جۇۋازچى مەھەللىسى
رېۋايەتلەر
رېۋايەت قىلغۇچىلار شۇنداق رېۋايەت قىلىدۇكى، تۇرپان خانلىق دەۋرىدە بىر ئادىل شاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي ئىكەن. ئۇ كۈندىلىك ئىشىنى ئوردىدىكى دانىشمەن، ئۆلىما، يۇرت كاتتىلىرى بىلەن كېڭەش قىلىپ، ئۇلارنىڭ دانا تەدبىر، پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئەگەر كىمكى ئۇنىڭغا ئەرز -= ھال ئېيتىپ كەلسە، كەلگۈچىنىڭ ئېيتقىتنى بويىچە قارا - قويۇق ھۆكۈم چىقارماي، ئۆزى تەكشۈرۈپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئىشەنچ ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ھۆكۈم چىقىرىدىكەن. خەلق ئۇنىڭدىن رازى ئىكەن. شۇڭا، يۇرت ئامان، بازار ئاۋات، خەلىقنىڭ تۇرمۇشى باياشات ئىكەن. . . .
ئەنە شۇ ۋەدىلەردە شاھ ئوردىسىغا يېقىن بىر مەھەللىدە ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان سۇلتان مەمەت دېگەن بىر كىشى ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ بالىلىرى كۆپ ھەم كىچىك بولۇپ ئىشقا يارىمايدىكەن. ئۇنىڭ ئايالى ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، قانائەتچان ئىكەن، سۇلتان مەمەت ئوردا جۇۋازخانىسىدا ياغ تارتىپ تاپقان ئىش ھەققىگە تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن.
شاھ ئوردىسىدا بىرەر ھۈنەرنىڭ پېشىنى تۇتمىغان، يۈگۈر يېتىم ئىشلارنى قىلىپ جان باقىدىغان، ئىچى يامان ھارۇن ئىسىملىك بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇ دائىم كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا ھەسەت قىلىدىكەن. شۇڭا ھەردائىم كىشىلەرنىڭ ئىشىدىن يوچۇق ئىزلەپ يۈرىدىكەن.
كۈنلەردىن بىركۈنى، سۇلتان مەمەت شاھ ئوردىسى ئۇنىڭغا بەرگەن بىر قاپاق ياغنى ئېلىپ ئۆيىگە كېتىپ بارسا، ئوردا ئىشىكى ئالدىدا ھارۇن بۇنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇزۇندىن بۇيان سۇلتان مەمەتنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا ھەسەت قىلىپ كېلىۋاتقان ھارۇن، ئەمدى بۇنىڭ ئەدىبىنى بېرىش پۇرسىتى كەلدى، - دەپ ئويلاپ، پايپاسلاپ شاھنىڭ ئالدىغا كېرىپتۇ - دە:
_ كېرەملىك شاھىم، دەي دېسەم تىلىم كۆيىدۇ. مەن تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن خېنىمنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن بازارغا چىققانىدىم، نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىپ قايتىپ كېلىۋاتسام، ئوردا جۇۋازچىسى سۇلتان مەمەت بىر ئىدىش ياغنى ئېلىپ مىڭ تەسلىكتە كۆتۈرۈپ كېتىۋېتىپتۇ. مەن ئۇنى زادى نېمە قىلىدىغاندۇ دەپ، ئارقىسىدىن ماراپ بارسام، ئۇدۇل كۈنچىقىش بازىرىدىكى مامۇت ياغاچچىنىڭ دۇكىنىغا كېرىپ كەتتى. پادىشاھى ئالەم، ئوردىنىڭ نەرسىسىنى مۇشۇنداق ئوغرىلىسا قانداق بولغىنى ؟! مەن بۇنىڭغا چىدىيالماي، شاھىمىزنىڭ ئالدىغا كىرىشىم، - دەپ ئەرز قىپتۇ.
