ئابدۇللا بۇغرا
رېۋايەتلەر
ئابدۇللا بۇغرا سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاي دېسە ئايدىن چىرايلىق، كۈن دېسە كۈندىن چىرايلىق، ئەقىل - پاراسەتتە ئەپلاتوندەك، كۈچ - قۇدرەتتە رۇستەمدەك ئىكەن. رەقىبلەر ئۇنىڭ مەزمۇت چوڭ بولىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ھەسەت قىلىپ، كېچە - كۈندۈز قارغاپ، قان يۇتۇپ تۇرىدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ ئاكىسى ئوسمان بۇغراخان بىلەن بىرلىكتە ئاتا - ئانىسىدىن بىسوراق ئوۋ ئوۋلاپ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئېتىنى مىنىپ قەشقەردىكى خان ئوردىسىنىڭ شىمالىغا چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇلار ۋاقىت بىلەن ھېسابلاشماي بەشكېرەم دەرياىسىنى بويلاپ ئۇزاقلارغا يۈرۈپتۇ. كىم بىلسۇن، تۇيۇقسىز ھاۋا تۇتۇلۇپ، چاقماق چېقىپ، ئاسمان شىددەتلىك گۈلدۈرلەپ، يامغۇرلار شارقىراپ يېغىپ، دەھشەتلىك قىيان كېلىپ، بۇ ئىككى شاھزادىنى ۋەھىمىلىك قاينام ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىپتۇ. ئوردا نۆكەرلىرى بۇ پاجىئەنى شاھقا مەلۇم قىلىپ، تەرەپ - تەرەپنى ئىزدەپتۇ. كۆپ ئاختۇرۇپ، ھېچ يەردىن شەپىسىنى ئۇچرىتالماپتۇ. ئەتىسى كۈن نەيزە بويى ئۆرلەپ، ھۆل - يېغىن توختاپ، ھەسەن - ھۈسەن ئىنتايىن رەڭدار جىلۋىنىپ تۇرغان بىر دەقىقىدە بەشكېرەمنىڭ بۇچى كەنتىدىن بىر نۇر، چۇمبۇس كەنتىدىن بىر نۇر ئالتۇندەك پارقىراپ كۆزنى قاماشتۇرۇۋاتقۇدەك. كىشىلەر ئۇ يەرگە بېرىپ قارىغۇدەك بولسا بۇچىدا ئابدۇللا بۇغراخاننىڭ، چۇمبۇستا ئوسمان بۇغراخاننىڭ ئالتۇن مېيىتى ئاپپاق خەسىگە رەتلىك كېپەنلىنىپ تۇرغۇدەك. ئۇنىڭدىن ئۆتكۈر بىر سېرىق نۇر چىقىپ تۇرغان. كىشىلەر بۇ كارامەت مۆجىزىدىن ئەقلى لال بولۇپ، ياقىلىرىنى چىشلەپتۇ ھەم خانلىق رەسمىيىتى بويىچە ئۆز جايىغا دەپنە قىلىپ، گۈمبەز قاتۇرۇپ، تۇغ - ئەلەملەرنى تىكلەپ، ۋەخپە ئايرىپ، شەيخ بېكىتىپ دۇئا - تىلاۋەتلىرىدە ياد ئېتىپ تۇرىدىغان بوپتۇ.