UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتقىرىق قىز دالاسى

قىرىق قىز دالاسى

رېۋايەتلەر «قىرىق قىز دالاسى » - مارالۋېشى جاڭگىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توغراقلىقنىڭ ئەتراپى بولۇپ، يۈزمىڭ مو ئەتراپىدا كېلىدىغان بىر تۈز كەتكەن دالانىڭ ئىسمى. چيەنلۇڭ خان زامانىسىدا (بىر رېۋايەتتە چىڭگىزخان دەۋرىدە)، دولانلىقلارنىڭ قىرىق قىزىنى مانجۇلار بۇلاپ كېتىپتۇ. دولانلىقلار قىزلىرىنى بۇلاپ كەتكەن مانجۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق يېرىگە مۇھەممەد سەئىد لىڭغىرچاق دېگەن كىشىنى ئايغاچلىققا ئەۋەتىپتۇ. ئۇ كىشى ئوتۇنچى قىياپىتىگە كىرىپ، قىرىق قىزنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ. ئۇ شۇ ئەتراپنى ئايلىنىپ يۈرگەندە، قىرىق قىز مۇھەممەد سەئىد لىڭغىرچاقنى كۆرۈپ قېلىپ مۇنداق دەپ ناخشا ئېيتىپتۇ: دولان، دولان دوپپىچاق، ئوتۇن ساتتى بىرقۇچاق. بۇ ئوتۇننى كىم ساتتى، مۇھەممەد سەئىد لىڭغىرچاق. ئوتۇنۇڭنى يۆلەپ قوي، ئەتراپىڭغا قاراپ قوي. سەن بىزنى ئىزدەپ كەلسەڭ، بىز بۇ يەردە بېلىپ قوي. قىزلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ئاشكارىلاپتۇ. مۇھەممەد سەئىد لىڭغىرچاق يۇرتىغا قايتىپ دولان بېگىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىپتۇ. دولانلىقلارنىڭ تاللانغان قىرىق يىگىتى شەپە چىقارماي مانجۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ، قىرىق قىزنى ساق - سالامەت قۇتقۇزۇپ چىقىپتۇ. . ئۇلار شۇ يۈرگىنىچە كەڭ كەتكەن دالاغا كېلىپ توختاپتۇ. دولانلىقلارنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ مەيدانغا كېلىپ، شۇ جايدىلا قىرىق قىزنى ھېلىقى قىرىق يىگىتكە نىكاھلاپ، ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ. بۇ قىرىق جۈپ ئەر - ئايال ئاشۇ مەيدانغا ئۇرۇنلىشىپ ئېرىق - ئۆستەڭ چېپىپ، تېرىقچىلىق قىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جاينىڭ ئىسمى «قىرىق قىز دالاسى» دەپ ئاتىلىپتۇ. دولانلىقلار ئارىسىدا توي - تۆكۈن بولسا ھازىرمۇ مۇشۇ مەيدانغا يىغىلىپ ، ئوغلاق تاتىش، چاقپېلەك، سارغايدى قاتارلىق ھەرخىل ئويۇنلار ئوينىشىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت