UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتتىۋىز

تىۋىز

رېۋايەتلەر يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە ئون ئالتە كىلۇمېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ئوچار يېزىسىغا قاراشلىق «تىۋىز » ئاتلىق بىركەنت بار. بۇ كەنتكە «تىۋىز» دېگەن ئىسىمنىڭ قانداق قويۇلۇپ قالغانلىقى ھەققىدە تەزكىرىلەردە مۇنداق بىر رېۋايەت خاتىرلىنىپ قالغان: سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چوڭ ئوغلى ھەسەن بۇغراخان قەشقەر تەختىدە پادىشاھلىق قىلىپ ئولتۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، خۇتەن ئويغۇر بۇددىستلىرى جاڭگاخالخال ماچىن باشچىلىقىدا قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ كەپتۇ. ئۇلار يېڭىسارنىڭ ئالتۇنلۇقتىن قارا ئۆتەڭگىچە بولغان ھەممە يېرىنى ئېگەللەپ بوپتۇ. ھەسەن بۇغراخان بۇنى ئاڭلاپ لەشكەرلىرىنى جەم بولۇشقا بۇيرۇپتۇ. بۇغراخان قوشۇنىدىكى قەشقەرلىك ، سەمەرقەندلىك، بۇخارالىق، خوجەندلىك، ئەنجانلىق، ئۇشلۇق، كاسانلىق، خارەزىملىك، تەبرىزلىك قوشۇنلارنىڭ ھەممىسى ھازىر بوپتۇ. ئەتىسى ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى قىرىق مىڭ لەشكەرنى ئېلىپ يېڭىسارغا يېتىپ كەپتۇ. ئىككى ئوتتۇرىدا قاتتىق جەڭ بوپتۇ. ھەسەن بۇغراخان غازى جاڭگالۇخالخال ماچىنلارنىڭ نۇرغۇن لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ قېنىنى دەريادەك ئاققۇزغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى قىرىپ تۈگىتەلمەپتۇ. بىر قېتىملىق جەڭدە جەڭگالۇخالخال ماچىننىڭ قوشۇنلىرى ھىيلە ئىشلىتىپ تاغ تەرەپكە قاچقان بولۇپتۇ. ھەسەن بۇغراخان قوشۇنىدىكى تەبرىزلىك ئەسلەرلەر ئۇلارنى قوغلاپ تاغ ئارىسىغا كىرگەندە تاغ ئارىسىدىن نەچچە مىڭ بۆكتۈرمە قىلىنغان بۇددىستلار يوشۇرۇنغان يېرىدىن چىقىپ تەبرىزلىك ئەسكەرلەرنى قىرىپ تاشلاپتۇ. ئەسكەر باشلىقلىرىدىن خوجا ئەبۇل مۇزەپپەر تەبرىزى ئەبۇل مەسۇر تەبرىزى، ئابدۇللا ئىبن مۇھەممەد تەبرىزى ئابدۇراخمان ئىبت مۇھەممەد تەبرىزلەرمۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئىسلام ئۈچۈن جەڭ قىلىپ قان تۆككەنلىكىگە ئىسپات قىلىپ «تەبرىز» دەپ ئاتىلىپتۇ. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خەلقنىڭ جانلىق تىلىدا بۇ ئىسىم «تىۋىز»غا ئۆزگىرىپتۇ. بۇ رېۋايەتنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە بۇ جايدا «تىۋىز مازىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مازار بار.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
تىۋىز | UyghurWiki | UyghurWiki