چىۋىننىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە رېۋايەت
رېۋايەتلەر
پىرئۇن پادىشاھ ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ ھوقۇق - ئىمتىيازى ۋە مول بايلىقىدىن پەخىرلىنىپ، پۈتۈن تەۋەلىكىگە ئۆزىنى «خۇدا» دەپ جاكارلاپ خۇدالىق دەۋاسى قىپتۇ. بۇنىڭغا خالايىقنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر يېڭى مۆجىزە يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تۆمۈرنىڭ ئۇۋىندىسىنى بىر قاچىغا ئېلىپ ئاغزىنى ئېتىپ، بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن خۇدادىن:
خۇدايا، خەلىقنىڭ ئالدىدا مېنى شەرمىسار قىلمىساڭ، بۇ دۇنيادا مېنىڭ دېگىنىمنى بەرسەڭ، دەپ تىلەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن سېخىي ئاللا ئۇنىڭ تەلىپىنى ئىجابەت قىلىپ قاچىدىكى يېپىپ قويغان تۆمۈر ئۇۋىندىلىرىنى«چىۋىن» دىن ئىبارەت بىر مۆجىزىگە ئايلاندۇرۇپتۇ. پىرئون خالايىق ئالدىدا بۇ قاچىنى ئاچقانىكەن، ئىچىدىكى تۆمۈر ئۇۋىندىلىرى دەرھال قانات ياساپ ئۇچۇپ چىقىپتۇ. پىرئون ئۆزىنى خالايىق ئالدىدا كۆرسىتىپتۇ. چىۋىن ئەنە شۇنداق پەيدا بولغانىكەن.