UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتفارابى

فارابى

رېۋايەتلەر شىمالىي سۈرىيە ھۆكۈمرانى، ھەمىدانى سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى سەيپۇل دەۋلە 943 - يىلى دەمەشق شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرغان كۈنلەردە، فارابى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىدۇ. ئىبن خەللىكاننىڭ قىزىقىپ ھېكايە قىلىشىچە، بىر كۈنى فارابى پىيادە مېڭىپ سەيپۇل دەۋلە (915 - 967) نىڭ ياسىداق ئوردىسىغا كىرىپ كېلىدۇ. ياش پادىشاھنىڭ سارىيىغا توپلانغان ھەرخىل مۆتىۋەرلەر ھەرخىل ئىلمىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبتلىشىۋاتاتتى. ئۇلار ئۈستىگە تۈركىي كىيىم كىيگەن فارابىنى تونۇمايتتى. پادىشاھ بۇ ناتونۇش كىشىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغاندا، فارابى پادىشاھقا: «خالىغان جايدىمۇ ياكى بەلگىلەنگەن جايدىمۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. سەيپۇل دەۋلە ئۇنىڭغا: «خالىغان جايدا» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. فارابى كىشىلەر ئالدىدىن ئۆتۈپ، توپتوغرا سەيپۇل دەۋلە يېنىدىكى بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ. سەيپۇل دەۋلەنىڭ يېنىدا مۇھاپىزەتچى مەمەلىك ئولتۇرغانىكەن. ئۇ سەيپۇل دەۋلەگە ئۆزلىرى چۈشىنىدىغان ئايرىم تىل بىلەن: «بۇ شەيخ ئەدەپسىزلىك قىلدى، مەن ئۇنىڭغا بىر قانچە سوئال قويۇپ كۆرەي، جاۋاب بېرەلمىسە،ئۇنىڭ جاجىسىنى بېرەيلى» دەيدۇ. بۇ تىلنى فارابى ياخشى بىلەتتى. فارابى دەرھال ئۇنىڭغا: «ئەمىر، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، ھەرقانداق ئىشقا پەقەت ئۇنىڭ ئاخىرىدىلا باھا بېرىش كېرەك» دەپتۇ. سەيپۇل دەۋلە فارابىدىن: «سىز بۇ تىلنى بىلەمسىز؟» دەپ سورىغاندا، فارابى: «بىلىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. سۆھبەت باشلىنىدۇ. ھەر خىل ئىلمىي تېمىدىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. پەقەت فارابىلا بۇ مەسىلىلەرگە روشەن ئىزاھات بېرەلەيدۇ. سەيپۇل دەۋلە فارابىدىن: «ئىچىملىك ئىچىشنى خالامسىز؟» دەپ سورايدۇ. فارابى: «ياق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «تاماق يېيىشنى خالامسىز؟» دەپ سورايدۇ. فارابى يەنە «ياق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «مۇزىكا ئاڭلاشنى خالامسىز؟» دەپ سورىغاندا، فارابى: «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. فارابىنىڭ ئىلىمىدىن قايىل بولغان سەيپۇل دەۋلە ئۆز سارىيىدىكى ئاتاقلىق سازەندىلەرنى چاقىرىپ نەغمە قىلدۇرىدۇ. فارابى سازەندىلەرنىڭ ماھارىتىدىن نۇقسان تاپقاچقا، سەيپۇل دەۋلە فارابىدىن: «سىز بۇ ساز ئۇستىلىرىدىنمۇ ياخشىراق چالىدىغان ئوخشىمامسىز؟» دەپ سورايدۇ. فارابى: «شۇنداق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ ھەم بەلبېغىغا ئورالغان قۇتىدىن بىر تال تارنى ئېلىپ، مۇزىكىنى سازلاپ چېلىشقا باشلايدۇ. ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ تۇنجى مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ روھلىنىدۇ، ئىككىنچى مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ يىغلىشىدۇ. فارابى ئۈچىنچى مۇزىكىسى بىلەن ئۇلارنى ئۇخلىتىپ قويۇپ سارايدىن تەنھا چىقىپ كېتىدۇ. سەيپۇل دەۋلە بۇ شەيخنىڭ فارابى ئىكەنلىكىنى شۇ ۋەقەدىن كېيىن بىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۆز ھەرىمىگە تەكلىپ قىلىپ ئۇستاز تۇتىدۇ. تارىخي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، سەيپۇل دەۋلە ئوچۇق چىراي، سۆزمەن، مەلۇماتلىق، تەدبىرلىك، ئىلىم - سەنئەت سۆيەر بولۇش بىلەن بىللە، ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن بىر قەدەر ماھارەتلىك ئىكەن. ئىبن خەللىكاننىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر قايسى خەلىپىلەردىن كېيىن خانلىق سارايلىرىغا توپلانغان شائىر - ئەدىبلەر، ئالىم - قەيسەرلەر سەيپۇل دەۋلە سارىيىغا توپلانغاندەك كۆپ بولمىغان. سەيپۇل دەۋلە سارىيىدا ماھىر يازغۇچى ساھىب ئىبن ئەببەد (995 - يىلى ئۆلگەن) ۋەزىرلىك قىلاتتى. بۇ سارايدا توققۇز يىل ئىشلىگەن شۆھرەتلىك ئەرەب شائىرى ئەبۇ تەيىب ئەل مۇتە نەببى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەشھۇر ئالىم ۋە شائىرلار ئوخشىمىغان جايلاردىن كېلىپ بۇ يەرگە توپلانغانىدى. مۇتە نەببى فارابى بىلەن يېقىندىن تونۇشقان. (2) يەتتىسۇنىڭ بالاساغۇن دېگەن يېرىدە ئۆتكەن مەۋلانە شەيخ ئەبۇ ناسىر فارابىدۇر. بۇ ئەزىز ھەزرىتى ئىمام مۇھەممەد غەززالى ھەزرىتى ئىمام رازىلاردىن ئارتۇق كامالەت تاپقان، دىنىي ئىلىملەردە يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن، پەننىي بىلىملەردە ئىبن سىنادىنمۇ ئۈستۈن ئىدىكى، شەرىئەت ئىلمى، تەرىقەت ئىلمى، تەفسىر، ھەدىس، تېۋىپلىق، پەلسەپە، ئىدېئولوگىيە، ئەدەبىياتتىن تارتىپ شاھمات، نەرد ئويۇنلىرىغىچە بىلمەيدىغىنى يوق ئىدى. جۈملىدىن مۇزىكا ئىلىمىدىمۇ ناھايىتى يېتىلگەنىدى. قالۇننى ئۆز قولى بىلەن ياساپ، سىم تارتىپ چالغان ۋە سازەندە شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەنىدى. راك، ئوشاق مۇقاملىرىنى ۋە ئوشاقنىڭ مەرغۇللىرىنى ئىجاد قىلىپ ئالەمگە يايغان ھەم شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەنىدى. ھازىرمۇ ھەممە سازەندىلەرگە مەلۇم بولغان ئۆزھال مۇقامىنى ۋە ئۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى مەرغۇللىرىنى كەشىپ قىلغانىدى. «رىسالەئى مۇغەننىيۇن» (سازەندىلەر رىسالىسى) دېگەن كىتابىدا: «مۇزىكىنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى ئىنساننىڭ روھىغا مەنىۋىي ئوتنى تۇتاشتۇرغۇچى ئامىلدۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا شېئىر قوشۇلسا، ئۇ مىڭنىڭ نېمە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ» دەپ ئېيتقان ۋە يەنە: «يۈز يىل ئىبا دەت قىلىپ ئالالمىغان پەيزنى مېنىڭ قالۇنۇمنىڭ سىملىرىدىن ئالغايسىزلەر» دېگەن. بۇ ئەزىز تۈرلۈك ئىلىملەر ھەققىدە بىر يۈز ئون تۆت پارچە كىتاب يازغان.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت