ئاقسۇ (ئەردەۋىل )
رېۋايەتلەر
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئاقسۇ دىيارى «ئاقسۇ » دەپ ئاتالمايدىكەن. ئەمما، بۇ يۇرت روناق تېپىپ گۈللەنگەن زامانلاردا ، بىر كۈنى تويۇقسىز ناھايىتى كۆپ قارا بولۇتلار كونىشەھەرنىڭ ئۈستىگە يىغىلىپ كۈن نۇرىنى توسۇۋاپتۇ. پۈتكۈل شەھەر سىياھتەك قاراڭغۇلۇققا چۆمۈپتۇ. كىشىلەر «بۇ نېمە كارامەتتۇ؟»دەپ ياقىسىنى تۇتۇشۇپ، قورقۇپ - تىترىشىپ تۇرغاندا، بىردىنلا قاپاقتىن سۇ تۆكۈلگەندەك يامغۇر يېقىشقا باشلاپتۇ. يامغۇر يەتتە كېچە - كۈندۈز توختىماي يېغىپتۇ. قۇمئېرىق دەرياسى كەلكۈن سۈيىدە تېشىپ، قىرغاقتىكى يۇرت - ماكانلارنى ئەجدىھادەك يۇتۇپ كېتىپتۇ.ل بۇ بالا- قازا كەلكۈن بوۋاقلارنى بۆشۈك بىلەن، بوۋاي- مومايلارنى كارىۋاتلىرى بىلەن كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ. ئۆيلەرنى ئۆرۈپ، كوچا - مەھەللىلەرنى دۆۋە - دۆۋە لاي - توپىلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ. كەلكۈن سۈيىدە شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇپ، توپىلارنى ئېقىتىپ، يەرلەرنى كولاپ تىڭ ياداڭلارنى پەيدا قىپتۇ. شەھەردە ئامان قالغان كىشىلەر ھەر تەرەپكە پىتىراپ كېتىپتۇ. بىر قىسىم كىشىلەر شەھەرنىڭ شىمالىدىكى يار ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ. بۇ يۇرتنى خانى كۇشان پادىشاھلىقىغا قارايدىكەن. بۇ خان بىر قىسىم بەگ - تۆرە ۋە ئەمەلدارلارنى باشلاپ، دەپىن - دۇنيالىرىنى ئېلىپ خەلق توپى بىلەن بىللە يار ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ. خان شۇ يەردە «بالا - قازادىن قۇتۇلدۇم» دەپ خاتىرجەم بولۇپ، باشقىدىن كىشىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئەيش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى باشلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈش - تىرىلىشىنى قىلچە كارى بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن « بالا كەلسە قوش كەپتۇ» دېگەندەك بىردىنلا يەر تەۋرەپ،يار ئۈستىنىڭ بىر قىسمى غۇلاپ چۈشۈپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى يەر يۇتۇپ كېتىپتۇ. ئارقىدىنلا دەھشەتلىك ۋابا كېسىلى تارقىلىپتۇ. كىشىلەر بېشى قېيىپ، ئىچى سۈرۈپ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يېقىلىپ چۈشۈپ قان ياندۇرغىنىچە ئۆلۈشكە باشلاپتۇ . . . .
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرى ئەتىگەندە، يار ئۈستىدىكى كىشىلەر پەسكە قارىسا، ئەسلىدىكى كۆنچى مەھەللىسى دەپ ئاتىلىدىغان كوچىنىڭ ئورنىدا بىر توپ قوي مەرىشىپ، يار ئۈستىگە قاراپ پاناھلىق تىلەپ تۇرغۇدەك. شۇنىڭ بىلەن بىر پالۋان يىگىت يار ئۈستىدىن چۈشۈپ قويلارنى يارداڭلىق بىلەن ھەيدەپتۇ. قويلارنىڭ ئالدىدا يوغان مۈڭگۈزلۈك بىر قوشقار ماڭغانىكەن. يارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە قوشقارنىڭ مۈڭگۈزى ئىككى تەرەپككە تاقىشىپ قاپتۇ. يىگىت كەتمەن بىلەن يارداڭنىڭ ئىككى تەرىپىنى چېپىپ كېڭەيتىپتۇ. قوشقار ئاخىر قويلارنى باشلاپ يار ئۈستىگە چىقىپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ يارداڭلىق «قوشقار پاتماس» دەپ ئاتىلىپتۇ . . .
ۋابا كېسىلى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، كىشىلەر تۈركۈملەپ قىرىلىپ كېتىپتۇ. بۇ يەردە تۇرۇۋەرسە ھاياق قېلىشقا كۆزى يەتمىگەن ئاخىرقى بىر توپ كىشى يۇرتىنى تاشلاپ، ئېچىنىشلىق يىغا - زارە ئىچىدە كۈسەنگە قاراپ كېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھەممە جاي جەسەتلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن بۇ قورقۇنچلۇق شەھەر جىن - ئالۋاستىلار ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. كىشىلەر بۇ شەھەرنى «ئەردەۋىل»(دىۋىلەر ماكانى) دەپ ئاتاشقا باشلاپتۇ.
شۇ ۋەقەدىن خېلى زامانلاردىن كېيىن ئاقسۇ شەھىرى قايتا بىنا قىلىنىپتۇ. «ئەردەۋىل» نىڭ «ئاقسۇ»غا ئايلىنىشى توغرىسىدا سۆز ئۇستىلىرى شۇنداق رېۋايەت قىلىدۇكى، قاچاندۇر بىر چاغلاردا تەكلىماكان بويىدىكى كېتىك شەھرىدە جالالىدىن دېگەن بىر كىشى ياشىغانىكەن. ئۇ بۇخاراغا بېرىپ ئىسلام دىنىدىن ئىلىم تەھسىل قىلىپ «ئۆلىما» دەرىجىسىگە يېتىپتۇ. كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ چاغدا كېتىك شەھرىدىكى كىشىلەر بۇتقا چوقۇنىدىغان بولغاچقا، ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا، كۆپ ساندىكىلەر كىشىلەر قوبۇل قىلىشقا زادى ئۇنىماپتۇ، ھەتتا جالالىدىن كېتىكنى مەسخىرە قىلىپ ھاقارەتلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ غەزىپى كېلىپ بۇ شەھەرنى قۇمغا باشتۇرۇپتۇ.
كېتىك شەھىرى قۇم ئاستىدا قالغاندىن كېيىن، جالالىدىن كېتىك ئامان قالغان كىشىلەرنى باشلاپ شىمالغا يۈرۈپ كۈسەنگە كەپتۇ. كۈسەن خەلقىمۇ بۇتپەرەس ئىكەن. ئۇلار جالالىدىن كېتىكنىڭ قۇم ئاپىتىدە ئامان قالغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. پۇرسەتتىن پايدىلانغان جالالىدىن موللا ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىپ، بىر قىسىم كۈسەن ئاھالىسىنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈپتۇ. ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي جالالىدىن كېتىك ۋاپات بوپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كۈسەن بۇددىسىتلىرى جالالىدىن كېتىكنى بالا - چاقىلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇسۇلمانلارنى چەتكە قېقىشقا باشلاپتۇ. ئامالسىز قالغان مۇسۇلمانلار ئەردەۋىلگە كەتمەكچى بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ جالالىدىن كېتىكنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئېگىز چاقلىق ئىككى يۈز ھارۋا بىلەن خوتۇن بالىلىرى ۋە مال - دۇنياسىنى ئېلىپ ئەردەۋىلگە يېتىپ كەپتۇ. بۇرۇن كىشىلەر ھارۋىنى «توخرىل» دەيدىكەن. شۇڭا، ھارۋىدا كەلگەن كىشىلەرنى «توخرىلار» دەپ ئاتاپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردە «توخرىلار»دېگەن سۆزى «توخۇلا»غا ئۆزگىرىپ شۇلار ماكانلاشقان يەرنىڭ ئىسمى بولۇپ قاپتۇ.
ئارىدىن ئايلار - يىللار ئۆتۈپ ئەردەۋىلدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپتۇ. يۇرتىنى ئاچارچىلىق قاپلاپتۇ. كىشىلەر توپلىشىپ سۇ بوغىزىغا كېلىپ قارىغۇدەك بولسا دەريا سۈيى ئازلاپ پەسكە چۈشۈپ كېتىپتۇ. شۇڭا، ئەردەۋىل تەرەپكە سۇ ئاقمىغانىكەن. ئاخىر بارلىق كىشىلەر تاش - تۇپراقنى توشۇپ دەرياغا تاشلاپتۇ. دەريا توسۇلۇپ ئىككى تاغنىڭ ئارىى سۇغا لىق تولۇپتۇ. دەريا سۈيى كۆتۈرۈلۈپ ئەردەۋىل تەرەپكە ئېقىشقا باشلاپتۇ. سو دولقۇنلىرى ئېھتىياتسىز تۇرغان بىر موللام بىلەن بىر موغۇل (موڭغۇل)نى ئېتىقىپ كېتىپتۇ. يۇرت كاتتلىردىن بىرى خالايىققا قاراپ «موللىنى تۇتۇڭلار، موغۇل ئاقسۇن»دەپ ۋارقىراپتۇ. كىشىلەر دەرھال موللىنى سۇدىن تارتىۋېلىپتۇ ۋە موغۇلغا قاراپ «ئاقسۇن! ئاقسۇن!»دەپ توۋلاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يۇرت «ئاقسۇن» دەپ ئاتىلىپ، ئاستا - ئاستا «ئاقسۇ»غا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ.
دەريا توسۇلۇپ ئاقسۇغا سۇ باشلانغاندىن كېيىن، سۇ مول بوپتۇ. تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، باغۋاران قىلىپ يۇرتنى قايتا ئاۋاتلاشتۇرۇپتۇ . . .
كېيىن يەنە بۇ يۇرتتا ئاجايىپ - غارايىب ئىشلار يۈز بېرىپتۇ. بۇلاردىن بىرى قىرمىش ئاتام ۋەقەسى ئىكەن.
يۇرت ئاتىلىرى بولغان ئاقساقاللىرىمىزنىڭ رېۋايەت قىلىنشىچە، ھەمنان ئىبن كىلىخ (سۇلتان سەيدۇل قىرمىش مۇسۇلمىن) دېگەن زات ئاتەشپەرەشلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلاردىن يېڭىلىپ قېلىپ، ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ، تاغ بويلاپ ھازىرقى قىزىل تاغنىڭ يېنىغا چېكىنىپتۇ. بۇ پايانسىز ئوتتەك ئىسسىق سايدا ئۇلار ئۇسسۇزلۇقتىن ھالسىراپتۇ. ئاتلار ئۆلۈشكە باشلاپتۇ. ھەمنان خۇداغا سېغىنىپ :«ئىبارا خۇدايا، بىز بۇ دەشتتە ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ، جان ھەلقۇمغا يەتتى. بىزگە شىپالىپ ئاتا قىلغايسەن . . . » دەپتۇ. تۈن كېتىپ تاڭ سەھەردە ھەمنان چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ئۇنىڭغا :«ھەي ھەمنان! كۆزۈڭنى ئاچ! دۆڭدىكى يوغان قارا تاشنى يۆتكىسەڭ ،بۇلاق ئېچىلىپ سۇ چىقىدۇ» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ھەمنان ئويغىنىپ، غازاتچىلارنى باشلاپ بېرىپ، چۈشىدە كۆرگەن ئۆيدەك يوغان تاشنى يۆتكىشى بىلەن تەڭلا سۇلار فونتان بولۇپ ئېتىلىپ چىقىپ، تۈگمەن چۆرۈلگۈدەك سۇ ھاسىل بولۇپ، كۈمتۈرۈلۈپ قويغان تەڭنىگە ئوخشايدىغان دۆڭدىن پەسكە چۈشۈپلا يوقاپ كېتىپتۇ. ھەمنان ئىبن كىلىخ سۇنى تاپقاندىن كېيىن سۇنىڭ بويىغا چېدىرلارنىڭ ياغاچلىرىنى سۇغۇرۇپ تىكىپتۇ. چېدىرنىڭ ياغاچلىرى زايە بولماي كۆكلەپتۇ. بۇ سۆگەتلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ھازىرقى قارا سۆگەي ياكى سېرىق سۆگەتنىڭ يوپۇرماقلىرىغا زادىلا ئوخشىماپتۇ. شۇڭا تېرەكلەر «كۆسەي تېرەك» دەپ ئاتىلىپتۇ. بۇ دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى بوراندا قايرىلىپ يېقىلغاچقا، يەرگە تەگكەن يېرىدىن يىلتىز سۈرۈپ كۆكلەپ بەش - ئالتىدىن ئەگمىلەرنى ھاسىل قىلىپ، يەر بېغىرلاپ كۆكلەۋېرىپتۇ.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەمنان ۋە ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ئاتەشپەرەسلەر بىلەن قاتتىق ئېلىشىپتۇ. ئاتەشپەرەسلەر سان جەھەتتىن ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارنى قورشىۋېلىپ بارغانسېرى قىستاپ كەپتۇ. ئامالسىز قالغان ھەمنان ۋە ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى بىلەن قىرىق كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپ، ئاخىر مەردلەرچە قۇربان بوپتۇ؛ ئاتەشپەرەسلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن كېيىنكىلەر بۇلارنى مانا شۇ دۆڭگە دەپنە قىپتۇ. بۇ دۆڭ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان تارام - تارام بۇلاق سۇلىرىنىڭ كارامىتى بىلەن قويۇق دەل - دەرەخ ۋە ئوتياشلارغا پۈركىنىپ تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ . . .
بۇ يۇرتتا يۈز بەرگەن يەنە بىر ئاجايىپ ۋەقە موڭغۇللار دەۋرىدە يۈز بەرگەنىكەن. موڭغۇللارنىڭ بىر سەركەردىسى جامدا شىددەت ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپتۇ. ئۇرۇش جەريانىدا ئۇ بىر بالىسىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپتۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇ بالىسىنى شۇنچە ئىزلەپمۇ تاپالماي كۆزى قىيمىغان ھالدا بۇ يەردىن ئايرىلىپتۇ. ئاندىن ھازىرقى «قازان ئاسما» دېگەن يەرگە كېلىپ چۈشۈپتۇ. بۇرۇن بۇ جايدىن كارۋانلار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدىكەن. ئۆتكەن - كەچكەنلەر بۇ جايدا قازان ئېسىپ تاماق ئېتىپ يەيدىكەن. ھېلىقى موڭغۇل سەركەردىمۇ بۇ يەردە ئۆز ئادەملىرىگە قازان ئېسىپ تاماق ئېتىشنى بۇيرۇپتۇ. ئۇلار قازان ئېسىپ ئوت قالاپ تامىقى پىشاي دېگەندە توساتتىن بىر قويۇن چىقىپ قازاننى توپا - چاڭغا كۆمۈۋېتىپتۇ. سەركەردىنىڭ تاقىتى تاق بولۇپ قازاننى باشقا يەرگە ئاستۇرغانىكەن، يەنىلا شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ. قورسىقى ئېچىپ كەتكەن موڭغۇل سەركەردىسىنىڭ سەپرايى ئۆرلەپ «ئىككىنچى بۇ جايغا قازان ئاسما» دەپ ۋارقىراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن «قازان ئاسما» دېگەن سۆز شۇ يۇرتنىڭ نامىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. موڭغۇل سەركەردە بولسا ئۆز سەپرىنى داۋاملاشتۇرۇپ غەرب تەرەپكە كېتىپ قاپتۇ . . .
جامنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئىككى ئېقىننىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر يۇرت بولۇپ، بۇ يەردە نامەتباي دېگەن بىر قوغۇنچى بار ئىكەن. ئۇ بىر يىلى قوغۇن تېرىپ، قوغۇن پىشىپ يىغىۋالاي دەپ تۇغاندا توساتتىن قوغۇننىڭ ھەممىسى يوقاپ كېتىپتۇ. نامەتباي بېرقپ قارىغۇدەك بولسا بىر بالا قوغۇنلۇقتا مۆكۈنۈپ ئولتۇرغۇدەك ، نامەتباي بالىنىنى تۇتۇۋېلىپ:
_ مېنىڭ قوغۇنلىرىم نەگە كەتتى؟ - دەپ سورىغانىكەن ،بالا:
_ مەن سەركەردە ئاتامنى يىتتۈرۈپ قويدۇم. ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇ قوغۇنلۇقتا جان بېقىۋاتىمەن ، -دەپتۇ. نامەتباي بالىغا باشقا ئازار بەرمەي، ئۆز ئۆيىدە بېقىۋاپتۇ. موڭغۇل سەركەردە خوتەن ئەتراپىدا ئۇرۇش قىلىپ قايتىپ كەلگەندە نامەتباي بالىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئاچىقىپ كۆتۈشتۈرۈپتۇ. بالىسىنىڭ دەردىدە يۈرىكى قان بولغان سەركەردە بالىسىنىڭ ساق - سالامەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدا:
_ بۇ يۇرت ئىككى ئېقىننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىكەن، شۇڭا ئارال باغ بولسۇن ھەم بارلىق ئالۋان - ياساق، سېلىقلار كەچۈرۈم قىلىنسۇن!- دەپتۇ. سەركەردە يەنە نامەتبايغا كۆپلىگەن ئالتۇن - يامبۇ ئىنئام قىپتۇ. شۇنداقلا ئۆز بالىسىنى مۇشۇ يۇرتنىڭ بېگى قىلىپ تەربىيلەپ ئۆستۈرۈشىگە تاپشۇرۇپتۇ. نامەتباي بۇ بالا چوڭ بولغۇچە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن يۇرت سوراپتۇ. كېيىن بالا يىگىت بولۇپ نامەتبايدىن يۇرتنى ئۆتكۈزۈۋاپتۇ. بۇ موڭغۇل مۇشۇ يۇرتلۇق ئۇيغۇر ئايالنى ئەمرىگە ئېلىپ نۇرغۇن پەرزەنت كۆرۈپتۇ. كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادى «قالماق ئىرق»دەپ ئاتىلىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەپتۇ.
نامەتباي بولسا بارغانسېرى بېرىپ مەشھۇر شەخسكە ئايلىنىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ پايانسىز يەرلىرى، تېرىلغۇ بوستانلىرى بار ئىكەن. ئۇنىڭ يەرلىرى تەرەڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىن باشلىنىپ ئاخىرى تەكلىماكانغا تۇتىشىدىكەن. ئۇنىڭ ئىككى ئوغۇل، بىر قىزى بولۇپ، بىر ئوغلى چوقۇر، بىر ئوغلى ئالىۋاش (تاز) ئىكەن، قىزى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، سۇمبۇل چاچلىرى تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرىدىكەن. نامەتباي ياشىنىپ قالغان كۈنلەردە بالىلىرىنى ئاتقا مىندۈرۈپ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، يەرلىرىنىپ پاسىللىرىنى كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن يەرلىرىنى بۆلۈشكە باشلاپتۇ:
_ ماۋۇ جىلغىدىن ئاۋۇ قۇملۇققىچە بولغان يەرلەر چوقۇرنىڭ بولسۇن، قۇملۇقتىن قومۇشلۇققىچە بولغان يەرلەر ئالىۋاشنىڭ بولسۇن، قۇمۇشلۇقتىن يۇلغۇنلۇققىچە بولغان يەرلەر چاچلىق نىڭ بولسۇن، - دەپتۇ. يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە رازىلىقى بىلەن بالىلارغا بۆلۈنگەن يەرلەر دەپتەرگە پۈتۈلۈپ مۆھۈر بېسىلىپتۇ. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يەرلەرنىڭ نامى «ئالىۋاش»، «چوقۇر»، «چاچلىق» دەپ ئاتىلىپتۇ. «چوقۇر»دېگەن ئىسىم بولسا «چوكۇرغا » ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ھازىرقى جام ئورمانچىلىق مەيدانىغا قاراشلىق، چوكۇر، ئالىۋاش ۋە گۈلئاۋات يېزىغا قاراشلىق چاچلىق كەنتلىرىنىڭ نامى پەيدا بوپتۇ.
موڭغۇل بەگ بڭ يۇرتقا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلاردا خەلىققە چىدىغۇسىز جەبىر - زۇلۇم سالغانىكەن. ئۇ شىمالدىكى موڭغۇل پادىشاھىغا توختىماي لەڭ (ئاشلىق ۋە باشقا ئالۋان) تۇشۇتىدىكەن.ھازىرقى «ئاق ئېشەك لەنگەر» دەپ ئاتىلىدىغان جايدا بۇرۇن ئاق بەگ ئىسىملىك بىر بەگ ياشىغانىكەن. بۇ جاي قەدىمكى يول بويىغا جايلاشقان يۇرت بولغاچقا، قونالغۇ، يەنى ئۆتەڭ بولۇپ، بۇ جاينى لەنگەر دەپ ئاتايدىكەن. سودىگەرلەر بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا نەگە چۈشتۈڭ، نەدە تۇردۇڭ دەپ سورىسا «ئاق بەگە لەنگىرى» گە دەپ جاۋاب بېرىشىپ بۇ جاينى ئاق بەگنىڭ نامى بىلەن ئاتايدىغان بولغانىكەن. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن جەنۇبتىن شىمالغا لەڭ توشۇيدىغان ئۆتەڭدە دەم ئالدىغان، بۇ لەڭلەرنى نۇرغۇن ئېشەكلەر بىلەن توشۇيدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى بىر سودىگەر بۇجايدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ دەرەخ - ياغاچلارغا باغلاقلىق تۇرغان ئېشەكلەرنىڭ جىقلىقىنى كۆرۈپ: « نېمىدىگەن تولا ئېشەك بۇ، بۇ جاينى <ئاق بەگ لەنگىرى >دېگەندىن كۆرە <ئاق ئېشەك لەنگىرى >دېگەن تۈزۈككەن» دەپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ جاي ئاق ئېشەك لەنگىرى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋېرىپتۇ.
كېيىنكى كۈنلەردە ئاقسۇ كونىشەھەر خەلقى موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىققا قارىشى نۇرغۇن قېتىم ئىسيان كۆتۈرۈپتۇ، نۇرغۇن جەڭلەرنى قىپتۇ، نۇرغۇن ئاەدەم شېھىت بوپتۇ. ھەر قېتىملىق جەڭدە ھازىرقى توخۇلا يېزىسىغا قاراشلىق تۇغچى كەنتىدىكى كىشىلەر باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، قوشۇننىڭ ئالدىدا تۇغ (بايراق) كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ يۇرتى «تۇغچى »دەپ ئاتىلىپتۇ، ھەتتا ئادەملىرىمۇ «ئەمەت تۇغچى »، «سەمەت تۇغچى»دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپتۇ.