تۇغ كەنتى
رېۋايەتلەر
قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ سەمەن يېزىسىغا قاراشلىق «تۇغ»دېگەن بىر كەنت بولۇپ، تارىخىي خاتىرىلەردە «تۇغ» دېگەن ئىسىمنىڭ قويۇلۇشى ھەققىدە مۇنداق رېۋايەت بار.
مانجۇلار زامانىسىدا پەرغانە ئوشتىن سورۇنچى بەگ بىلەن قۇربانجان دادىخان قىرغىز - قىپچاق تالىپلاردىن ئۈچ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن تەشىكللەپ قەشقەرگە كەپتۇ. بۇلارنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان مانجۇ قوشۇنلىرى ئاقتامغا چىقىپ مۇداپىئەلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي ئىككى ئوتتۇرىدا قاتتىق سوقۇش بولۇپ، ئاخىرىدا مانجۇ ئەسكەرلىرى تاشلاپ قاچقان قۇرال - ياراغ، ئات - قېچىر، ئۇزۇق - تۈلۈكنى تالىشىپ جەڭگى - جېدەل قىلىشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۆزبىك، مەن قىرغىز، سەن قىپچاق، مەن شەھەرلىك، سەن تاغلىق دېگەنگە ئوخشاش مىللىي ئايرىمىچىلىق، يۇرتۋازلىق خاھىشى باش كۆتۈرۈپ ئىتتىپاقسىزلىق كەيپىياتى يۈز بېرىپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مانجۇ ئەسكەرلىرى سورۇنچى بەگ قوشۇنلىرىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىپتۇ. ئەقىل - ھوشىنى يوقاتقان سورۇنچى بەگ قوشۇنلىرى مانجۇ ئەسكەرلىرىگە تەڭ كېلەلمەي تۇغ - ئەلەملىرىنى تاشلاپ قېچىپتۇ. مۇشۇ ۋەقەگە ئاساسەن، بۇ جايغا «تۇغ كەنت» دېگەن ئىسىم قويۇلغانىكەن