىنىڭ سەردارى قۇۋان باي مىزاننىڭ ھويلىسى نامىغا قويۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر «قەدەس كەنت»،«كونا ھويلا»، «تۆۋەنكى ھويلا»، «چارەك» قاتارلىق كەنتلەردىكى خېلى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنى «سېرىق بەلۋاغلىق نۆكەرلەر» دەپ ئاتىشىدۇ.
قاراخانىلار دەۋرىدە، خان ئەسكەرلىرىدىن ئىستېلاچىلارغا قارشى قىرىق مىڭى ھەربىي يۈرۈش قىلىپ «بورا خىلتاي»(بۇلاقسۇ) يېزىسىدا چارلاش ئېلىپ بېرىپ، يېزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان قۇۋان باي مىزاننىڭ ھويلىسىنى بازا قىلىپ ئۇرۇنلىشىپتۇ. شۇ ۋاقىتتىكى سان سېستىمىسى ئاتالغۇسى بويىچە قىرىق مىڭ ئەسكەرنى «چاھارلەك» دەپ ئاتايدىكەن. بۇ «چاھارلەك» ئەسكەر بىرقانچە زامان مۇشۇ ھويلىدا تۇرغاچقا، خان غوجام پادىشاھىم ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن بۇ كەنتنىڭ نامىنى «چاھارلەك » دەپ ئاتاپتۇ. شۇندىن كېيىن يۇرتتىكى ئۇلۇغ - ئۇششاقلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئاتايدىغان بولۇشۇپتۇ. ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن جانلىق تىلدا «چارەك» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ھازىرمۇ كەنت مەركىزى ئورۇنلاشقان قۇۋان باي مىزان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى مەخسۇتنىڭ قەدەم جايى بار مەھەللىسى «ھويلا» دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن كەنت - يۇقىرىقى چارەك، ھويلا (ئۈزۈملۈك)، ئاياغ چارەك دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ.