UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئۈچمىراۋان بۇت سۇۋۇقى (ئادەم كۈچى بىلەن قېزىلىدىغان تاغ ئۆڭكۈرلىرى سوۋۇق دەپ ئاتىلىدۇ)

ئۈچمىراۋان بۇت سۇۋۇقى (ئادەم كۈچى بىلەن قېزىلىدىغان تاغ ئۆڭكۈرلىرى سوۋۇق دەپ ئاتىلىدۇ)

رېۋايەتلەر رېۋايەت قىلىنىشچە، بۇرۇنقى زاماندا قەشقەردە بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ چىرايلىق، زېرەك يالغۇز قىزى بار ئىكەن. ئۇنىڭ تولىمۇ ئارزۇلۇق - ئەتىۋار ئىكەن. ئەپسۇسكى، مەلىكە كىچىدىكدىن تارتىپ ئەركە بولغانلىقى ئۈچۈن تېنى ئاجىز، كېسەلمەن ئىكەن. بىركۈنى مەلىكە كېسەل بولۇپ قېلىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. پادىشاھ كۆڭۈل قويۇپ داۋالاتقان بولسىمۇ ، سەللىمازا ساقىيىپ كېتەلمەپتۇ. ئۇ تازا بىئارام بولۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىرتتىن بىر رەمچى كېلىپ پادىشاھقا: - ئى پادىشاھى ئالەم، سىلىنىڭ مەلىكىگە يۈز كۈن ئىچىدە بىر كېلىشمەسلىك بار، شۇڭا ئۇ مۇشۇ يۈز كۈن ئىچىدە تالا - تۈزگە چىقماي، ھەسەل ھەرىسىنىڭ چېقىۋېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. مۇشۇ يۈز كۈن ئۆتۈپ كەتسىلا، مەلىكە ھەم شىپا تاپىدۇ، ھەم ئاپەتتىن قۇتۇلىدۇ، - دەپ كېتىپ قاپتۇ. قەشقەردە مېۋە - چېۋە ھىدلىرى پۇراپ تۇرغان ئاشۇ كۈنلەردە، بال يىغىش بىلەن بولۇۋاتقان ھەسەل ھەرىلىرى ھەممە جايدا بولغاچقا، مەلىكىنىڭ بۇ ھاشاراتلارنىڭ زىيان سېلىشىدىن ساقلىنىش تەس ئىكەن. بولۇپمۇ ياز ۋە كۈز كۈنلىرى شۇنداق ئىكەن. پادىشاھ تولا ئويلاپ مۇۋاپىق چارە تاپالماپتۇ - دە، ۋەزىرلىرىنى ئەقىل كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىپتۇ. ۋەزىرلەر ھەرخىل چارە - تەدبىرلەرنى كۆرسىتىپتۇ. ئاخىر بىر ۋەزىر:«مەلىكىنى شامال ئۆتىشىپ تۇرىدىغان ، ھەسەل ھەرىسى ۋە باشقا ھاشاراتلار ئاسان بارالمايدىغان بىر جايغا ئاپىرىپ پاناھلاندۇرايلى» دەپتۇ. پادىشاھ بۇ چارىنى مۇۋاپىق كۆرۈپ مەلىكە پاناھلانغۇدەك مۇۋاپىق ئورۇن تېپىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. ۋەزىر ۋە مۇلازىملار چاقماق دەرياسى بويىدىكى بىر تىك تاغ باغرىدىن بىر سۇۋۇق(ئۆڭكۈر) ياساشنى مۇۋاپىق كۆرۈپتۇ. چۈنكى، ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتىدىغان دەريا ساھىلى ناھايىتى سالقىن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار تاغنىڭ تىك بېلىگە سۇۋۇق كولاپتۇ. سۇۋۇق ئىچكىرى - تاشقىرى ئالتە ئېغىز بولۇپ، ناھايىتى كۆركەم، ھەشەمەتلىك قىلىپ ياسىلىپتۇ. پادىشاھ مەلىكىگە بىر نەچچە كېنىزەكلەرنى قوشۇپ سۇۋۇققا پاناھلىنىشقا ئەۋەتىپتۇ. ئۇلار سۇۋۇقتا توقسان توققۇز كۈننى ساق - سالامەت ئۆتكۈزۈپ، بىركۈن قالغاندا بىر باققال سۇۋۇق ئالدىدىن «ئۈزۈن ساتىمەن» دەپ ئۆتۈپتۇ. مەلىكىنىڭ ئۈزۈم يېگۈسى كېلىپ كېنىزەكلىرىنى ئۈزۈم ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. باققال بىر سۈكەن ئۈزۈمنى مەلىكىگە سوۋغات قىپتۇ. مەلىكە سۈكەندىن بىر ساپاق ئۈزۈمنى ئېلىپ بىر تال ئاغزىغا سالاي دەپ تۇرۇشىغا، سۈكەن بىلەن بىللە كەلگەن سېرىق ھەرە ئۇنى چېقىۋاپتۇ، مەلىكە قازا قىپتۇ. باشقا بىر رېۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، مەلىكە كىچىكىدىن باشلاپ قارا دۆدىن قورقىدىكەن. بىر كۈنى، ئۇنى چۈشىدە دۆ چىقىۋاپتۇ، ئۇ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. پادىشاھ مەلىكىنى ئۇزاق داۋالاتقان بولسىمۇ، مەلىكە ساقىيالماپتۇ، ئۇ ھە دېسىلا «دۆ كەلدى، چېقىۋالدى» دەپ جۆيلۈيدىكەن، پادىشاھ مەلىكىنى بۇ ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئۈمىراۋاندىكى تىك تاغنىڭ بېلىگە ھازىرقى سوۋۇقنى ياساتقانىكەن. ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، بەشكېرەملىك باققاللار ئۆرۈك ساتقىلى چىقىپ مەلىكىگە بىر سۈكەن ئۆرۈك سوۋغات قىپتۇ. مەلىكە ئۆرۈك يېگۈچە سۈكەن بىلەن بىللە چىققان دۆ ئۇنى چېقىۋېلىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت