مىزان شەھىرى
رېۋايەتلەر
رېۋايەتچىلەر ئۆتكەن ۋەقەلەر تارىخىدىن رېۋايەت قىلىپ، شەھىرى كوشات زىمىنىغا چۆككەندىن تەخمىنەن مىڭ يىللار كېيىن، شۇ ئەتراپقا يېقىن بۈك - باراقسان بىر تاللىق ئىچىگە ئورناشقان بىر قونالغۇ ئورنىدا مىزان ئىسىملىك بىر شەھەر بىنا بولغانىكەن. بۇ شەھەر مەشرىقتىن - مەغرىبكە ، جابىلقادىن - جابىلساغائۆتىدىغان سودا كارۋانلار يولىنىڭ بەلدەنگاھى (مەركىزى نوقتا ياكى چېگرا، پونكىت) بولۇپ، بۇ شەھەر بۇ يەردىن ئۆتكەن كارۋانلىرىدىن ئېلىنغان باج - خىراجەت بىلەن قامدىلىدىكەن .
شەھىرى مىزاننىڭ زەردەت ئىسىملىك تەدبىرلىك ۋە پاراسەتلىك، ھۆكۈمەت ئىشىدا ئادىل، لەشكىرى ئىشلاردا قابىل، خەلىققە مېھرىبان، سىرتقا قاتتىق قول بىر پادىشاھى بار ئىكەن.
ھەرقاچان سودا كارۋانلار يېتىپ كەلگەندە پادىشاھ باج ئېلىشنى ئۆزى باشقۇرىدىكەن. ئۇ باج ئالغاندا، كارۋانلار مېلىنى ئىككىگە بۆلۈپ، تارازىنىڭ بىر پەللىسىگە باج ھەققىنى، بىر پەللىسىگە ئىگىسىگە تەئەللۇق مالنى قويۇپ، پۇڭ ئۇيان - بۇيان قىلماي، تەڭ باراۋىرىدىن باج ئالىدىكەن. سودىگەر بۇنىڭغا نارازى بولىسمۇ، ھەتتا قۇراللىق تەھدىت سالسىمۇ، تەدبىرلىك پادىشاھ ھەممىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، يەنىلا ئۆز ئىشىنى قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ شەھەر مىزان دەپ ئاتالغانىكەن.
شەھىرى مىزان خەلقى سودا - تىجارەتكە كامىل، ھۈنەر - سەنئەتكە باي، دۇنيا - دەپنىسى تولۇپ تاشقان بولسىمۇ، پادىشاھ شەھەر خەلقىدىن باج ئالمايدىكەن. بەلكى باج ھەققى بىلەن كىرىم قىلغان مال - مۈلۈكلەرنى شەھەر خەلقىگە ئەرزان سېتىپ بېرىكەن. شۇڭا، شەھەر خەلقى باي - باياشات بولۇش بىلەن شاھقا ئىتائەتچان ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرگە سودا - تىجارەت ئۈچۈن كېلىدىغانلارمۇ كۆپىيىپتۇ. بارا - بارا ھەرقايسى شاھلىقلار ئەلچىلەر ئەۋەتىپ دوستلۇق ئورنىتىپتۇ. بىراق، بۇ شەھەردىكى باياشاتچىلىقتىن كۆزى قىزارغان ئەلچىلەر شاھلىقنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن قانچە ئۇرۇنسىمۇ، ھىيلىسى ئەمەلگە ئاشماپتۇ. كېيىن بۇلار شاھ بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىغا نىزا پەيدا قىپتۇ. نەتىجىدە پادىشاھ خەلىققە ئالۋان -ياساقنى ئېغىر ساپتۇ. بىر قانچە يىل ئىچىدە خەلىقنى داد - پەرياد دېگۈزۈپتۇ. شۇندىن كېيىن خەلق پادىشاھنىڭ قىلىشىدىن بىزار بولۇپ تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شەھەر چۆلدەرەپتۇ.
بۇ شەھەر كېيىن دەقيانۇسنىڭ تەۋەسىدە بولۇپ، نەچچە مىڭ يىل ئاۋات بوپتۇ. كېيىنكى ئەھۋاللارنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ.لېكىن، ئېغىزدن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن رېۋايەتلەردە ، بۇ شەھەر شاپتۇللۇق(جۇجاۋەن) تىكى بۇندىن ئىككى يۈز يىللار ئىلگىرى مانجۇلار چۈشۈپ كېيىن ۋەيران بولغان كونا قەلئەگە كۆچكەنمىش. لېكىن، شۇنداقتىمۇ ئەسلىدىكى شەھىرى مىزاننىڭ زادى قاچان ۋەيران بولغانلىقى نامەلۇم. خارابىسى ھېلىمۇ مەۋجۇت. ئۇرنى ئۇلانبايدا.