UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتتاتاتۇڭا

تاتاتۇڭا

رېۋايەتلەر تاتاتۇڭا قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىدىن، تولىمۇ ئەقىللىق، سۆز - نوتۇققا ماھىر، ئۆز ئېلىنىڭ يېزىقىنى پىششىق بىلەتتى. نايمانلار خانى تايانخان ئۇنى بەكمۇ ھۆرمەتلەپ، ئۇستاز قىلىۋالغان ھەم ئالتۇن مۆھۈرى ۋە خەزىنىسىنى باشقۇرتقۇزغان. چىڭگىزخان قورىغار (غەرب) غا يۈرۈش قىلىپ، نايمانلار ئېلىنى مۇنقەرز قىلغاندا، تاتاتۇڭا مۆھۈرنى ئالغىنىچە كېتىپ قالغان. بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي تۇتۇۋېلىنغان. ئۇ چىڭگىزخان ئالدىغا كەلتۈرۈلگەندە، خان ئۇنىڭدىن: «تاياننىڭ ئەل - يۇرتى ماڭا تەۋە بولغان تۇرسا، يەنە مۆھۈرنى ئېلىپ نەگىمۇ بارارسىز؟» دەپ سورىغانىكەن، تاتاتۇڭا «مۆھۈرنى ئۆلگۈچە ساقلاش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، ئۇنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن، باشقىلارغا بېرىشكە ھەققىم يوق» دېگەن. چىڭگىزخان بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلىنىپ، «بۇ ھەقىقىي ۋاپا ئەھلى ئىكەن» دەپتۇ - دە، ئۇنىڭدىن «مۆھۈرنى قەيەرگە ئىشلىتىدۇ» دەپ سوراپتۇ. تاتاتۇڭا: «پۇل - ئاشلىقنى كىرىم - چىقىم قىلغاندا، قەبىلىلەرنى ۋەزىپىگە قويغاندا، ھەرخىل ئىشلارنى بېجىرىشكە توغرا كەلگەندە، ئىشەنچلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئاڭلىغاندا پۈتۈككە مۆھۈر باسماي بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. چىڭگىزخان تولىمۇ خۇرسەن بولۇپ ئۇنى ئۆز ئارامگاھىغا ئولتۇرۇشقا ئىجازەت قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، يارلىق چىقىرىلغاندا مۆھۈر بېسىلىش يولغا قويۇلغان؛ مۆھۈرنى تاتاتۇڭا تۇتقان. بىر كۈنى، چىڭگىزخان تاتاتۇڭادىن: «سىز ئۆز ئۇلۇسىڭىزنىڭ يېزىقىنى پىششىق بىلەمسىز» دەپ سورىغاندا، ئۇ بىلىدىغانلىرىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا شاھزادە - بەگزادىلەرگە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن دۆلەت تىلى (مۇڭغۇل تىلى) نى خاتىرىلەشنى ئۆگىتىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن مۇڭغۇللارنىڭ رەسمىي يېزىقى يارىتىلغان. تاتاتۇڭا ئوردىدا ئۇزۇن يىل ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭغا خان ئالىيلىرى تەرىپىدىن ئىشىك ئاغىسى دېگەن مەنسەپ تارتۇق قىلىنغان، يەنمېن ئايمىقىنىڭ خوجىدارى دېگەن پەخرىي نام بىلەن تارتۇقلانغان.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
تاتاتۇڭا | UyghurWiki | UyghurWiki