ئىشق يولى
رېۋايەتلەر
بۇندىن خېلى يىللار ئىلگىرى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق ھازىرقى بەشكېرەم يېزىسىنىڭ سايۋاغ كەنتىدە بىر دېھقان بولۇپ، ناھايىتى تەقۋادار بىر ئادەم ئىكەن. بۇ دېھقاننىڭ شاۋاز ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ قۇرامىغا يەتكەندە ئاتۇشتىكى بىر مەدرىسكە ئېلىپ بېرىپ مۇدەررىسكە تاپشۇرۇپتۇ. مۇدەررىس شاۋازنىڭ تۇرقدىنلا ئۇنىڭ چېچەن ۋە ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ ياتىقىنى ئۆز ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ ۋە ھەر كۈنلۈكى ئۇنىڭغا ئوبدان ساۋاق بېرىشتىن باشقا « سەن ئەقىللىق بالا ئىكەنسەن، سەنمۇ مەندەك ئىلىم تەھسىل قىلىپ ئىخلاسمەنلەرنى ياخشى تەربىيلىگىن»دەپ تەربىيە بېرىپتۇ.
شاۋاز مۇدەرررىسنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ ياخشىراق ئۆگىنىپتۇ. بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇستازىنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپتۇ. بۇ جەرياندا، ئۇ مۇددەرىسنىڭ بويىغا يەتكەن خۇمار ئىسىمىلىك ساھىبجامال قىزى بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ ۋە بىر - بىرىگە ئىشق - مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىپتۇ. بۇ ئىككى ياش ۋىسال كويىدا يۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دىنىي ئەخلاق يول قويمىغاچقا مەخپىي رەۋىشتە كۆرۈشۈپ تۇرۇپتۇ.
بىر چاغلار ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتى باشقىلار تەرىپىدىن سېزىلىپ مۇدەررىسنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەبلەنگەن مۇدەررىس شاۋازنى مەدرىسىتىن قوغلاپ، دەررىگە بېسىپ بەددۇئا قىپتۇ. خۇمارنى نەزەربەند قىلىپ تالا - تۈزگە چىقىشنى مەنئىي قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇمار بىلەن شاۋاز دىدار ئىزدەپ قان - قان يىغلاپ، ياقا يىرتىپ كېچىسى سېغىنسا ئايغا، كۈندۈزى سېغىنسا كۈنگە قاراپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپتۇ. ئاخىر ھەرئىككىسى ئىشق ئوتىدا پۇچۇلىنىپ بەرداشلىقى تامام بولغاندا غەيرەتكە كېلىپ يۇشۇرۇن كۆرۈشۈش قارارىغا كەپتۇ.
شۇندىن كېيىن خۇمار دادىسى خۇپتەن نامىزىدىن قايتىپ كەلگۈچە ئۆز خانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئاستا چىقىپ بەشكېرەم بىلەن ئاتۇشنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاغنىڭ باغرىغا كېلىپ، كېچىچە يىغلاپ تاڭ سەھەردە ئۆيگە قايتىپتۇ. شاۋازمۇ شۇ تاغنىڭ بەشكېرەم تەۋەسىدىكى يانباغرىغا كېلىپ نالە - پەرياد بىلەن تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ. بىر قانچە ئاي مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتكەندىن كېيىن مۇدەررىس خۇمارنى ياتلىق قىلماقچى بولۇپ توي تەييارلىقىغا چۈشۈپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان شاۋاز تەخىرسىز ھالدا تاغ ئارىلاپ ئاتۇشقا بېرىپ توي ئاخشىمى نىكاھ قىلىش ۋاقتىدا خۇمار بىلەن كۆرۈشۈپ پۈتۈشكەندىن كېيىن پۇرسەت تېپىپ قېچىپ كېتىپتۇ.
بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن توي ئەھلى قىزنىڭ قاچقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ پۈتۈن ئاتۇشنى ئىزدىشىپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن تاغ باغرىدا ماڭغانلىقىنى بىلىشىپتۇ. ئىزدە - ئىزدە ئاخىر ئىزىنى بويلاپ مېڭىپ بەشكېرەمگە چىقىپ قاپتۇ.
ئەمدى گەپنى خۇمار بىلەن شاۋازدىن ئاڭلاڭ.
خۇمار بىلەن شاۋاز تاغ ئارىسىدىكى جىلغىلار بىلەن بەشكېرەمگە بېرىپ شاۋازنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە شاۋازنىڭ دادىسى بۇلارنى ئۆيدىن قوغلاپتۇ ۋە :«ئۇستازىڭنىڭ شۆھرىتى ئالەمگە مەشھۇردۇر. سەن شۇ قاتارلىق ئۇستازىڭنى يەرگە قارىتىپ ئۇنىڭ قىزى بىلەن بۇنداق ناشايان مۇناسىۋەتتە بولغىنىڭ كۇپپار بولغىنىڭددىنمۇ يامان ئەمەسمۇ »دەپتۇ.
ئۇلار ئەلەم بىلەن يول يۈرۈپ بەشكېرەم لەنگەر كەنتىگە كېلىپ بىر پىچاقنى گۇۋاھ قىلىپ نىكاھ قىلىشىپ ۋىسال تېپىشقاندىن كېيىن، باشقا يەردىن پاناھ ئىزدەشكە ئامالسىز قېلىپ ھەر ئىككىسى بىر - بىرىنى مەھكەم قۇچاقلاپ تاغدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋاپتۇ.
ئىزدىگۈچىلەر ئىزدەپ كېلىپ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى تېپىۋاپتۇ ۋە ئۆزلىرى بىلەن مېڭىپ تاغ يولى بىلەن ئاتۇشقا قايتىشىپتۇ.
خۇمارنىڭ ئانىسى بۇ ئەلەمدىن ئۆلگۈدەك بوپتۇ ۋە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم خۇمار ماڭغان يول بىلەن ئۇ ئۆلۈۋالغان جايغا بېرىپ قانغۇچە يىغلاپ ئۆيگە قايتىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تاغ ئارىسىدا كېتىۋېتىپ تاغلارغا قاراپ ھەسرەتلەنگەن ھالدا «خۇمار ماڭغان تاغ، خۇمارنىڭ ئىزى قالغان تاغ، خۇمار كۆرگەن تاغ» دەپ يىغلاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر بۇ تاغنى «خۇمارتاغ»دەپ ئاتايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىشىق مۇھەببەت يولىدا ئاچقان بۇ يولى «ئىشىق يولى» دەپ ئاتىلىپتۇ. كېيىنچە ئۇيغۇلار تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ئالمىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىشق يولى»«ئىت يولى» دەپ، «خۇمار تاغ» «قۇمۇلتاغ»دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ھازىر ئۇ يولدا ئاتۇش - بەشكېرەمگە بېرىش - كېلىش قىلىدىغان ئاتلىق، ئېشەكلىك ۋە پىيادىلەر ماڭىدۇ. بۇ يول بىلەن تۇنجى قېتىم ئېشەك مىنىپ يول يۈرگەن بىر دىن تارقاتقۇچى بۇ يولنى «ئېشەك يولى» دەپ ئاتاپتۇ. ھازىر بۇ يولنى نۇرغۇن كىشىلەر «ئىت يولى» دەپ ئاتاپتۇ. ھازىر بۇ يولنى نۇرغۇن كىشىلەر «ئىت يولى» دەپ ئاتىسا، ئاز ساندىكىلىرى «ئېشەك يولى» دەپ ئاتىشىدۇ