ياقۇپبەگ
رېۋايەتلەر
ياقۇپبەگ قوشۇن تارتىپ خوتەنگە قاراپ يولغا چىققاندىن كېيىن گۇمىدا ھەبىبۇللا ھاجىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ: «مېنىڭ خوتەننى بېسىۋېلىش نىيىتىم يوق. مەن ھاجى ئاتمنىڭ شاراپىتى بىلەن ئىمامى جەئپىرى سادىق پادىشاھىمغا تاۋاپ قىلغىلى كەلدىم» دەپتۇ. ھەبىبۇللا ھاجى خوتەن چېەرىسىغا ئۇنىڭ ئالدىغا سالامغا بارغاندا، ھەبىبۇللا ھاجىنى ئۆلتۈرۈپ ىوتەننى بېسىۋاپتۇ. ئاندىن ئىمامى جەئپىرى سادىق مازىرىغا بىرنەچچە قېتىم بېرىپ تاۋاپ قىپتۇ. ئۇمۇ يوللارنى بەلگىلەپ، مازارغا چىقىدىغان يەرگە بىر دەرۋازا جازىسى ئورناتقۇزغانىكەن. مەسچىتنى رەسمىي خانىقا ۋە مەدرىسە قىلىپ، پىششىق كېسەك بىلەن ھەيۋەتلىك قىلىپ سالدۇرۇپ، تاملىرىغا ئايەت ۋە نەقىشلەرنى ئىشلەتكۈزگەنىكەن. ئەپسۇسكى، بۇ ئاسار ئەتىقە تەكلىماكان چۆلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇشىغا قارىماي «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىۋېتىلدى.
ياقۇپبەگ ئۆز ۋاقتىدا يەنە دۇئا - تىلاۋەت ئۆيلىرى يېنىدا نەزىر - چىراغ ئۆيى بىنا قىلدۇرۇپ، بۇ يەرگە بىر چوڭ داشقازان تەقدىم قىلغان. بۇ قازان ئىچى گىرۋىكىگە مۇنداق بىر كۇپلېت غەزەل نەقىشلەنگەن:
«تەقدىم قىلدى بۇ قازاننى مۇھەممەت ياقۇپ،
نە ئەيلەيىن دۇنيا ئېلى خاكى مەرغۇب.»
بۇ قازان ئالتۇندىن ياسالغان بولۇپ، ئوتتۇز - قىرىق چارەك گۈرۈچتە پولۇ قىلغىلى بولاتتى.