UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتخانئۆي

خانئۆي

رېۋايەتلەر خانئۆي - قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىغا تەۋە بىر كەنتنىڭ نامى بولۇپ، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ كەنتنىڭ شەرق تەرىپىدە پەلەمپەي شەكلىدە سېغىز توپىلىق ئېگىزلىككە جايلاشقان قەدىمكى «خانئۆي» شەھرىنىڭ خارابىسى بار. «خايئۆي » توغرىسىدا خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر رېۋايەت سۆزلىنىپ كەلمەكتە: بۇتپەرەسلەر زامانىسىدا بۇ يەردە قوش سېپىللىق ھەيۋەتلىك بىر شەھەر بولغانىكەن. شەھەر ئىچى ۋە سىرتىدا ناھايىتى نۇرغۇن ھەشەمەتلىك بۇتخانىلار ۋە بۇددا مۇنارلىرى بولۇپ، غەربتە لايلىقتىن، شەرقتە تاكى پەيزىۋاتقىچە بولغان چاقماق دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن سۇغىرىلغان باغۋارانلىق كەڭرى يۇرت ئۇنىڭغا تەۋە ئىكەن. بۇتپەرەسلەرنىڭ خانى مۇشۇ شەھەردە تۇرىدىكەن. ئىچكىرىكى سېپىلنىڭ ئىچى خاننىڭ ئوردىسى ئىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى، بۇتپەرەسلەرنىڭ خانزادىسى قىرىق نەپەر سەرۋاز بىلەن تاغ ياقىلاپ كۈنپېتىش تامان ئوۋغا چىقىپتۇ. ئۇلار يول يۈرۈپ يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ بىر شېغىللىق سايغا كەلگەندە، مال ئارتىلىپ چۆكتۈرۈپ قويۇلغان ئون نەچچە تۆگىنى ۋە كۈنپېتىش تامان قاراپ قاتار تىزىلىپ تۇرغان ، باشلىرىغا ئاق يۆگىگەن يەتتە - سەككىز ئادەمنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار بۇ غىلاڭ سايدا كېلىۋاتقان شۇنچە كۆپ قوراللىق ئادەملەرنى چۆكۈرمەي، تۆگىلىرى ۋە ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن ماللىرىدىنمۇ ئەنسىرىمەي خاتىرجەم ھالدا رۇكۇ، سەجدە، تەكبىر دۇئا بىلەن شۇغۇللىنىۋېرىپتۇ. ئەجەبلەنگەن خانزادە يېقىنلىشىپ كەلگەندە سەرۋازلىرىغا توختاشنى بۇيرۇپ، ئات دىۋېتىپ ئۇلارغا يېقىنلاپ كەپتۇ. ئاڭغىچە بۇ نامەلۇم ئادەملەر ئۆز ئىبادەتلىرىنى تۈگىتىپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ خانزادىگە سالام بېرىپتۇ. خانزادە ئۇلاردىن :«سىلەر نېمە ئادەملەر؟ قەيەردىن كەلدىڭلار؟ نەگە بارىسىلەر؟ نېمە ئىش قىلىسىلەر ؟ نېمىشقا بۇ چۆلدە بىزدەك قوراللىق ئادەملەرگە ئۇچراپ قالساڭلارمۇ قورقماي، ماللىرىڭلاردىن ئەنسىرىمەيسىلەر، بايا كۈنپېتىشقا قاراپ نېمە ئىش قىلدىڭلار؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن يۈزلىرىدىن نۇر، كۆزلىرىدىن ئەقىل - پاراسەت جۇلالاپ تۇرىدىغان پېشقەدەمرەك بىرى ئالدىغىراق سۈرۈلۈپ تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ جاۋاب بېرىپتۇ: _ بىز بولساق مۇسۇلمان، بۇ خارادىن بولىمىز، سىلەرنىڭ ئېلىڭلارغا تىجارەت بىلەن كەلدۇق. بايا بىز نامان پېشىن ئوقۇپ ئاللاغا ئىبادەت قىلدۇق. بىزنىڭ كۆڭلىمىزدە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش مۇددىئاسى بولمىغاندىن كېيىن، ئاللاتائالامۇ باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە بىزگە زىيان يەتكۈزۈش مۇددىئاسى سالمايدۇ. سىلەر ئوۋغا چىقىپسىلەر، مۇشۇنداق چۆلدە ئېسىل ماللار يۈكلەنگەن ئون نەچچە تۆگە ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىرى بولمىش يەتتە - سەككىز ياشانغان قورالسىز ئادەملەردىن ئىبارەت تەييار ئولجىدىن ۋاز كەچكىنىڭلارنىڭ ئۆزى ئاللاتائالانىڭ قۇدرەت - كارامىتى ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ - دە، خانزادە ۋە ئۇنىڭ سەرۋازلىرىنى چۈشلۈك ناشتىغا تەكلىپ قىپتۇ. ناشتا داستىخىنى شۇنچىلىك مول بوپتۇكى، ياغلىق قاتلىمىلار، سۈتتە يۇغۇرۇپ پىشۇرۇلغان سەپەر توقاچلىرى، كۈنجۈت سېپىلگەن گىردە - شىرمانلار، سىيادان بىلەن پىياز چېكىلگەن ھەمەكلەر، جىگدىلىك تالقان، سېرىق ياغ، قۇرت، ئېرىمچىكلەر، گۈلە - قاق، مېغىز، پىستە - باداملار، ياغاچ جام ۋە چۆچەكلەردە قىمىز، ئىركىت، قېتىقلار داستىخانغا تولۇپتۇ. ناشتا ئاخىرلاشقاندا ساھىبخانلار ئاللاتائالادىن بەرگەن نېمىتىگە شۈكۈر - سانا ئېيتىپ دۇئا قىلىشىپتۇ. مېھمانلار بولسا رەھمەت - شۈكۈر ئىزھار قىلىشىپتۇ. ئاخىرىدا سودىگەرلەر خانزادە ۋە سارۋازلارغا يىپەك، شايى، يۇڭ چەكمەن، ئىپار، ئەنبەر، ئالماس كۆزلۈك تىللا ئۆزۈكلەرنى سوۋغات قىلىشىپتۇ. خانزادە ۋە سەرۋازلارنى ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ئىمان ئېيتىپتۇ ۋە ئوۋ رايىدىن كېچىپ سودىگەرلەرنى باشلاپ ئوردىغا قايتىپتۇ. خان سودىگەرلەرنى شاھانە زىياپەت بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئۇلار تارتۇق قىلغان قىممەت باھا سوۋغاتلىرىدىن مەمنۇن بولغان بولسىمۇ، خانزادىنىڭ قول بىلەن ياسىغان لاي بۇتنى ياراتقۇچى ئېگەم دەپ سەجدە قىلىشتىن ۋاز كېچىپ مۇسۇلمان بولۇش توغرىسىدىكى دەۋەتلىرىنى قەتئىي رەت قىپتۇ. خاندىن كۆڭلى قالغان خانزادە سودىگەرلەرنى باشلاپ مەئىشەتتىكى خانزادە ئوردىسىغا كېتىپتۇ. خانزادىنىڭ تەشەببۇسى ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئۇستاتلىقى بىلەن، دەسلەپتە خانزادە ئوردىسىدىكىلەر، ئۇندىن كېيىن ئۇنىڭ سەرۋازلىرى، يېقىن - يىراق يارۇ بۇرادەرلىرى مۇسۇلمان بوپتۇ. قايتا - قايتا قىلىنغان دەۋەتلەر ئاقىمىغاندا، خانزادە خانغا قارشى غازات باشلاپ خانئۆيگە باستۇرۇپ بېرىپتۇ. لېكىن، بۇتپەرەسلەرنىڭ قەتئىيلىكى ۋە قەيسەرلىكى غالىب كەپتۇ. ئامال قىلالمىغان خانزادە ئادەملىرىنى چاقماق دەرياسىغا ئەۋەتىپ ئېقىنىنى توسۇپ شەھەرگە سۇ قويۇپ بېرىپتۇ. يەنە ئايغاقچى ئەۋەتىپ شەھەرگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ. سۇ ۋە ئوتنىڭ ئايغاقچى ئەۋەتىپ شەھەرگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ. سۇ ۋە ئوتنىڭ ھەلەكچىلىكىدە قالغان شەھەر ئاسانلا يەر بىلەن يەكسان قىلىنىپتۇ. ھايات قالغانلىرى مۇسۇلمان بولۇپ كۆچۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خانئۆي شەھىرى خارابە بولۇپ قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت