توققۇز ئەجدىھا تال ھەققىدە رېۋايەت
رېۋايەتلەر
1
رېۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇزۇن يىللاردىن ئىلگىرى قۇمۇلدا بەدىرى بەلخى ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەنىكەن. ئۇ كىشى شۇنچىلىك مۆمىن ئىكەنكى. ئەل ئۆمرىدە بىرەر كىشىنىڭ دىلىنى ئاغرىتماي ئۆز ئالدىغا تىرىكچىلىك قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاتتىق بوران چىقىپ، يارباغ كۆۋرۈك بويىدىكى قارا تاللارنىڭ بىرىنىڭ شېخىنى سۇندۇرۇۋېتىپتۇ. بەدىرى بەلخى ئىسىملىك بۇ كىشى سۇنغان شاخنى ئەپكېلىپ ھازىرقى توققۇز ئەجىدىھا تال مەھەللىسىدىكى بۇلاقنىڭ بويىغا تىكىپ قويغانىكەن. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ تال چوڭلاپ توققۇز شاخلىق بولۇپ باراقسان ئۆسۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈشى ئادەتتىكى تاللارغا ئوخشاش بولماستىن، بەلكى يەردىن بېشىنى كۆتۈرۈپ تولغىنىۋاتقان توققۇز يىلاننى ئەسلىتىدىكەن. بۇ توققۇز شاخلىق تال كېيىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن توققۇزتال، دەپ ئاتىلىپ قاپتۇ.
2
ئەل شۇنداق رېۋايەت قىلىدۇرلەركى، چىڭ سۇلالىسى جىياچىڭ خان دەۋرىدە، پايتەخت بېيجىڭ شەھرىدە بىر قۇدۇق بولۇپ، بۇ قۇدۇقتىن بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە ئاپئاق تۈتەك ھاۋاغا ئۆرلەپ تۇرىدىكەن. بۇ تۈتەكنىڭ ھاۋاغا ئۆرلىشى ئادەتتىكىچە بولماستىن، خۇددى يىلاندەك تولىغىنىدىكەن. كېيىن بۇ تۈتەك ئاستا - ئاستا ئازلاپ، ئاخىر يۇقاپ كېتىپتۇ. بۇ خەۋەر خانغا يەتكەندىن كېيىن، خان مۇنەججىملەرنى يىغىپ بۇ ئىشقا مەنە ئېيتىشنى بۇيرۇپتۇ مۇنەججىملەر:
_ ئەسلى بۇ قۇدۇقتا خانلىقنىڭ تاج - تەختىنى قوغداۋاتقان بىر ئەجدىھا بولۇپ، ھازىر ئۇ غەربىي دىيارغا يۆتكىلىپتۇ. غەربىي دىياردىكى ۋاڭ ئوردىسىنىڭ شەرقىدە بىر بۇلاق بارئىكەن، بۇلاقنىڭ يېنىدا بىر يىلتىزدىن چىققان ئەجدىھاسىمان توققۇز شاخلىق تال بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچلىرى بۇلاق سۈيىگە تېگەي دەپ قاپتۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۇچلىرى بۇلاق سۈيىگە تەگسە، ئۇلار توققۇز ھەقىقىي ئەجدىھاغا ئايلىنىدىكەن. ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئالدىدىكى دەرەختە بىر جۈپ قۇش ئۇۋا ياسايدىكەن. قۇش بالىسى تۇخۇمدىن چىققان كۈنى ۋاڭنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى يۇرۇيدىكەن. قۇش بالىسى ئۇچۇرما بولغاندا، توغۇلغان بالا بالاغەتكە يېتىدىكەن. ئەگەر توققۇز ئەجدىھا تال ھەقىقىي ئەجدىھاغا ئايلىنىپ بالىنى قوغدىسا، ئۇ چاغدا بۇ دۇنيادا ھېچكىشى ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەي، خانلىق ئاخىر ئاشۇ بالىنىڭ قولىغا ئۆتىدىكەن، - دەپ مەنە ئېيتىشىپتۇ. خان بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپ:
_ ئەمدى بۇنىڭغا قانداق ئامال بار؟ - دەپ سوراپتۇ. مۇنەججىملەر:
_ تالنى دەرھال كېسىپ، تۇخۇمنى چېقىپ تاشلاپ، بالايىئاپەتنى بۆشۈكىدە تۇنجۇقتۇرۇپ، خانلىقنى ساقلاپ قېلىش كېرەك، - دەپ تەكلىپ بېرىپتۇ. خان دەرھال 300 چېرىكنى غەربىي دىيارغا ماڭدۇرۇپتۇ.
شۇ چاغدا، قۇمۇلدا مۇھەممەد بېشىرۋاڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى ھامىلدار ئىكەن. ۋاڭ ئوردىسىنىڭ شەرقى جەنۇبىدا بر تۈپ چوڭ كۆك دەرەخ بولۇپ، بىر جۈپ غاز بۇ دەرەخنىڭ بېشىغا ئۇۋا ياساشقا باشلاپتۇ. (غاز ئەسلىدە سۇ بويلىرىدا ياشاپ، شۇ جايلاردا ئۇۋا ياساپ، بالا چىقىرىدىغان قۇش بولغانلىقتىن كىشىلەر بۇلارنىڭ دەرەخ بېشىدا ئۇۋا ياسىغىنىغا ھەيران بولۇشۇپتۇ). بۇ بىر جۈپ غاز پەقەت بىرلا تۇخۇم تۇغۇپتۇ.بۇلاق بېشىدىكى توققۇز ئەجدىھاسىمان تال ئىنتايىن ئاينىپ باراقسان بولۇپ كېتىپتۇ. خانلىقتىن ئەۋەتىلگەن 300 لەشكەر ئالتە ئاي يول يۈرۈپ قۇمۇلغا يېتىپ كېلىپ، ئاۋۋال دەرەخ بېشىغا يامىشىپ چىقىپ ھېلىقى غاز تۇخۇمىنى چېقىۋېتىپتۇ.ئاندىن بۇلاق بېشىغا بېرىپ توققۇز شاخلىق تالنى بىر - بىرلەپ كېسىپتۇ. تاللارنى كەسكەندە ئۇلاردىن قان سىرغىپ چىقىپتۇ. دەل شۇ كۈنلەردە مۇھەممەد بېشىرۋاڭنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى يۇرۇپ بىر ئوغۇل توغۇپتۇ.
لېكىن بۇ بالا تەندۇرۇس تۇغۇلماستىن، مېيىپ تۇغۇلۇپتۇ. بۇ بالا غۇلامىدىن چىڭۋاڭ بولۇپ، ئۇيغۇرلار «ئاقىخان ۋاڭ»دەپ ئاتاپتۇ؛ خەنزۇلار «تەنۋاڭ (مېيىپ ۋاڭ دېگەن مەنىدە)»دەپ ئاتاپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قۇمۇلدىكى توققۇز ئەجدىھا تال توغرىسىدىكى رېۋايەت پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىلىپ ئىچكىرىدىن قۇمۇلغا مېھمان چىقسا، توققۇز ئەجدىھا تال مەھەللىسىنى زىيارەت قىلماي كەتمەيدىكەن.
3
رېۋايەت قىلىنىشچە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ جياچىڭ خان دەۋرىدە پايتەخت بېيجىڭ شەھىرىدىكى بىر پارچە يەردىن دائىم ئاپئاق تۈتەك ئۆرلەپ تۇرىدىكەن. كېيىن بۇ ئاق تۈتەك بارغانسېرى ئازلاپ ئاستا - ئاستا يوقاپ كېتىپتۇ. دەل شۇ چاغدا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خانغا نارازىلىق كۈچىيىپ، خاننىڭ ھوقۇقى ئاجىزلىشىشقا يۈز تۇتۇپتۇ. بۇنىڭدىن ئەنسىرىگەن خان بىر كۈنى مۇنەججىملەرنى چاقىرتىپ بۇ ئىشقا مەنە ئېيتىشنى بۇيرۇپتۇ. خاننىڭ بىر مۇنەججىمى جيەنجاپسۇسىنى (پالنامە) ئاختۇرۇپ مۇنداق مەنە ئېيتىپتۇ:
_ ھېلىقى ئاق تۈتەك چىقىپ تۇرغان جاي بىر ئەجدىھانىڭ بېشى بار جاي ئىكەن. بۇ ئەجدىھا خانلىقنى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان قوغداپ تۇرغان بولۇپ، ھازىر ئۇ غەربىي دىيارغا يۆتكىلىپ كېتىپتۇ. شۇڭا، ئاق تۈتەك ئۆرلىمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. جايلاردا بولۇۋاتقان نارازىلىق ۋە مالىمانچىلىقمۇ مۇشۇ ئەجدىھاغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، -دەپتۇ.
خان بۇ تەبىرنى ئاڭلاپ بەك ئەنسىرەپتۇ ھەم قانداق قىلىش لازىملىقىنى سوراپتۇ. مۇنەججىملەر:
_ دەرھال غەربىي دىيارغا بېرىپ ھېلىقى ئەجدىھارنى تېپىپ ئۆلتۈرمىسە، خانلىق غەربىي دىيارغا يۆتكىلىدىكەن،- دەپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان خان دەرھال يۈز لەشكەرنى مۇنەججىملەرگە قوشۇپ غەربىي دىيارغا بېرىپ، ئەجدىھانى ئىزدەپ ئارا تۈركتىكى نېرىنكىرىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى جيەنجاپۇ ئېغىزىغا (ئارا تۈرك ناھىيىسى نېرىنكىر فېرمىسىنىڭ غەربىدىكى تاغ ئېغىزىنىڭ نامى. ھازىرمۇ شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە)كەلگەندە كەچ بولۇپ، شۇ جايدا قونۇپتۇ. ئۇلار ئەتىسى شۇ ئەتراپنى ئىزدەپ نېرىنكىرنىڭ جەنۇبى، قۇمتاغنىڭ شىمالىدىكى تۈزلەڭلىككە كېلىپ قارىسا، شۇ جايدىن ھاۋاغا ئاق تۈتەك ئۆرلەۋاتقانلىقنى كۆرۈپ، ئەجدىھانىڭ بېشى مۇشۇ جاي ئىكەن دەپ جەزم قىلىپ، شۇ جاينى كولاپ ئەجدىھانىڭ بېشىنى تېپىپ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ. ئۇلار بۇ جاينى بىر قانچە ئون مېتىر ئويغاندىن كېيىن، يەرنىڭ تېگىدىن گۈلدۈرلىگەن ۋەھىمىلىك ئاۋاز كېلىشكە باشلاپتۇ. ئۇلار يەنە كولاشتىن قورقۇپ، ئۇنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، نەچچە ئون توڭ سۇ ماينى قۇدۇققا تۆكۈپ، ئۇنىڭغا ئوت يېقىپتۇ. ئوت بىر نەچچە ئايلار كۈيۈپ تۈگىگەندىن كېيىن قارىسا ئاق تۈتەك ئۆرلىمەيدىغان بوپتۇ. ئۇلار ئەجدىھانىڭ بېشىنى تولۇق كۆيدۈرۈپ تۈگەتتۇق، ئەمدى ئۇنىڭ قۇيرۇقى قەيەردە؟ دەپ ئىزدەپ قۇمۇل شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ توققۇز ئەجدىھا تال مەھەللىسىگە كېلىپ، بىر تۈپتىن توققۇز ئەجدىھاسىمان ئۆسكەن چوڭ تالنى كۆرۈپ، ئەجدىھانىڭ قۇيرۇقى مۇشۇ ئىكەن،دەپ ئۇنى كېسىپ تاشلاپتۇ. رېۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ تاللارنى كەسكەندە قان ئاققانمىش.