ئارچا تۇر (ئاتۇش)
رېۋايەتلەر
ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، بۇ بوستانلىقنىڭ تاغلىرى سانجاق - سانجاق ئارچا، قارىغايلار بىلەن تولغان، ئېقىن - ئېقىنلاردا زۇمرەتتەك زىلال سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان ئاجايىپ گۈزەل، مۇنبەت جاي ئىكەن. بۇنىڭدىن گۈزەل باياشات يەر يەتتە ئىقلىمدىمۇ تېپىلمايدىكەن. بۇ گۈزەل دىيارنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدە ئەقىل - پاراسەتلىك بىر بوۋاي بولۇپ، ئۇنىڭ توققۇز ئوغلى بار ئىكەن. بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كېچىسى تۆمۈرچىلىك قىلىپ، ئۆز ئېلىنى ياۋدىن ساقلاش ئۈچۈن قىلىچ، گۈرزە قاتارلىق قوراللارنى ياسايدىكەن. كۈندۈزى تاغقا چىقىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغاچ ئوۋ ئوۋلايدىكەن. بۇ ئەلنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان مەغرىب دىيارىدىكى بىر زالىم پادىشاھنىڭ ئىچىگە ئوت تۇتىشىپتۇ. ھەسەتتىن قىلدەك تولغىنىپتۇ. بۇ زالىم پادىشاھ نۇرغۇن ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇ ئەللەرنى ئۆز تىرىتورىيىسىگە قوشۇۋالغانىكەن، ئۇ بويسۇنماي قارشىلىق قىلغانلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، يۇرت ماكانغا ئوت قويۇپ، خانىۋەيران قىلىدىكەن. بۇ پادىشاھ مەشرىق دىيارىدىكى بۇ گۈزەل ئەلنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن نەچچە يۈز تۈمەن لەشكەر تارتىپ كەپتۇ. بۇ دىيارنىڭ پادىشاھى ئادىل ھەم باھادىر پادىشاھ ئىكەن. خەلق ياۋغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوزغىلىپ، پادىشاھنى باش قىلىپ جەڭگە ئاتلىنىپتۇ. ئاخىر تاجاۋۇزچى پادىشاھ يېڭەلمەپتۇ. نۇرغۇن تالاپەت يەپ يېڭەلمىگەن پادىشاھ قايتىپ كېتىشكە كۆڭلى ئۇنىماپتۇ. ئۇ يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي ئامال ئىزدەپتۇ. تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە تېگى يوق، ئاتلىق ماڭسا بۇ بېشىدىن ئۇ بېشىغا ئۈچ ئايدا ئاران بارغۇدەك ناھايىتى چوڭ بىر كۆل بارئىكەن. زالىم پادىشاھ بۇ كۆلدىكى سۇنى ئۆزى ئالالمىغان ئاشۇ گۈزەل زېمىنغا باشلاپ، بۇ زېمىننى سۇغا غەرق قىلىۋېتىش خىيالىغا كەپتۇ. پادىشاھ نەچچە تۈمەن لەشكەرنى ۋە شۇ يەردىكى خەلقنى مەجبۇرىي ھاشارغا تۇتۇپ توغاننى بۇزدۇرۇپتۇ. ئاخىر توغان بۇزۇلۇپ ھەيۋەتلىك كەلكۈن بۇ ئەلگە باستۇرۇپ كەپتۇ. بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى سۇ ئىچىدە ھەر بىر تۈپ گىياھ، دەرەخ ئۈچۈن ئېلىشىپتۇ، بىراق ھالسىزلىنىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خاسىيەتلىك قېرى ئارچى دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ ھەممە ئارچىلارنىڭ چوڭى ھەم ئانىسى ئىكەن. دەھشەتلىك كەلكۈن خاسىيەتلىك دەرىخىنى ئېقىتىپ مېڭىشقا باشلاپتۇ. بوۋاي «ئارچا تۇر . . . ئارچا تۇر . . . » دەپ توۋلاپ، سۇ ئىچىدە قوغلاپ كېلىۋېرىپتۇ ۋە ئاخىر ھالىدىن كېتىپتۇ. كەلكۈن توختاپتۇ. بوۋاينى ئىزدەپ كەينىدىن يېتىپ كەلگەن ئوغۇللىرى بوۋاينى شۇ يەرگە دەپنە قىپتۇ. ئوغۇللار دادىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە «ئارچا تۇر» دەپ نام قويۇپتۇ. توققۇز ئوغۇل ئۆز ماكانىغا قايتىپ بارسا، نە گىياھ، نە ئارچا، نە قارىغاي . . . ھېچنېمە قالماي ئېقىپ كەتكەنىكەن. ئوغۇللار يىغلاپ - قاقشاپ، خاسىيەتلىك ئارچا دەرىخنىڭ ئورنىدىكى تاغ باغرىغا ھەر بىرى بىردىن ھۇجرا (ئۆڭكۈر ) قېزىپ ئىبادەت بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. ئوغۇللار ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ يەر توققۇز ھۇجرا دەپ ئاتىلىپتۇ.
بوۋاي جان ئۈزگەن يەر «ئارچا تۇر» زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىسقىرىپ «ئارتۇچ»دەپ ئاتىلىپتۇ. ئاخىردا يەنە بىر نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىن بۈگۈنكى «ئاتۇش»دېگەن نامغا ئۆزگىرىپتۇ.
ھازىرقى ئاتۇش دىيارىدىكى بىر نەچچە جىلغا - جىرالار ئاشۇ چاغدىكى كەلكۈندە ھاسىل بولغانىكەن.