UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتبۆگۈخان

بۆگۈخان

رېۋايەتلەر (1) ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ۋىلايىتىدە ھەيۋەتلىك ئىككى چوڭ باغ بار ئىكەن. بىرىنىڭ ئىسمى بۇقراتۇ - بۇزلۇق، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئاشقۇنلۇق تەڭرىم ئىكەن. قارا قۇرۇم تېغى ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن. ئۆگدېيخان بىر شەھەر بىنا قىلىپ ئاشۇ تاغنىڭ نامى بىلەن ئاتاپتۇ. ئىككى تاغنىڭ يېنىدا قۇت تاغ دېيىلىدىغان يەنە بىر تاغ بار ئىكەن. بۇ تاغلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جايدىن ئون ئېقىن، يەنە بىر جايدىن توققۇز دەريا ئېقىنى ئاقىدىكەن. قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى مۇشۇ دەريا ساھىللىرىدا تاغلارنىڭ ئىچى ۋە تۈزلەڭلىكلەردە ماكان تۇتۇشقانىكەن. ئون دەريانى بويلاپ ئولتۇرغانلار ئون ئۇيغۇر، توققۇز دەريانى بويلاپ ئولتۇرغانلار توققۇز ئۇيغۇر دېيىلگەنىكەن. ئاشۇ ئون دەريا ئون ئارغۇن دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى رەت تەرتىپى بويىچە تۆۋەندىكىدەك ئىكەن: ئىسلىق ياكى ئىسقۇل،ئوتۇتقار، بوقىس، ئۇز قۇندۇز، تۇلار، تاردار، ئادار، ئۇچتابىن، قاملانچۇ ۋە ئۈتىكەندىن ئىبارەت. ئالدىنقى ئۈچ دەريا ساھىلىغا توققۇز قەبىلە جايلاشقان، كېيىنكى تۆت دەريا ساھىلىغا بەش قەبىلە جايلاشقان بولۇپ، توققۇزىنچى ئېقىن قاملانچۇ دەرياسىنىڭ ساھىلىدا ئولتۇراقلاشقانلار لنك دەپ ئاتىلىدىكەن؛ ئونىنچى ئېقىن ئۈتىكەن دەرياسى بويلىرىدىكىسى بولسا قاماق ئاىقۇز قەبىلىسى ئىكەن. دەريا ساھىلىنى بويلاپ ئولتۇرغانلار بۇ قەبىلىلەردىن باشقا بىر دائىرىدە يەنە ئون ئىككى قەبىلە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامى ئېنىق ئەمەس. يىللار، ئەسىرلەر ئۆتىۋېرىپتۇ. بۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگە بىرەر ئاقساقال بەلگىلەنمەپتۇ. ھەر دائىم قەبىلىلەر ئۇرۇش - تالاشلار قىلىپ قالسا، بەزىلەر ئۆز قەبىلىسىنىڭ سىرىنى دەپ قويۇشىدىكەن. كېيىنچە ھەر قايسى قەبىلىلەر ئورتاق مەنپەئەت ئۈچۈن قۇرۇلتاي چاقىرىپتۇ. قۇرۇلتايدا: «پەقەت ئومۇميۈزلۈك بۇيرۇق چۈشۈرەلەيدىغان بىر خاقان بولغاندىلا بىز يولدىن چىقمايمىز» دەپ قارار قىلىشىپ، ھەممىسى ئەڭ ئاقىل بولغان ئابىسلىك ئىسقۇل قەبىلىسىدىن ماتقۇتاي دېگەن كىشىنى سايلاپ چىقىپ، ئۇنىڭغا ئەل ئېلتەبىر دەپ نام بېرىپتۇ. ئۇلار ئۇز قۇندۇز قەبىلىسىدىن پەزىلەتلىك، ئەخلاقلىق بىر كىشىنى سايلاپ چىقىپ، ئۇنى كۆل ئەركىن دەپ ئاتاپتۇ. ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە پۈتۈن مىللەت ۋە قەبىلىنىڭ خاقانلىقىنى تاپشۇرۇپتۇ. بۇلارنىڭ ئۇرۇقلىرى (ئوغلانلىرى) نەچچە يۈز يىل ھۆكۈمرانلىق قىپتۇ. (2) ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئاۋۇپ كەلگەن يېرىنى ئورخۇن بويلىرى دەپ ھېسابلايدىكەن. بۇ دەريانىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى قاراقۇرۇم تاغلىرى دەيدىكەن. خاقان (ئۆگدېيخان) بىر شەھەر بىنا قىلىپ، مۇشۇ تاغنىڭ نامىنى بۇ شەھەرگە ئىسىم قىلىپ قويغانىكەن. ئوتتۇز تارماق دەريا قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن باشلىنىدىكەن؛ ھەربىر دەريا ساھىلىدا بىرخىل قەبىلە ماكانلاشقانىكەن؛ ئۇيغۇرلار ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپتۇ. ئۇلارنىڭ ئادەملىرى كۆپەيگەنسېرى باشقا قەبىلىلەرنى دوراپ، كۆپچىلىكتىن بىر كىشىنى ئاقساقال قىلىپ سايلاپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇپتۇ. مۇشۇنداق داۋاملىشىپ، بەش يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۆگۈخان دۇنياغا كەپتۇ. ھازىر بەزىلەر بۆگۈخاننى ئاپراسىياپ ئىدى، - دېيىشىدۇ. ئەينى چاغدا قاراقۇرۇمدىن ئىككى دەريا ئېقىپ چىقىدىكەن، بۇلار توغلا ۋە سېلىنگا دەريالىرى بولۇپ، قۇملانچۇ دېگەن يەردىن باشلىشىنىكەن. ئىككى دەريا ئارىسىدا بىر - بىرىگە ياندىشىپ ئۆسكەن ئىككى تۈپ دەرەخ بولۇپ ئۇنىڭ بىرى قوسۇق - قوچۇر؟ دېيىلىدىكەن. ئۇ قارىغايغا ئوخشاپ كېتىدىكەن، يوپۇرماقلىرى ئارچىنىڭكىدەك كۆكىرىپ تۇرىدىكەن، مېۋىسىنىڭ شەكلى ۋە تەمى چىلغۇزەدەك ئىكەن. يەنە بىر ەدرەخ توز دېيىلىدىكەن. ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ ئارىسىدا ئۇشتۇمتۇت چوڭ بىر دۆڭ پەيدا بولۇپ قاپتۇ. دۆڭنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن بىر تال شولا چۈشۈپتۇ، دۆڭ بارغانسېرى يوغىناپتۇ. بۇنداق ئاجايىپ ۋەقەنى كۆرگەن ئۇيغۇرلار ھەيران قاپتۇ. ئۇلار دۆڭگە ھۆرمەت تەزىم بىلەن يېقىنلىشىپ، ئېھتىرام بىلدۈرۈپتۇ، دۆڭنىڭ ئىچىدىن مۇڭلۇق ناخشىلار ئاڭلىنىپتۇ. ھەر كۈنى كەچتە دۆڭنىڭ ئۈستىدىن قايتقان نۇرلار ئوتتۇز قەدەم يىراقلىقتىكى يەرلەرنى يورۇتىدىغان بوپتۇ، ئاخىر دۆڭ ئېغىر ئاياغ ئاياللاردەك كېرىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۇشتۇمتۇت بىر ئىشىك ئېچىلىپتۇ. ئىچىدە خۇددى چېدىرغا ئوخشاش بۆلۈنگەن بەش ئېغىز ئۆي كۆرۈنۈپتۇ. ھەربىر ئۆيدە بىردىن ئوغۇل بالا ئولتۇرغانىكەن، ئېغىزلىرىدا بىر تالدىن ئېمىزگە بار ئىكەن. چېدىرغا بىر پارچە كۈمۈش تور يېيىلغانىكەن. قەبىلىلەرنىڭ ئاتامانلىرى كېلىپ، بۇ ئاجايىپ ۋەقەنى كۆرۈپ، قورقۇپ ئەيمەنگەن ھالدا باش قويۇپ سەجدە قىلىشىپتۇ. بوۋاقلار شامال بىلەن ئۇچرىشىپ، يوغىناپ، مېڭىشقا باشلاپتۇ. ئاخىر ئۇلار ئۆيدىن چىقىپتۇ، كىشىلەر بۇ بالىلارغا ئىنىكئانىلارنى بەلگىلىشىپتۇ. بالىلار ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سۆزلىيەلەيدىغان بوپتۇ ۋە دەرھال ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - ئانىسىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. كىشىلەر ھېلىقى ئىككى تۈپ دەرخنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. بالىلار دەرەخكە يېقىنلىشىپ خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك، تىز پۈكۈپ تەزىم قىلىپ، ئۆزلىرىنى ئۆستۈرگەنلىكى ئۈچۈن تەشەككۇر ۋە مەمنۇنلۇقىنى ئىزھار قىلىشپتۇ. بۇ چاغدا دەرەخلەر بىردىنلا زۇۋانغا كېلىپ: «ئەي پەزىلەتلىك، ئەخلاقلىق ئوماق بالىلار، بۇ يەرگە دائىم كېلىپ تۇرۇڭلار، مېھىر - شەپقەت، ۋاپانى ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ قويماڭلار، سىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشۈڭلارنى، نامىڭلارنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەسلىكىنى تىلەپ تۇرىمىز» دەپتۇ. شۇ يەردىكى قەبىلىلەر توپ - توپ بولۇپ ئارقا - ئارقىدىن بۇ بەش بالىنى كۆرگىلى كەپتۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى خاقانلاردەك كۆرۈپ، ئىززەت - ئىكرام بىلدۈرۈپ چوقۇنۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپتۇ. كۆپچىلىك بۇ يەردىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ھەربىر بالىغا بىردىن ئىسىم قويۇپ، چوڭىغا شۇڭقار تېگىن، ئىككىنچىسىگە قۇتۇر تېگىن، ئۈچىنچىسىگە تۆگەل تېگىن، تۆتىنچىسىگە ئور تېگىن، بەشىنچىسىگە بوقۇر تېگىن (بۆگۈ تېگىن) دەپ ئات قويۇپتۇ. بۇنداق ئاجايىپ ئاجايىپ ئىشلارنى ئويلاپ، كۆپچىلىك بىر قارارغا كېلىشىپتۇكى، بەش ئوغۇلنىڭ ئىچىدىن بىرىنى ئاقساقال ۋە خاقان قىلىشماقچى بوپتۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ بالىلارنى تەڭرى ئاتا قىلغان دەپ ھېسابلايدىكەن. بۆگۈن خان چىرايلىق، كېلىشكەن، ئەقىل - پاراسەتلىك، تالانتلىق، رەقىبلىرىنى يەڭگۈچىلىكى بار، شۇنداقلا ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ تىلىنى پىششىق بىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنى خاقان قىلىپ سايلىماقچى بولۇشۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى خاقانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ ياساۋۇللىرى، نايپ، چاپارمەنلىرى، ئۇرۇق - جەمەت ۋە قۇل - چۆرىلىرى بار ئىكەن. تەڭرى بۆگۈخانغا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلىدىغان ئۈچ دانە قۇش ( zagh قۇزغۇن، توڭ قاغا) ئىنئام قىلغانىكەن. بۇ قۇشلار ھەرقايسى يەرلەرگە بېرىپ، تەكشۈرۈپ خەۋەرلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن. مۇشۇ كۈنلەردە، بۆگۈخان چۈش كۆرۈپ، چۈشىدە ئاق چاپان كىيگەن، قولىغا ئاق ھاسا تۇتقان بىر بوۋاينى كۆرۈپتۇ، بوۋاي ئۇنىڭغا بىر دانە كۆپكۆك زۇمرەتنى بېرىپ: «بۇ زۇمرەت قاشتېشىنى ساقلىيالىساڭ، پۈتۈن ئالەم سېنىڭ بايرىقىڭ ئاستىغا ئىتائەت قىلىدۇ» دەپتۇ. بۆگۈخاننىڭ ۋەزىرىمۇ مۇشۇنداق چۈش كۆرگەنىكەن. ئەتىسى بۆگۈخان قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە ساپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۈنپېتىشتىكى ھەرقايسى ئەللەرگە يۈرۈش قىپتۇ. ئۇ تۈركىستاننىڭ چېگرىسىغا يېتىپ كەلگەندە سۇ، ئوتلاقلىرى مول، ياپيېشىل تۈزلەڭلىكنى كۆرۈپتۇ. ئۇ ئۆزى شۇ يەردە ماكان تۇتۇپ، بالاساغۇن شەھىرىنى بىنا قىپتۇ. ھازىر بۇ شەھەر قۇزبالىق دېيىلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۆگۈخان تۆت ئەتراپقا قوشۇن ماڭدۇرۇپتۇ. ئون ئىككى يىل ئىچىدە ئۇلار كۆپ ئەللەرنى ئېلىپ، قارشىلاشقۇچى ۋە بويسۇنمىغۇچىلاردىن بىرەر كىشىنىمۇ قالدۇرماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى ئېلىپ غەلىبە بىلەن قايتىپتۇ. بۇلار بۆگۈخانغا سوۋغاتلار تەقدىم قىپتۇ. بۆگۈخان ھەرقايسىسىنىڭ ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىغا قاراپ مۇئامىلە قىپتۇ، پەقەت ھىندىستان پادىشاھىنى چىقىرىۋېتىپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ چىرايى ناھايىتى كۆرۈمسىز ئىكەن. شۇڭا كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلماپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بۆگۈخان سەپىرىدىكى بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپتۇ. قۇزبالىقتىن قايتىشنى نىيەت قىلىپ ئاخىر ئەسلى ماكانىغا قايتىپ كېلىپ جايلىشىپتۇ .... بۆگۈخان ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر ئوغلى ۋارىسلىق قىپتۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى ئۇرۇق ۋە قەبىلىلىرىدە ھەر قېتىم ئاتلارنىڭ كىشنىشى، ئىتلارنىڭ ھاۋشىشى، كالىنىڭ مۆرىشى، تۆگىنىڭ بوزلىشى، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بوقىراپ نەرە تارتىشى، قوينىڭ مەرىشى، قۇشقاچلارنىڭ ۋىچىرلىشى، بوۋاقلارنىڭ ئىڭراشلىرىدەك ئاۋازلار تارقالغاندا، ھەممە يەردە «كۆچ - كۆچ» دېگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىدىكەن. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرغان جايىدىن يۆتكىلىپتۇ، ئۇلار قەيەرگە بېرىپ تۇرايلى دېسە، «كۆچ - كۆچ» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرغانىكەن. ئەڭ ئاخىر، بېشبالىق جايلاشقان يەرگە كەلگەندە ئۇ ئاۋاز ئاندىن توختاپتۇ. ئۇلار شۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ، بەش شەھەر بىنا قىلىپ، بۇ يەرنى «بېشبالىق» دەپ ئاتاپتۇ. بۇ بېشبالىق تەدرىجىي ناھايىتى كەڭ بىر بازار رايونىغا تەرەققىي قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پادىشاھ بولۇپ، پادىشاھلىرىنى ئىدىقۇت دەپ ئاتاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
بۆگۈخان | UyghurWiki | UyghurWiki