كەيخىسراۋ
رېۋايەتلەر
كەيكاۋۇس ۋاپاتىدىن كېيىن تەختكە كەيخىسراۋ بىن سىياۋۇش ئولتۇردى. ئۇ شاھلىق تاجىنى كىيىپلا ئادەملەرنى يىغدى ۋە ئاپراسىياپ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ ئاتىسىنىڭ ئەنتىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لەشكەرلەر ئارىسىدىن يۈز مىڭ كىشىنى ئاجرىتىۋالدى ۋە تۈسى ناۋدەرگە تاپشۇردى. ئۇلار تۇرانغا يول ئالدى.
ئاپراسىياپ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇمۇ لەشكەر تارتتى. فېراننى قوشۇنغا باشلىق قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇرۇشتا تۇران ئەسكەرلىرى يېڭىپ چىقتى، فېرى بارز باشچىلىقىدىكى ئىران قوشۇنى يېڭىلىپ، بايراقنى ئارقىسىغا ئۆرۈپ قېچىشقا باشلىدى. كېيىن كەيخىسراۋ يەنە پۈتۈن ئىران لەشكەرلىرىنى يىغىپ ئاپراسىياپتىن ئۆچ ئېلىشتىن باشقا چارە يوق، دەپ ئېلان قىلدى. سىپاھلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا جەم بولۇشتى. ئاپراسىياپمۇ بارلىق تۈرك قوشۇنىنى جەم قىلغانىدى. كەيخىسراۋ ئىران بىلەن تۇران ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ قوشۇننى تۆت قىسىمغا بۆلۈپ، تۇرانغا كىرىش ۋە قارشى تەرەپ لەشكەرلىرىنى ئورىۋېلىشتىن ئىبارتە ئۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى. گۆدەرزگە ئاختارى گاۋىيان دەپ ئاتالغان چوڭ بايراقنى تاپشۇردى. ئۇنىڭغا قوشۇپ فېرى بارزنىمۇ ئەۋەتتى. يەنە بىر قوشۇننى گىرگىن مىلود ناملىق باشلىقىنىڭ قول ئاستىدا باشقا تەرەپكە ئەۋەتتى. قالغان لەشكەرلەرنى رۇستەمگە بەردى. يەنە گوشتەھى ناملىق لەشكەرلەر بېشىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەۋەتتى. ئۆزى ئۆز مەنزىلگاھىدا قارار تاپتى. كەيخىسراۋ تۇران قوشۇنىنىڭ يېقىنلاشقىنىنى، ئۇنىڭ باشلىقى فېراننىڭ ئۆزىنىڭ تەربىيىچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى خالىمىدى. كەيخىسراۋ ۋەكىللەر ئەۋەتىپ فېرانغا مۇنداق خەۋەر قىلدى: «سېنىڭ مەندە ھەققىڭ بار، سەن مېنى ئاتام ۋە ئانام ئورنىدا تەربىيىلىدىڭ، ماڭا كۆپ ياخشىلىقلار قىلدىڭ، غەلىبە قازانسام سېنىڭ ھەققىڭنى ئاقلايمەن.»
فېران ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ۋە نامىنى ساقلىدى. ئاپراسىياپ فېراننى ئۆز بۇرادەرلىرى ھەم پەرزەنتلىرىدىنمۇ ئارتۇق قەدىرلەيتتى، ئۇنى ئۆزىدىن كېيىن باشلىق قىلىشقا مۆلچەر قىلغانىدى. گۆردەز فېران قوشۇنىغا زەربە بەردى. فېران شۇ ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلدى.
ئەتىسى كەيخىسراۋ تەختكە ئولتۇردى. نەۋرە ئاكىسى نەۋفىرانى ئوڭ قول تەرىپىگە ئولتۇرغۇزدى. ئۇنىڭغا كىرمان ۋە ماكىران ھاكىملىقىنى تاپشۇردى. كېيىن كەيخىسراۋ گۆردەزگە مىننەتدارلىق ئىزھار ئەتتى. كۆپ سوۋغاتلار بەردى ۋە ئۇنى ئىسپىھان ھەمدە گورگان ھاكىملىقىغا تەيىن قىلدى. باشقا لەشكەرلەردىنمۇ خەۋەر كەلدى. ئۇلار تۇران يېرىدە ئاپراسىياپنى ئورىۋالغانىدى. جاھان ئاپراسىياپقا تارلىق قىلغانىدى.
