UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئالتۇن قان

ئالتۇن قان

رېۋايەتلەر زولقەرنەين شەرققە قاراپ ئىلگىرىلىگەندە، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن تۈرك (ئۇيغۇر) خاقانى ياشلاردىن تەركىب تاپقان بىر بۆلۈك ئەسكەرنى ئەۋەتىدۇ. خاقاننىڭ ۋەزىرى :«سىز زۇلقەرنەينگە ياشلارنىلا ئەۋەتتىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەجرىبىلىك، ياشانغان ئۇرۇش ماھىرلىرىدىن بىرەر ئادەمنىڭ بولۇشى كېرەك ئىدى» دېگەندە، خاقان ياشانغان ۋە تەجرىبلىك مەنىسىدىكى «ئۈگە» سۆزىنى قوللىنىپ ، «ئۈگەمۇ؟»دېگەن. ۋەزىر: «ھە - ئە» دەپ جاۋاب بەرگەن.شۇنىڭ بىلەن خاقان ياشانغان، سىنالغان بىر ئادەمنى ئەۋەتكەن. ئۇلار بۇ كېچىسى زۇلقەرنەيننىڭ ئالدىنقى ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭگەن. بىر تۈرلۈك ئەسكىرى زۇلقەرنەين ئەسكەرلىرىدىن بىرىنى بىر قىلىچ بىلەنلا كىندىكىگىچە ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن. ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەر تىللا سېلىنغان ھەمياننى بېلىگە ئېسىۋالغانىكەن. ئۇمۇ كېسىلىپ، تىللالار قانغا مىلىنىپ يەرگە تۆكۈلگەن. ئەتىسى ئەتىگەندە تۈرك ئەسكەرلىرى قانغا مىلەنگەن تىللالارنى كۆرۈپ ، بىر - بىرىدىن «بۇ نېمە؟» دەپ سوراشقاندا، ئۇلار «ئالتۇن قان» دېيىشكەن. شۇڭا شۇ جايدىكى چوڭ بىر تاغ مۇشۇ تام بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇر ئىلىگە يېقىن بولغان بۇ تاغنىڭ ئەتراپىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتتى. زۇلقەرنەين شۇ كېچىلىك ھۇجۇمدىن كېيىن تۈرك خاقانى بىلەن سۈلھى تۈزگەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
ئالتۇن قان | UyghurWiki | UyghurWiki