«قارا تەقى»لىك ۋە «ئاق تەقى»لىكلەر
رېۋايەتلەر
مەقدۇم ئەزەم (خوجا ئەھمەت كاسانى) ئوقۇپ، چوڭ بولۇپ، قىرانلىق مەزگىلگە قەدەم قويغاندا ئۇنىڭ ئىلمىي پەزىلەتتىكى داڭقى ئەتراپقا تارقىلىپتۇ. خوراسان، ماۋارا ئۇننەھر خەلقىمۇ مەقدۇم ئەزەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، ئىلمىي پەزىلىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنى بەكمۇ ئىززەت ھۆرمەتلەپتۇ.
مەقدۇم ئەزەمنىڭ داڭقى سەمەرقەند پادىشاھى ئەمىر مۇھەممەد بارلاسنىڭ قولىقىغا يېتىپتۇ. ئەمىر مۇھەممەد بارلاس مەقدۇم ئەزەمگە ئەقىدە ئىخلاس قىلىپ، ئۇنى سەمەرقەندكە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلدۈرۈپتۇ ھەمدە مەقدۇم ئەزەمنىڭ رازىلىقى بىلەن «كاسان» غا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى، مەقدۇم ئەزەم ئەمىر مۇھەممەد بارلاسقا ئۆز خوتۇنىنىڭ تۇغماسلىقىدىن شىكايەت قىپتۇ. بۇ شىكايەتنى ئاڭلىغان ئەمىر مۇھەممەد بارلاس مەقدۇم ئەزەمگە ئىچ ئاغرىتىپ، ئۆز كېنىزەكلىرى ئىچىدىكى «شادىمان» ئىسىملىك بىر گۈزەل تۈركمەن قىزنى ھەدىيە قىپتۇ ھەمدە:«ئەگەر بۇ كېنىزەك ھامىلدار ھامىلدار بولۇپ تۇغۇپ قالسا، تۇغۇلغان پەرزەنتىنى قېشىمىزغا ئېلىپ كەلىسىلە» دەپ ئىلتىماس قىپتۇ. ھەزرىتى مەقدۇم ئەزەممۇ ئەمىر مۇھەممەت بارلاسنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، كېنىزەكنى ئۆز نىكاھىغا ئاپتۇ. كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپ، بۇ كېنىزەك مەقدۇم ئەزەمگە بىر جۈپ ئوغۇل تۇغۇپ بېرىپتۇ. بۇ ئوغۇللار تۇغۇلۇپ يەرگە چۈشكەندە ھەر بىرىنىڭ سىقىمىدا قان تۇتۇقلۇق ئىكەن. بۇنىڭدىن پادىشاھ ئەمىر مۇھەممەد بارلاس خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بۇيرۇق بېرىپ بالىلارنى ھۇزۇرىغا ئالدۇرۇپ كەپتۇ. ئۇلارنى تەربىيىچىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن قارىمىقىدىكى ئۈچ يۈز نەپەر مۇنەججىم، قۇرئاندازلارغا بۇ ئىككى سەئىدزادىلەرنىڭ بەخت - دۆلىتى، تەلىيىگە قۇرئى سېلىپ، ئۆزىگە خەۋەر بېرىشنى ئەمىر قىپتۇ. شاھنىڭ ھۆكمى بويىچە مۇنەججىملەر بىر جايغا جەم بوپتۇ. كېتابلرىنى ئېچىشىپ، ئون ئىككى بۇرج، يەتتە يۇلتۇز، ئۈچ يۈز ئاتمىش ساھابىتلەرنى تەكشۈرۈپ:«بۇ سەئىدزادىلەرنىڭ تۇغۇلغان سائىتى ئەقرەبنىڭ 7 - دەرىجىسىدە مىرىخقا مۇقابىل بولۇپ، نەھىسى ئەكبەر ئىكەن» دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىپتۇ. ھەمدە بۇ خۇلاسىنى پادىشاھ ئەمىر مۇھەممەد بارلاسقا يەتكۈزۈپتۇ. ئەمىر مۇھەممەد بارلاس بۇ خۇلاسىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ. مۇنەججىملەر ئەمىر مۇھەممەد بارلاسقا مۇنداق دەپتۇ: «بۇ ئىككى سەئىدزادە ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنىدۇ، بۇ ئىككى گۇرۇھ بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ نەچچە يۈز مىڭ كىشىنىڭ ناھەق ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن پادىشاھلار دۇنياغا كېلىپ شۆھرەت قازانغۇسىدۇر . . . »
مەقدۇم ئەزەم ۋاپات بولۇپ ئۇنىڭ شەيخلىق ئورنىغا چوڭ ئوغلى خوجا مۇھەممەد ئىمىن ۋارىسلىق قىپتۇ. بۇ ئىشقا قاتتىق رەشىك قىلغان ئىنىسى خوجا ئىسھاق ۋەلىيۇللا سەمەرقەندتىن يامانلاپ قەشقەرگە كەپتۇ. بۇ دەل سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانلىرىدىن ئابدۇكېرىمخاننىڭ دەۋرى ئىكەن. ئۇ يەكەن، خوتەنلەردىن سەكسەن مىڭ كىشىنى ئۆزىگە مۇرت قىپتۇ. سۇلتان ئابدۇكېرىمخاننىڭ ئىنىسى قۇرەيش سۇلتانمۇ خوجا ئىسھاق ۋەلىيۇللاغا قول بېرىپ مۇرت بوپتۇ. خوجا ئىسھاق ۋەلىيۇللا ئۆز مۇرتلىرىغا : «قىيامەت بولغاندا مەن جەننەتنىڭ ئىشىكىدە تۇرىمەن. سىلەرنى بېشىڭلاردىكى قارا تەقى (بۆك)دىن تۇنۇۋېلىپ جەننەتكە ئېلىپ كىرىمەن. شۇڭا ھەممىڭلار بېشىڭلارغا قارا تەقى كىيىڭلار!» دەپ بۇيرۇپتۇ.
خوجا ئىسھاق ۋەلىيۇللانىڭ قەشقەرگە كېلىپ يۇقىرى ئىززەت - ھۆرمەت، يۈز - ئابروي تاپقانلىق خەۋەر ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئاكىسى خوجا مۇھەممەد ئىمىننىڭ قولىقىغا ئاڭلىنىپتۇ. بۇ ئىشقا خوجا مۇھەممەد ئىمىننىڭ ھەسەتخورلۇقى قوزغىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنىسىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى چەكلەش ۋە ئۆزىنىڭ قەشقەرىيىدىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە قەشقەرىيىگە ئاتلىنىپ قەشقەرنى ماكان قىپتۇ. نۇرغۇن كىشىلەر خوجا مۇھەممەد ئىممىننىڭ كارامەتلىرىگە ئىشىنىپ، قول بېرىپ مۇرىت بوپتۇ. ئۇ ئۆز مۇرتلىرىغا قىيامەت كۈنى جەننەت ئىشىكىدە تونۇۋېلىش ۋە جەننەتكە ئېلىپ كىرىشكە ۋەدە بېرىپ ئاق تەقى (بۆك) كىيىشكە بۇيرۇپتۇ.
شۇندى باشلاپ ئاكا - ئۇكىلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق نىزا جاڭجاللار باشىلىنىپتۇ. ئاكا - ئۇكىلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ بۇ نىزا - جاڭجاللارغا ئاددىي پۇقرادىن تارتىپ، موللا، ئۆلىما، ئەمەلدارلارغىچە ئارىلىشىپتۇ. خانلار تەختىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر جېنىدىن جۇدا بوپتۇ. يۇرت قاتتىق تەپرىقچىلىق ئىچىدە قاپتۇ. ھەر ئىككى تەرەپتىن پادىشاھلار مەيدانغا كېلىپ يۇرت سورىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ئەھۋالى بىلەن بولۇپ قېلىپ، خەلقنى بىرەر ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرەلمەپتۇ. شۇڭا «ئاق تەقىلىق» ،«قارا تەقىلىق»لار تارىخ ئۈچۈن بىر قارا داغ بولۇپ قاپتۇ.