جەمەتلا غوجام مازىرى
رېۋايەتلەر
ئاتۇش شەھىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان «تەختى ھۇن كەنتى»دە بىر مۇقەددەس گۈمبەز بولۇپ، بۇ گۈمبەزنى يەرلىك كىشىلەر «جەمەتلا غوجام» (جاۋانى مەرد) دېگەن نام بىلەن يادلاپ كەلمەكتە. بۇ مۇقەددەس ئورۇن تارىختىن بۇيان ئاتۇشلۇقلارنىڭ كاتتا نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشھۇر ئورۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە. رېۋايەت قىلىنىشىچە، خانلىقنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سەئىدىيە تارىخچىلىرى بۇ زات ھەققىدە يېڭى تەزكىرە يېزىپ قالدۇرغانمىش. لېكىن، 1942 - يىلى، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ تەزكىرە يوقىلىپ كەتكەنمىش. ئەمما، خەلق ئارىسىدا بۇ زات ھەققىدە مۇنداق بىر رېۋايەت ساقلىنىپ كەلمەكتە:
تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 308 - يىلى (مىلادى 920 - يىلى) سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان باغۇ بوستالىقىدا ئەبۇ ناسىر ساماننىڭ دالالىتى بىلەن ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغاندا جاۋانى مەرد ئوتتۇز توققۇز ھەمراھنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان كىشى ئىكەن. ئۇ ئىلىمدە يىتۈك، جەڭدە بەك باتۇر ئەزىمەت ئىكەن. سۇتۇق بۇغراخان خاقان ئوغۇلچاقتىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش جېڭىدە جاۋانى مەرد ئەڭ ياخشى چارە كۆرسەتكەنىكەن، يەنى ئوردىغا تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ ئىگىلەش زۆرۈر دەپ مەسلىھەت بەرگەنىكەن. جاۋانى مەردنىڭ پىلانى بويىچە بوران چىقىپ يەر - جاھاننى قاپلىغان بىر كېچىدە ئۇلار ئوردىغا باستۇرۇپ كىرگەنىكەن. ئۇ شۇ قېتىمقى جەڭدە باتۇرلۇق كۆرسەتكەنىكەن. ئوردا ئىشغال قىلىنىپ ئازغىنا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خاقان ئوغۇلچاقنىڭ بۇددىست قوشۇنلىرى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپتۇ. سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قوشۇنى ئاتۇشنىڭ تاقۇت دېگەن يېرىگە چېكىنىپ چىقىپ مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرۇپتۇ. نۇرغۇن كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ ئىمان ئېيتىپ سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇپتۇ. ئۇرۇش ئۇزاققا سوزۇلۇپتۇ. ئاخىر خاقان ئوغۇلچاقنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپتۇ. لېكىن شۇ چاغدا بۇددىست قوشۇنلاغىمۇ تەرەپ - تەرەپتىن ياردەملەر كەپتۇ.
تاقۇتقا توپلانغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قوشۇنلىرى ئاتۇش ئارغۇ كەنتىنىڭ شىمالىدىكى جايپاچچىم دېگەن جايغا يۆتكىلىپتۇ. بۇ چاغدا بۇددىست قوشۇنلىرى بۇغراخان قوشۇنلىرىنى مۇھاسىرەگە ئېلىۋاپتۇ. بۇغراخان قوشۇنلىرى جايپاچچىمدىكى بىر جىراغا قاپسىلىپ قاپتۇ. سۇتۇق بۇغراخان كېڭەش ئۆتكۈزۈپ ياردەمچىلىرىدىن مەسلىھەت سوراپتۇ. جاۋانى مەرد « ماڭا بىر خىيال كىرىۋاتىدۇ، بىز ئەسكەرلەرگە بىرقانچە يەرگە تاش دۆۋلىتەيلى. تاش ئۈستىگە پىلىك ئېشىپ قويۇپ ئوت ياقايلى، مۇشۇنداق قىلساق، دۈشمەنلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ قوشۇنىمىزنى ناھايىتى كۆپ مۆلچەرلەپ ئارقىغا چىكىنسە ئەجەب ئەمەس» دەپتۇ. جاۋانى مەردنىڭ مەسلىھىتى بويىچە ئوت يېقىپتۇ. تاغ ئۈستىدە تۇرغان بۇددىست قوشۇنلىرىنىڭ باشلىقلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنى كۆرۈپ كۆڭلىگە قورقۇنچ چۈشۈپ ئارقىسىغا چېكىنىپتۇ. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قوشۇنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپتۇ. ئۇلار دۈشمەننى قوغلاپ تەختى ھۇن كەنتىگە كەلگەندە كەسكىن ئۇرۇش بوپتۇ. بۇ ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا جاۋانى مەرد ناھايىتى باتۇرلۇق كۆرسىتىپتۇ. بۇ ئەسكەرلەرگە ئىلھام بېرىپ ئاز كۈچ بىلەن كۆپ دۈشمەننى مەغلۇپ قىپتۇ. بىراق، بۇ ئۇرۇشتا جاۋانى مەردكە دۈشمەننىڭ ئوقى تېگىپ شېھىت بوپتۇ. ئۇنىڭ مىنگەن ئاق ئېتىمۇ ئوق تېگىپ ئۆلۈپتۇ. جەڭ چوڭ غەلىبە بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ. سۇتۇق بۇغراخان جاۋانى مەردنى «مېيىتنى تەن سوۋۇغىچە يەرلىككە قويۇش» دەيدىغان ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە تەختى ھۇن كەنتىگە دەپنە قىپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ جاي جاۋانى مەرد (جەمەتلا غوجام) دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ھەر يىلى نۇرۇز بايرىمىدا خەلق بۇ جايغا چىقىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدۇ.