خاقان شۇ
رېۋايەتلەر
زۇلقەرنەين سەمەرقەنتتىن ئۆتۈپ، تۈرك شەھەرلىرىگە يول ئالغان چاغلاردا، تۈركلەرنىڭ «شۇ» ئىسىملىك بىر ياش خاقانى بار ئىدى. ئۇ چوڭ قوشۇن ئىگىسى ئىدى. بالاساغۇن يېنىدىكى «شۇ» قەلئەسىنى شۇ ئۆزى ئالغان ۋە بىنا قىلدۇرغان. بۇ قەلئە ئالدىدا ھەر كۈنى بەگلەر شەرىپىگە ئۈچ يۈز ئاتمىش قېتىم دۇمباق چېلىناتتى. ئادەملىرى ئۇنىڭغا: «زۇلقەرنەين يېقىن كېلىپ قاپتۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشىمىزمۇ؟ نېمە بۇيرۇقلىرى بارىكىن؟» دەپتۇ. ئەسلىدە خاقان شۇ خوجەند دەرياسى بويىغا قاراۋۇل قويۇش ۋە زۇلقەرنەيننىڭ دەريادىن ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بۇ دەريا قىرغىقىغا تارخانلاردىن تەركىب تاپقان قىرىق كىشلىك چارلىغۇچى ئەۋەتكەنىكەن. چارلىغۇچىلار مەخپىي ھالدا كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ كەتكەنلىكىنى خان ئەسكەرلىرىدىن ھېچكىممۇ بىلمەيدىكەن. خاقاننىڭ كۆڭلى بۇنىڭدىن خاتىرجەم ئىكەن. خاقاننىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان بىر كۆلچىكى بولۇپ، سەپەرگە چىققاندا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدىكەن. ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇلغاندىن كېيىن، غاز، ئۆردەكلەر چۈشۈپ ئوينايدىكەن. خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشىمىزمۇ؟ دېگەنلەرگە ئۆزىنىڭ مۇشۇ كۈمۈش كۆلچىكىنى كۆرسىتىپ: «غاز، ئۆردەكلەرگە قاراڭلار، ئۇلار سۇغا قانداق شۇڭغۇيدىكەن؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. خاقاننىڭ بەرگەن جاۋابى ئادەملەرنى ئويغا سېلىپ قويۇپتۇ. ئۇلاردا «خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشماقچىمۇ ئەمەس، چېكىنمەكچىمۇ ئەمەس» دېگەن گۇمان پەيدا بوپتۇ. زۇلقەرنەين دەريادىن ئۆتۈپتۇ. چارلىغۇچىلار ئۇنىڭ ئۆتكەنلىكىنى خاقانغا كېچىسى كېلىپ مەلۇم قىپتۇ. خاقان شۇ كېچىسىلا دۇمباق چالدۇرۇپ، شەرققە قاراپ يول ئاپتۇ. خاقاننىڭ تەييارلىقسىزلا يولغا چىققانلىقىدىن خەلق ئارىسىدا ئەنسىزلىك، تەشۋىش پەيدا بوپتۇ. ئۇلار ئالدىراش - تېنەش ئۇدۇل كەلگەن ئۇلاغلارغا مىنىشىپ خاقاننىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ، ئالدىراشچىلىقتا ئۇ بۇنىڭ، بۇ ئۇنىڭ ئۇلىغىنى ئېلىۋاپتۇ. تاڭ ئاتقاندا قارارگاھ تۈپتۈز بىر سايغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ چاغلاردا تىراز، ئىسىپجاپ، بالاساغۇن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەھەرلەر بىنا قىلىنمىغانىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن بىنا قىلىنغان. ئۇ يەرلەردە چېدىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەنلەر ھايات كەچۈرەتتى. خاقان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى كېچىلەپ كېتىپ قالغاندا، يىگىرمە ئىككى كىشى ئۇلار بىلەن بىللە كېتىشكە ئۇلاغ تاپالمىغانلىقتىن، بالا - چاقىلىرى بىلەن شۇ يەردە قېپقاپتۇ. بۇ يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارنىڭ كەينىدىن پىيادە بېرىش ياكى مۇشۇ يەردە تۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يېنىغا ئىككى كىشى كەپتۇ. ئۇلارنىڭ بالا - چاقىلىرىمۇ بىللە ئىكەن. ئۇلار يۈك - تاقلىرىنى دۈمبىلىرىگە ئارتىپ، قوشۇننىڭ كەينىدىن كېتىۋاتقان، ھېرىپ - ئېچىپ، ئېغىر يۈكنىڭ دەستىدىن تەرگە چۆمگەنىكەن. بۇ ئىككى ئائىلە قېپقالغان ھېلىقى يىگىرمە ئىككى ئائىلىگە يولۇقۇپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپتۇ. يىگىرمە ئىككى ئائىلىگە يولۇقۇپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپتۇ. يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارغا: «ئەي ئادەملەر، ھېلىقى ئادەم (زۇلقەرنەين) بىر يولۇچى، ئۇ بىر يەردە تۇرمايدۇ، بىز بەرىبىر ئۆز يېرىمىزدە ئۆزىمىز قالىمىز» دەپتۇ. ئۇلار ئىككى ئائىلىگە تۈركچە: «قال ئاچ - مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىڭلار» دەپتۇ. كېيىن ئۇلار «خالاچ» دەپ ئاتىلىپ قالغان، خالاچلارنىڭ ئەسلى شۇ، ئۇلار ئىككى قەبىلىدۇر.
زۇلقەرنەين كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئادەملەر ئۇزۇن چاچلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈركلەرگە خاس بەلگىلەرنى كۆرۈپ ئۇلاردىن گەپ سورىمايلا بۇلار «تۈرك مەنەند» (تۈرككە ئوخشايدۇ) دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز ئۇلارغا بۈگۈنگە قەدەر نام بولۇپ قالغان.
خاقان «شۇ» چىن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. زۇلقەرنەين ئۇنىڭ كەينىگە چۈشىدۇ. ئۇيغۇرلارغا يېقىن بىر يەردە خاقان زۇلقەرنەينگە بىر قىسىم چارلىغۇچى قوشۇن ئەۋەتىدۇ. زۇلقەرنەينمۇ شۇنداق قوشۇن ئەۋەتىدۇ. توقۇنۇش نەتىجىسىدە زۇلقەرنەين ئەۋەتكەن قوشۇن قوشۇن مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ توقۇنۇش «ئالتۇن قان» دېگەن يەردە بولغانىكەن. بۇ تاغ ھازىرقى كۈندە «ئالتۇنخان» دەپ ئاتىلىدۇ. زۇلقەرنەين ئەنە شۇ يەردە خاقان بىلەن سۈلھى تۈزىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى بىنا قىلىدۇ ۋە بىر مەزگىل شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. زۇلقەرنەين چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، خاقان شۇ قايتىپ كېلىدۇ ۋە بالاساغۇنغا قەدەر ئىلگىرىلەيدۇ، ئاندىن ئۆز نامى بىلەن ئاتالغان «شۇ» شەھىرىنى سالدۇرۇپ، ئۇ يەرگە بىر تىلسىم قۇرغۇزىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە لەيلەكلەر ئۇ تىلسىملىق شەھەرنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ توختاپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ. تىلسىم بۈگۈنگە قەدەر بۇزۇلماي كېلىۋاتىدۇ.