UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئاقئۆستەڭ

ئاقئۆستەڭ

رېۋايەتلەر ئىلگىرى غولجىدىكى دېھقانلار تاغ سۈيى بىلەن تېرىقچىلىق قىلىدىكەن. شۇ يېتىشمىگەنلىكتىن پايانسىز يەر بوزىرىپ تۇرىدىكەن. بۇنى كۆرگەن دېھقانلارنىڭ ئىچى پۇشىدىكەن. شۇ يوشۇندا خېلى كۆپ يىللار ئۆتۈپتۇ. بىراى، ئۇلار ئارمىنغا يېتەلمەي يۈرۈپتۇ. كېيىن ئۇلار قارىقاش دەرياسىدىن توپتوغرا كۈنپېتىشقا قارىتىپ، بوزىرىپ تۇرغان يەرنىڭ قاق ئوتتۇرىسىنى بويلىتىپ بىر ئۆستەڭ ئالماقچى بوپتۇ. چورۇق ھېكىم دېگەن كىشى بۇ ئۆستەڭنى قەيەردىن باشلاپ، قەيەرگە ئاپىرىشىنى، قانداق چېپىشنى سىزىپ بېرىپتۇ. دېھقانلار چورۇق ھېكىمنىڭ سىزىقىدىن قىل نېرى - بېرى كەتمەي ئۆستەڭنى چېپىۋېرىپتۇ. ئۆستەڭ 1825 - يىلى چېپىلىپ بوپتۇ. ئۆستەڭ پۈتۈپ، تومىنى ئېچىپ سۇ باشلاش ۋاقتى كەلگەندە، دەريا بويىغا كېلىپ، پەستە كۆۋرەپ ئېقىۋاتقان قاش سۈيىنى كۆرگەن بىرى: _ بۇ بىر ئەخمەقلىق ، ئويماندىن دۆڭگە سۇباشلىغان نەدە بار؟ نەچچە يىلدىن بېرى قىلغان ئەجىر بىكار كېتىدىغان بوپتۇ -دە، ئەستاغپۇرۇللا، - دەپ ساقىلىنى سىيپاپتۇ. گەپنىڭ ئاچچىقلىقىدىن زەردىسى قاينىغان چورۇق ھېكىم: _ تەقسىر، سۇ قانچىلىك ئېگىزدىن دومىلاپ چۈشسە، شۇنچىلىك ئېگىزگە دومىلاپ چىقالايدۇ. بۇنى ئۆز ئۆمرىدە بىرەر قېتىم غول ئېرىقنى ياقىلاپ باقمىغان ئادەم نەدىن بىلىدۇ، - دەپتۇ -دە، ھېلىقى كىشىگە كۆرسەتمەكچى بولۇپ، ئۆستەڭ چاپقانلارنى باشلاپ ئۆستەڭنىڭ ئېغىزىغا بېرىپ، تومىنى ئاچتۇرۇپتۇ. سۇ ئۆستەڭگە چۈشۈپ، شارقىراپ ئېقىپتۇ. ئۆستەڭنىڭ قىرىدا تۇرغان كىشىلەر قىقاس - چوقان كۆتۈرۈپتۇ. كىشىلەر : «ئاق - ئۆستىڭىم، ئاق»، «ئاق - ئۆستىڭىم، ئاق » دە ئۆستەڭنىڭ ئىككى قىرىنى بويلاپ سۇ بىلەن تەڭ توختىماي يۈگۈرۈپتۇ. سۇ قەرەلىگە يەتكۈچە «ئاق - ئۆستىڭىم، ئاق»، «ئاق ئۆستىڭىم - ئاق»دېگەن سادا زادىلا توختىماپتۇ. ئۆستەڭگە باشلانغان ئۇلۇغ سۇ قاش دەرياسىدىن چىقىپ تاكى سۈيدۈڭ - كۈرەگىچە راۋان ئېقىپتۇ. بۇنىڭدىن ئۆستەڭ چاپقانلار خۇشال بوپتۇ، «ئۆستەڭدىن سۇ چىقمايدۇ» دېگۈچە يەرگە قاراپتۇ. شۇندىن كېيىن كۆپچىلىك «ئەجرىمىز زايەت كەتمەي ئۆستەڭدە ئاقتى»، «تىلىكىمىز ئەمەلگە ئاشتى»دەپ ئۆستەڭگە «ئاقئۆستەڭ» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
ئاقئۆستەڭ | UyghurWiki | UyghurWiki