رابىيە كاشىغەرى
رېۋايەتلەر
يۈسۈپ قادىرخان غوقام زامانىسىدا رابىيە كاشىغەرى دېگەن بىر شائىرە ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ ئاجايىپ بىر ئادىتى بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى نامازدىگەردىن كېيىن ئۆگزىگە چىقىپ، يۇلتۇزلارغا قاراپ، مۇناجات ئوقۇيدىكەن. تۈن نىسپىي بولغاندا ھۇجرىسىغا چۈشۈپ، ئازراق غىزالىنىپ، بىردەم ئارام ئېلىپ، شېئىر يازىدىكەن. ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى ئۇستازى ئۆگەتكەن بولۇپ، يەتتە يېشىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىكەن. رابىيە رەسىدە بولۇپ، يېشى سەل ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاتا - ئانىسىنىڭ ياتلىق قىلىپ قويۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلىپ ئۇنىمايدىكەن. ئامال تاپالمىغان بىچارە ئاتا - ئانا ئىلاجسىز ھەر قېتىم كەلگەن ئەلچىلەرنى ئىنتايىن تەسلىكتە ئۆزرە بىلەن قايتۇرىدىكەن. بۇ ئۇچۇر قانداق بولغان قازىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. قازى رابىيەنىڭ دادىسىنى چاقىرىپ قىزىڭىزغا ئوبدان نەسىھەت قىلسىڭىز، بىزنىڭ بۇ مەملىكىتىمىزدە قىزلارنىڭ ياتلىق بولۇش قەرەلى ئېشىپ كەتسە، باشقا كىشىلەرگە گۇناھى يېتىدۇ. شۇڭا قىزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنى بۇرۇنراق ئوڭشىسىڭىز دەپتۇ. ئاتا قىزىغا كۆپ نەسىھەت قىلسىمۇ رابىيە ئەسلا قۇلاق سالماپتۇ. قازى بەلگىلەپ بەرگەن مۆھلەت ئېشىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قازى بۇ ئىشنى يۈسۈپ قادىرخانغا مەلۇم قىپتۇ.
پادىشاھ بىر كۈنى رابىيەنى ئوردىغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن ياتلىق بولماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ.
رابىيە «مۇشۇ دۇنيادا خوتۇن كىشىنىڭ ئىشى ناھايىتى جىق، ئەمما ئۇنى ئەرلەر بىلمەيدۇ. مەن ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ساناپ، ئاياللارنىڭ ئىشى بىلەن يۇلتۇزلارنىڭ سانى تەڭ ئىكەن دېگەن ئويغا كەلدىم. مۇبادا يۇلتۇزدىن بىرەرى چۈشۈپ كەتسە، ئاياللارنىڭ بىر تۈرلۈك ئىشى قىسقىرىغاندەك تونۇشتا بولىمەن. شۇڭا، ئاسماندىكى يۇلتۇزلار مۇبادا ئازلاپ قالسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ياتلىق بولۇشنى ئويلىشىپ كۆرىمەن» دەپتۇ.
يۈسۈپ قادىرخان بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ئەقىللىق قىزىم رابىيە، مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم. ئاياللارنىڭ ئىشى ھەقىقەتەن كۆپ، ئەمما بۇنى ئېتىراپ قىلىدىغانلار يوق ھېسابتا. مەن بۇ تەڭسىزلىكنى ئوڭشاش ئۈچۈن خانلىق نامىدىن يارلىق چىقىرىمەن، سىز ئالدى بىلەن ياتلىق بولۇڭ، ئۆي تۇتۇڭ، پەرزەنتلىك بولۇڭ، بىزنىڭ بۇ ئېلىمىزدە ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىر جۈپتى، ئۆيى بولۇشى لازىم. جۈپتى يوق، ماكانسىز كىشىلەر يىپى يوق لەگلەكتەك، تۇترۇقسىز كېلىدۇ. ياشاشقا ئىشەنچى تولۇق بولمايدۇ. باشقۇرۇش تەس، پەرزەنت بولمىسا، چوڭلارنىڭ نام - نىشانى يوقايدۇ، ئېزى ئۆچىدۇ، شورى قۇرىيدۇ، ئەل - يۇرت غېرىبسىنىپ، خاراب بولىدۇ، رەقىبلەرنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ خاسىيەتلىك ياتقان جايلىرى نىجىسلارنىڭ ئايىغىدا خارلىنىدۇ دەپتۇ.
رابىيە ئۇلۇغ شاھنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن قىلغان مەسىھىتىدىن تەسىرلىنىپ، ياتلىق بولۇشقا ماقۇل بوپتۇ. بۇنىڭدىن ھەممەيلەن مەمنۇن بوپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن، يۈسۈپ قادىرخان غوجام ئىككى تۈرلۈك يارلىق چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە ئېلان قىپتۇ. بىرى، جۈپتى بولغان، تېنى ساغلام ھەرقانداق ئەركەك، بىر ھەپتلىك ئىش - ئوقىتىدىن كېيىن، ھەر پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئاياللىرىغا پەيشەنبىلىك بېرىپ، ئاياللارنىڭ ئاشۇ بىر ھەپتىلىك ئەجرىنى ياندۇرۇشى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر قېتىمقى ھېيت - ئايەم كۈنلىرى ئەركەكلەر ئاياللىرىغا ۋە ئايال جىنىستىكى كىشىلەرگە ھېيتلىق بېرىش، بىر يۈرۈش ياخشى كىيىملىك تەييارلاپ، ئۈستىۋېشىنى يېڭىلاپ بېرىش قەرز. مۇبادا كىمدەكىم «پەيشەنبىلىك» ۋە «ھېيتلىق» بېرەلمىسە، ئۇنداق ئادەم ئەركەك ھېسابلانمايدۇ. بۇ قائىدىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇش لازىم. ئىككىنچى، رابىيەنىڭ شېئىرلىرىنى «رابىيە كاشىغەرى» نامى بىلەن كۆچۈرۈپ تارقىتىش. مۇشۇ يارلىقتىن كېيىن رابىيە كاشىغەرىنىڭ نامى ئەل ئارىسىغا تارقىلىپتۇ. شېئىرلىرى ئاۋام ئارىسىدا ئوقۇلىدىغان بوپتۇ. ئەركەكلەر ئاياللارغا پەيشەنبىلىك، ھېيتلىق بېرىدىغان ئادەت بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەپتۇ. ئاياللارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالىدىغان، ئۇلاردىن بىرەر نەرسە تەمە قىلىدىغان كىشىلەرنى «خوتۇن كىشىدىن پەيشەنبىلىك تىلەيدىغان» دەپ مەسخىرە قىلىش شۇنىڭدىن قالغانىكەن.