پادىشاھ بىر ئاز جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن ھارۇندىن:
_ سەن ئۇنىڭ بىر ئىدىش ياغنى ئېلىپ ماڭغىنىنى قاچان كۆردۈڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ ئۇلۇغ شاھىم، مەن ئۇنى تۈنۈگۈن نامازدىگەردە كۆردۈم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھارۇن. پادىشاھ ھارۇننىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يالغان سۆزلەپ، چېقىمچىلىق قىلىپ، ئارىغا ئىختىلاپ سالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپتۇ. ئۆزىنىڭ سۇلتان مەمەتكە بىر قاپاق ياغ بېرىشنى ئوردا خىزمەتچىسىگە ئېيتقانلىقىنى ئەسلەپتۇ. ھارۇن پادىشاھنىڭ جىمىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ:
_ شاھىم، ئۇنىڭ ئىشى بۇلا ئەمەس، ئۆزلىرىگە تارتىلىدىغان ياغنى يالغان مەلۇم قىلىپ ، قالغان قىسمىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ تېخى، - دەپ ئەزۋەيلەپتۇ. پادىشاھ ھارۇننىڭ ئەرزىنى ئاڭلاپ بولۇپ:
_ ئەتە جۇۋازخانىغا بېرىپ سۇلتان مەمەتنىڭ ياغ تارتىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلەيلى، - دەپتۇ. ئەتىسى پادىشاھ ھارۇن بىلەن جۇۋازخانىغا بېرىپ ئۇ يەرنى ئوبدان تەكشۈرۈپتۇ. سۇلتان غوجىدارنى چاقىرتىپ، بېرىلگەن كۈنجۈت بىلەن تارقىتىلغان ياغنىڭ ھېساباتىنى سوراپتۇ. غوجىدار ھېساباتنى تولۇق بېرىپتۇ. پادىشاھ ھېچقانداق گەپ - سۆز قىلماي جۇۋازخانىدىن چىقىپ، ھارۇنغا قاراپ:
_ سەن ئەتە جاڭگالغا بېرىپ بىر تۆمۈر تىكەن تېرىپ كەلگىن، ھۆل بولسا بولمايدۇ، - دەپتۇ. ھارۇن كۆڭلىدە بەك خۇش بولۇپ، سۇلتان مەمەتنىڭ تاماشىسىنى كۆرمەك مەقسىتىدە ئەتىسى بىر تاغار تۆمۈر تىكەننى ھايال قىلماي تەييارلاپتۇ. بۇ چاغدا پادىشاھ جاكارچىسىغا:
_ يۇرت خەلقىنى جازا مەيدانىغا يىغىڭلار!- دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ، خالايىق جازا مەيدانىغا يىغىلىپتۇ. پادىشاھ جازا مەيدانىغا تاختاي ياتقۇزۇشنى بۇيرۇپتۇ. تاختاي ئۈستىگە ھارۇن ئېلىپ كەلگەن تۆمۈر تىكەننى يېيىتىشقا بۇيرۇپتۇ. خىزمەتكارلار پادىشاھنىڭ دېگىنى بويىچە ئىشلەپتۇ.
بۇ چاغدا ھارۇندىن :
_ چېقىمچىنى قانداق جازالاش كېرەك؟ - دەپ سوراپتۇ.
«بۇ سۇلتان مەمەتنى جازالاش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تەييارلىق » دەپ ئويلاپ تۇرغان ھارۇنغا بۇ سوراق «خىيانەتچىنى قانداق جازالاش كېرەك؟» دېگەندەك ئاڭلىنىپتۇ - دە، ئالمان - تالمان:
_ پۈتۈن كېيىملىرىنى سالدۇرۇۋېتىپ مۇشۇ تۆمۈرتىكەن ئۈستىدە دومىلىتىش كېرەك، - دەپ تاختاينى كۆرسىتىپتۇ.
_ ئۇنداقتا سەن ئۆز گېپىڭنى ئەمەلدە كۆرسەتكىن. سەن چېقىمچىلىق قىلىپ، يالغان ئېيتىپ ياخشى كىشىلەرنى كۆيدۈرمەچكى بولدۇڭ ، شۇنچە تەنبىھ بەرسەممۇ تۈزەلمىدىڭ، - دەپتۇ پادىشاھ. ھارۇن نېمە قىلارىنى بىلمەي مەڭدەپ تۇرۇپ قاپتۇ. پادىشاھ جامائەتكە قاراپ:
_ ئەي مۆمىن پۇقرالار، بىر - بىرىڭلارغا دۈشمەن بولماڭلار. ئەگەر بىر - بىرىڭلارغا دۈشمەن بولساڭلار ئاقىۋىتى مۇنداق بولىدۇ، - دەپ ئوردا خىزمەتچىلىرىگە ھارۇننىڭ پۈتۈن كىيىم - كېچەكلىرىنى سالدۇرۇپ تۆمۈر تىكەن ئۈستىدە دومىلىتىپتۇ. ھارۇننىڭ پەريادى، يىغا - زارى ئاسمان - پەلەككە كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئۈنى ئۆچۈپتۇ. تاختاي ئۈسىتى قان بىلەن بويىلىپتۇ. بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىق ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، بىر - بىرى بىلەن دۈشمەنلەشمەسلىك ئۈچۈن قەسەملەر قىلىشىپتۇ.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھ سۇلتان مەمەتنىڭ بالىلىرى كۆپ بولغاچقا ئۆز كەسپى بىلەن تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ كېتەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوردا سىرتىدىكى بىر پارچە يەرنى ئۇنىڭغا مىراس قىلىپ بېرىپتۇ. شۇندىن كېيىن سۇلتان مەمەت شۇ يەردە تېرىقچىلىق قىلىپ تۇرمۇشىنى باياشات ئۆتكۈزۈپتۇ، يەنە بىر قانچە پارچە بىنەم يەرنى ئېچىپ، ئۇرۇق - تۇغقان، قېرىنداشلىرىغا بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ قۇلۇم - قوشنىلىرى كۆپىيىپ بۇ يەردە بىر مەھەللە پەيدا بوپتۇ. شۇندىن باشلاپ بۇ مەھەللىنىڭ نامى «جۇۋازچى مەھەللىسى»دەپ ئاتىلىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھازىرقى تۇرپان شەھرىدىكى «جۇۋازچى مەسەللىسى »دېگەن نام شۇنىڭدىن قالغانىكەن.