ئاپراسىياپ ئوغلى شەيداغا كۆپ قوشۇن بېرىپ، كەيخىسراۋغا قارشى ئۇرۇشقا ئەۋەتتى. شەيدا جادۇ ھۈنىرىگە ئۇستا ئىدى. كەيخىسراۋ ئۇنىڭ جادۇسىدىن قورقۇپ، قوشۇنىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى.ئاخىر تۈرك قوشۇنى چېكىندى ۋە كەيخىسراۋنىڭ لەشكەر باشلىرى ئۇلارنى قورشاۋ ئاستىغا ئالدى، ئۇلار يېتىپ بېرىپ شەيدانى ئاتتىن غۇلاتتى ۋە ئۆلتۈردى. تۈرك قوشۇنى يېڭىلىپ قاچتى، كەيخىسۋار لەشكەرلىرى كۆپ ئەسىر ۋە ئولجىلارنى ئېلىپ قايتتى.
ئاپراسىياپ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ لەشكەر باشلىقلىقىنى ئەمدى كىمگە تاپشۇرۇشنى بىلمەي قالدى. ئىنتايىن چوڭ قوشۇن توپلاپ ئۆزى باش بولغان ھالدا جەڭگە ئاتلاندى.
كەيخىسراۋ ھەممە قوشۇنىنى يىغدى، ئۈچ لەشكەر بېشى ئالدىغا چىقتى. ھۆۈمرانلار ۋە مەلىكىزاتلار كەيخىسراۋنىڭ ئەتراپىغا جەم بولدى. ئۇرۇش باشلاندى. بۇنداق ئۇرۇشنى ھازىرغىچە جاھاندا ھېچكىم كۆرمىگەن. ئاپراسىياپ مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. كەيخىسراۋ ئۇنى قورشاپ شەھەرمۇ شەھەر قوغلىدى، ئەمما ئاپراسىياپ ھېچقانداق يەردە توختىمىدى. ئاخىر ئۇ تۇرادىن چىقىپ، رۇمغا ئۆتۈپ كەتتى. ئاپراسىياپنىڭ قېشىدا لەشكەرلىرىدىن ھېچكىم قالمىدى.
كېيىن كەيخىسراۋ قوشۇننى قايتۇردى ۋە ئۆز يۇرتىغا كەلدى. ئۇ بارلىق خەلق ۋە ئەسكەرلەرنى يىغىپ: «مەن جاھاندىن نېمە لازىم بولسا تاپتىم، ئەمدى قاھان ئىشىنى تەرك قىلىمەن. مەملىكەتتىن چىقىپ كېتىمەن. مەملىكەت ۋە ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇشتا كىمنى خالىساڭلار شۇنىڭغا بېرىڭلار» دېدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى غەمكىن بولۇشتى، شۇنچە كۆپ يالۋۇرۇشتى، لېكىن كەيخىسراۋ ئۇنىمىدى. ئۇ يەنە: «ماڭا ئۆلۈم كەلمەكتە، ئۆلەىنىمدىن كېيىن نېمىنى قىلماقچى بولساڭلار، ھازىر شۇنى قىلىڭلار» دېدى. خالايىق بىلدىكى، ئەمدى ھېچقانداق گەپ پايدا بەرمەيدۇ. ھامان ئۇلار بىزگە نامزاتىڭنى تايىن قىل، ھۆكۈمەتنى شۇنىڭغا تاپشۇرايلى، دەيدۇ. ئۇ يەردە لوھرەسىپ ئولتۇرغانىدى. ئۇ شاھزادىلەردىن ئىدى. كەيخىسراۋ قولىنى شۇ تەرەپكە ئۇزاتتى ۋە جىم بولدى. شۇ كېچىسى كەيخىسراۋ غايىب بولدى. كېيىن ئۇنى ھېچكىم كۆرمىدى. دەيدۇلەركى، كەيخىسراۋ تاغلارغا چىقىپ كەتكەن ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان.